بالىلارنى ئېمىتىش

بالىلارنى ئېمىتىش

ئىلگىرى تۇغۇتتىن كېيىن پەقەت ئانىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغىلا دىققەت قىلىنىپ، بالىنى قەرەللىك ۋاقىت ئېمىتىش تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس، ھازىر بىز بالىنىڭ قاچان ئەمگۈسى كەلسە شۇ چاغدا ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلارنى ئېمىتىش كېچىدە بالا ئېمىتىش قىياپىتى توغرىسىدا گەپ بولسا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن ئولتۇرۇپ ئېمىتىش كېرەك دېيىشىدۇ، بۇنداق قىلىشىمىز بالىنىڭ ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئويلىمىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئولتۇرۇپ بالا ئېمىتكەندە بالا قېقىلىپ، يۆتىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئانىلار ئەگەر يېتىپ تۇرۇپ بالا ئېمىتىشنى ئۆگىنىۋالسا، ئۆزى ۋە بالىسىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ ھەم ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بەزى ئانىلار دەسلەپتە ئادەتلىنەلمەسلىكى مۇمكىن، خىلمۇخىل قىياپەتتە ئېمىتىپ بېقىپ، ئاندىن ئۆزىگە ماس بولغان ئېمىتىش شەكلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئانا بىلەن بالا يېتىپ تۇرۇپ ئېمىتىش ۋە ئېمىشكە كۆنەلىسە، ئانىنىڭ جاپاسىمۇ يېنىكلەيدۇ. ئانا-بالىمۇ بىللە ئۇخلايدۇ، بالا كېچىسى ئويغىنىپ كەتكەندە، ئانا بىر تەرەپكە ئۆرۈلۈپلا بىر تەرەپتىكى ئەمچەك بىلەن ئېمىتەلەيدۇ ھەم بالا بىلەن ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ئويلىمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئېگىزرەك سېلىنچا سېلىپ، سۈتنى قېقىۋېتىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش، ھەم ئانا ئاۋۋال ئۇخلاپ قېلىپ، بالىنىڭ يۈزىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

بالىلارنى ئېمىتىش ئاياللار بىرىنچى قېتىم ئانا بولغاندا جىددىيلىك ۋە خۇشاللىق ئىچىدە تەشۋىشلىنىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش ئانا ۋە بالىلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى كەچۈرمىش، ئەمەلىيەتتە بالىنى ئەمگۈزۈش بولسا ئاياللارنىڭ يېڭى مېتابولىزمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تۇخۇم ئاجرىتىش، ھەيز كېلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا بىر ئىش بولۇپ، بۇنى تونۇپ يەتكەن ئانىلار كەيپىياتنى تەڭشىيەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا ئېمىتىش ئانىنىڭ خۇشاللىق بىلەن قىلىدىغان ئىشىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئانىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بالىنى ئېمىتىش ھەرىكىتى ئانا تېنىدىكى ھورمۇنلار ئۈچۈن پايدىلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئانىغا نىسبەتەن كۆڭۈللۈك، خۇشاللىنارلىق كەچۈرمىش بولۇپ قالىدۇ. بەدىنىدىكى قوزغاتقۇچى ئېلېمېنتلارمۇ ئانىنى راھەت، تىنچ ھېس قىلدۇرۇپ، كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


بالىلارنى ئېمىتىش راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى دىققىتىنى قوزغىماقتا. راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت. بالىنى ئېمىتكەندە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشىنى تۆۋەنلەتكىلى، بولۇپمۇ ھەيز توختاشتىن ئىلگىرىكى سۈت بېزى راكىنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. يەنە بالىياتقۇ راكى ۋە تۇخۇم نەيچىسى راكى بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى بالا ئېمىتكەن مەزگىلدىكى تۆۋەن ئانىلىق ھورمۇننىڭ قوزغىلىشى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئەمچەك، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم نەيچە ھۈجەيرىلىرىدە كۆپەيگەن ئانىلىق ھورمۇنلارنىڭ بارغانسېرى ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك كېسەللىكىگە ئۆزگىرىش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بالىلارنى ئېمىتىش ئانا سۈتى ئارقىلىق بالا بېقىش يالغۇز بالىغىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ئانىغىمۇ ناھايىتى پايدىلىق. ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا، ئانىنىڭ ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى سۆڭەك بوشاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەسەيتىدۇ. مۇۋاپىق، بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش رولىنى ئويناپ، ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش بالىلارغا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈشتىكى بىرخىل ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن، ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھامىلىدارلىقتىن باشلانغان ئالاقىنى ئۇزارتىدۇ. خۇددى تەننىڭ بىر قىسمىغا ئوخشاش بولۇپ، بالا داۋاملىق ئانىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە ئېرىشىش، راھەت ۋە بىخەتەر ھالدا ئېمىدۇ، بۇ ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يېڭى باسقۇچقا كىرىدۇ.

