ئۈرۈمچى شەھەرلىك رەڭلىك مېتال سانائەت مەكتىپى

ئۈرۈمچى ئالتۇن سانائىتى مەكتىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سابىق جۇڭگو رەڭلىك مېتال سانائىتى باش شىركىتى غەربىي شىمال رايونىدا تەسىس قىلغان بىردىنبىر ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتەپ. 1986-يىلى  قۇرۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك رەڭلىك مېتال سانائەت مەكتىپى
باشقا نامى ئالتۇن سانائىتى مەكتىپى
ئورنى قەشقەر شەرقىي يولى 13 نومۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌鲁木齐市有色金属工业学校
قۇرۇلغان ۋاقتى 1986-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەنە ئۈرۈمچى ئالتۇن سانائىتى مەكتىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سابىق جۇڭگو رەڭلىك مېتال سانائىتى باش شىركىتى غەربىي شىمال رايونىدا تەسىس قىلغان بىردىنبىر ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتەپ. 1986-يىلى  قۇرۇلغان، ھازىر بۇ مەكتەپتە رەڭلىك مېتال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىمالىي جۇڭگو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى چوڭلار مائارىپ شۆبىسى، كۈنمىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتى. جېجياڭ ئىقتىساد ئالىي تېخنىكومىنىڭ سىرتتىكى ئوقۇش پونكىتى تەسىس قىلىنغان. ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ قاتلاملىق مەكتەپ ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلگەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ئىشلىرى ئەتراپلىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى لاياقەتلىك، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ئەلا بولۇپ باھالانغان. 1996-يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى «2+3» ئالىي تېخنىكوم سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 152514 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 38000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كان قىدىرىش، كان تاللاش قۇرۇلۇشى، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇش، ئانالىز خىمىيىسى، رەڭلىك مېتال تاللاش، ئېلېكترو ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئىشخانائاپتوماتلاشتۇرۇش، كەپشەرلەش ھۈنىرى ۋە ئۈسكىنىسى، كومپيۇتېر قوللىنىش، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماھارىتى، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان ھەمدە 32 كەسپىي تەجرىبىخانىسى، تەجرىبە زاۋۇتى قۇرغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 65187 پارچە. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 190 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 2050 نەپەرگە يېقىن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك رەڭلىك مېتال سانائەت مەكتىپى بېكىتى 

http://www.11467.com/wulumuqi/co/33815.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#