ئاتاۋۇللا ئەمەت

ئاتاۋۇللا ئەمەت

ئاتاۋۇللا ئەمەت 1968-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى دا ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاتاۋۇللا ئەمەت
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1968-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى قەشقەر ئونۋىرسىتىتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاتاۋۇللا ئەمەت 1968-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى دا ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تالانتلىق يازغۇچى.

ئاتاۋۇللا ئەمەت 1986-يىلغىچە ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى دا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاتۇش شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1991-يىلى قەشقەر ئونۋىرسىتىتىنىڭ  جوڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.

ئاتاۋۇللا ئەمەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1987-يىلى «قىزىلسۇ گىزىتى»دە ئېلان قىلىنغان، «ئۆسمۈر چاغلار» ناملىق شىئىرى بىلەن باشلانغان.

ئاتاۋۇللا ئەمەتنىڭ «ئۆسمۈر چاغلار» ناملىق شىئىرى، «ئويۇنچۇق»، «يېشىلگەن سىر»، «يېپىق سۆيگۈ»، «بوسۇغا داۋان»، «يىللار»، «ئارتۇچنامە»، «ئۆچمەس سۆيگۈ»، «مىكرافون»، «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» قاتارلىق 300 پارچىدىن  ئارتۇق شېئىرى، «جۈپتى يوق ئادەم »، «تىلەپ تاپقان خاپىلىق»، «ئۆزەم بىخۇتلۇق قىلغان» قاتارلىق 10 پارچە ھىكايىسى، «كورىيەگە قىشلىق ساياھەت»، «پايتەخىت تەسىراتى» قاتارلىق ئەدەبىي خاتىرىلىرى، «ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا دوسكىدىن پايدىلىنىش بىر خىل-سەنئەت»، «سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»، «مەن مەكتەپ مۇدىرى بولسام»، «مەن ھىس قىلغان مائارىپ» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ماقالە ئەسەرى، «كونا بازاردىكى ئىزلار»، «مەشئەل» ناملىق (بىرلەشمە) كىتابلىرى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#