بالىلارنى ئېمىتىشبالىلارنىڭ كۈندۈزلۈك يېمەك-ئىچمىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەشمۇ بالىنىڭ كېچىدىكى ئېمىش سانىنى ئازلىتىشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، كۆپ قىسىم بالىلار بەزى ۋاقىتتا كۈندۈزى ئويناپ، ئېمىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. قورسىقىنىڭ ئاچقان-ئاچمىغانلىقىغىمۇ دىققەت قىلمايدۇ، كېچە بولغاندا ئاندىن قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئانىنىڭ ئەمچىكىنى 24 سائەت ئېچىلىپ تۇرىدىغان «كىچىك يېمەكلىك دۇكىنى» غا ئوخشىتىپ، خالىغان ۋاقىتتا ئېمىدىغان بولۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا كېچىسى پات-پات ئويغىنىپ ئېمىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاددىي. كۈندۈزى بالىغا كۆپرەك يېگۈزۈپ، بالىنى بىرقانچە قېتىم كۆپ ئېمىتسە، بالىنىڭ كېچىدە قورسىقى ئېچىپ، پات-پات ئويغىنىشىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.

بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا ھەر كۈنى 0.50 كىلوكالورىيىدىن يۇقىرى ئىسسىقلىق سەرپ قىلىنىدۇ، يەنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا 0.50 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا سەمرىپ كەتمەيدۇ. يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلدە يىغىلغان مايلارمۇ خوراپ كېتىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، تاماقنى چەكلەشنىڭ ھاجىتى يوق (بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا تاماق چەكلەش توغرا ئەمەس) بولۇپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مۇۋاپىق دەم ئېلىشى 

قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇت دەم ئېلىشى ئادەتتە ئۈچ ئاي بولىدۇ، بىراق بالىنى مۇشۇ ئۈچ ئايدىن كېيىن سۈتتىن ئايرىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، ئەگەر خىزمەت قىلىدىغان ئانا بولۇپ قالسا، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئانىنىڭ سۈتىنى سېغىپ قويۇپ، ئوبدان ساقلاپ، ئانا ئىشقا كەتكەن ۋاقىتتا باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئۇنى بالىغا بەرسە بولىدۇ، ئانا بالىنى ئېمىتىمەن دەپ چېپىپ يۈرسە، زىيادە چارچاش تۈپەيلى تەن سالامەتلىكىگە، سۈتنىڭ سۈپىتىگە ۋە بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ.

ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېمىتىش

بالىلارنى ئېمىتىشئىلگىرى تۇغۇتتىن كېيىن پەقەت ئانىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغىلا دىققەت قىلىنىپ، بالىنى قەرەللىك ۋاقىت ئېمىتىش تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس، ھازىر بىز بالىنىڭ قاچان ئەمگۈسى كەلسە شۇ چاغدا ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا بالىنى ئېمىتىش قېتىم سانى بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلگىنى بويىچە بېكىتىلىدۇ، بالا ئۇخلىيالماي، ھەر تەرەپكە قاراپ، ئاپىسىنى ئىزدەپ، ئېمىش پەيدا بولۇپ، ھەتتا قاتتىق يىغلايدۇ ياكى ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنىڭ ئىششىپ ئاغرىشى بالىنى ئېمىتىشنىڭ بەلگىسى. ئۇنداقتا ئارىلىقتا بىر-ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ خىل بېقىش ئۇسۇلى «بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىش» (سۈتكە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئېمىتىش) دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىيەت ۋە تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېمىتىش قېتىم سانى ۋە مىقدارى چەكلەنمىگەن ئاساستا ئېمىتكەندە، بالىنىڭ ئېھتىياجى ئېشىپ، تېخىمۇ ساغلام چوڭ بولىدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ ئېمىش جەريانىدا شەكىللەنگەن سۈت چاچراش ئىنكاسى سۈتتىكى ماي مىقدارىنى كۆپەيتىپ، بالىنىڭ يېتىلىشىگە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاندا-ساندا ئېمىتىش سۈتنىڭ يىغىلىشىنى ئازلىتىدۇ. ئانىنىڭ ئەمچىكىنىڭ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلىتىدۇ شۇنداقلا ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاغرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئانا سۈتى بولسا ئەپلىك، ئوزۇقلۇقى تولۇق، بوۋاققا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تەبىئىي يېمەكلىك. بالىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى نۇقتىئىنەزەرلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈتنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئېمىتىشتىن ئىلگىرى ئانا چوقۇم قوللىرىنى پاكىز يۇيۇشى، ئىلمان سۇ بىلەن ئەمچەكنى يۇيۇشى كېرەك. سوپۇن تۈرىدىكى بۇيۇملار بىلەن ئەمچەكنى يۇيۇشقا بولمايدۇ، ئەمچەك توپچىسى پاكىز بولغاندىن كېيىن ئاندىن نەم، پاكىز لۆڭگە بىلەن ئەمچەككە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا ئەمچەكنى ئۇۋۇلاپ، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىش ئىنكاسىنى قوزغاش كېرەك.

بەزى ئانىلارنىڭ خىزمىتى بولغاچقا، دائىم كېچىسى بالا ئېمىتىش ئۇلارغا نىسبەتەن بەك ئاۋارىچىلىك بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. كۈندۈزى روھسىز ھالدا خىزمەت قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالا تېخى ئەمچەكتىن ئايرىش يېشىغا يەتمىگەن بولۇپ، كېچىسى بالا ئېمىتىشتىن قورقۇپ، ھەرگىز ئەمچەكتىن ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كېرەك. كۈندۈزى خىزمەت سەۋەبىدىن، بالا بىلەن بىۋاسىتە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغانغا ۋاقتى بولمايدۇ، كېچىسىمۇ بالىنى ئېمىتمىسە، ئۇنداقتا بالا بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقلىشىپ كېتىدۇ. كېچىسى بالا ئېمىتىش سەۋەبلىك، ئانىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىشىدىن قورقماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەكسىچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ئۇخلىتىدىغان ماددىلار بولۇپ، بالىنىڭ ئۇخلىشىغا پايدىلىق شۇنداقلا كېچىسى بالا ئېمىتىش ئانىنىڭ بەدىنىدىكى سۈت قوزغىتىش ھورمۇنلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئانىمۇ ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇ ۋە ناھايىتى ياخشى ئۇخلىيالايدۇ. 

دورا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش

 دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى دورىلارنىڭ سۈتكە كىرىشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، ۋېناغا ئوكۇل ئۇرۇش، مۇسكۇلغا ئوكۇل ئۇرۇش، دورا ئىچىش ياكى سۈمۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سۈمۈرۈش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى قان سۇيۇقلۇقى ۋە سۈتتىكى قويۇقلۇققا تەسىر قىلىدۇ. مېتابولىزىم ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۈنۈملۈك ۋاقتى قىسقا بولغان دورىلارنى بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۈنۈملۈك ۋاقتى قىسقا بولغان دورىلارنىڭ مېتابولىزم سۈرئىتى تېز بولۇپ، ئانا تېنى ۋە بالىنىڭ تېنىمۇ ناھايىتى تېز ماددا ئالماشتۇرىدۇ. دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالىنىڭ دورىغا قارىتا قانداق ئىنكاسى پەيدا قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر ئىچىۋاتقان دورا بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان دورا بولسا، ئۇنداقتا ۋاقىتلىق ئېمىتىشنى توختىتىش كېرەك. بىراق ئەمچەكنى ۋاقتىدا بوشىتىپ، داۋالىنىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېمىتىشنى باشلىسا بولىدۇ.

