مامكاپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مامكاپمامكاپ بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مامكاپ بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «مامكاپ»، «كاككۇكگۈلى»، «كاپ – كاپ» ياكى «سۈت ئوت» قاتارلىق ناملاردا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئېتىزلىقلار، يول بويلىرى،ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بار.
ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش توسالغۇلارنى ئېچىش.
مامكاپ1. قۇرۇق مامكاپتىن 35 گرام، ھۆل مامكاپتىن 70 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. مامكاپتىن 35 گرام، قىرىقىز ئۇرۇقىدىن 12 گرام، يەر توزغىقىدىن 20 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 4 گرام ئېلىپ، بۇ دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، ئۆتكۈر بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. مامكاپتىن 35 گرام، ئۈچقاتتىن 12 گرام، بىنەپشىدىن 10 گرام، بىخ سۇستىن 8 گرام ئېلىپ، بۇ دورىلارنى قاينىتىپ ئىچسە، چىيقان، غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مامكاپ دەملىمىسى
كېسەللىك مىسالى
سۈت بېزى ياللۇغى، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، يىڭناسقۇ، ئۆتكۈر بادامسىمان بەز ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىق، چىيقان، غەلۋىرەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنجى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.