خىلمۇخىل مەركىزىي نېرۋىلارنى كونترول قىلغۇچى دورىلار مەسىلەن: فېنتوئىن ناترىي، فېنوباربىتال، دىئازېپام، مېپروبامات لىبرىئۇم دورىسى قاتارلىقلارنى سۈت ئارقىلىق بالا قوبۇل قىلغاندا، بالىنىڭ ئۇيقۇسى ئازلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ھەتتا قانسىراش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. ماددا ئالمىشىشنى چەكلەيدىغان خىلمۇخىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك، ئۇلار بالىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ماددا ئالمىشىشىنى كونترول قىلىپ، بالىنى زەھەرلەپ قويىدۇ. مورفىن، كوكائىن، خېروئىن، كەندىر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك، ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ بۇ مەست قىلغۇچى دورىلارغا بولغان سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نەپەس ئېلىشىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. رادىئوئاكتىپلىق يودلۇق بىرىكمىلەر ۋە تىئوئۇراتسىل، كوئۇمارىن قاتارلىقلار دورىلارنى (مەسىلەن: گىپارىن، ئۇيۇشقا قارشى دورىلار قاتارلىق دورىلارنى) ، ئېرگون ياسالمىلىرى (بالىياتقۇنى تارايتىدىغان دورا) ۋە ئاتروپىن قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈتكە كىرىپ، بالىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە بۇخىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ياكى بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتكەندە ۋاقتىنچە بالىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك.

تەرتىپلىك ئېمىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش 

بالىلارنى ئېمىتىشئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى كىچىك بولۇپ، ئاز-ئازدىن، لېكىن كۆپ قېتىم ئېمىتىش كېرەك. ئاشقازاننىڭ سىغىمچانلىقى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، ھەرقېتىملىق سۈتنىڭ مىقدارىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. سۈتنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتىمۇ بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ ۋە ئېمىتىدىغان ۋاقتىمۇ بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە، ئادەتتە سۈت بالىنىڭ ئاشقازىنىدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا تەرتىپلىك ئېمىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەخمىنەن ئىككى سائەتتە بىرقېتىم ئېمىتسە بولىدۇ. ئەگەر بالا ئىككى سائەتكە توشماي تۇرۇپ يىغلاپ كەتسە، بالىنى ئېمىتمەي، ئازراق قايناق سۇ ئىچۈرۈپ قويسا بولىدۇ. بالا ئېيىغا توشقاندىن كېيىن ئاشقازان تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئاندىن بىكار بولىدۇ، شۇڭا ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ. ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن، تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ، بالا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېمكانقەدەر تويغۇزۇپ ئۇخلىتىشى، بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىش شەكلى بىكار قىلىنىپ، ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

بالىنى تېزراق ئۇخلىتىش ھەم ياخشى ئۇخلىتىش ئۈچۈن، بەزى ئانىلار بالىنى بىر تەرەپتىن ئېمىتكەچ، بىر تەرەپتىن ئۇخلىتىدۇ، بۇ بىر خاتا ئۇسۇل بولۇپ، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىدۇ. ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا چىققان ئاجراتمىلارنىڭ ئىقتىدارى ئازلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتى ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرسا، بالىنىڭ چىشىنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر قىلىپ، سۈت چىشىنىڭ چىرىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بالىنى ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بالىغا ئازراق قايناق سۇ بېرىپ، بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تازىلاش كېرەك. بالا ئۇخلىغان ۋاقىتتا دائىم ئاڭلىق ياكى غۇۋا ھالدا يۇتۇش ھەرىكىتىگە قارىتا قانائەتلەنمەسلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. كېكىردەكتىكى مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكلىقى يېتەرلىك بولماي، نەرسىنى تولۇق يۇتالماي، نەپەس يولى ئېغىزى توسۇلۇپ قېلىپ، سۈتنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىنى، ھەتتا يۆتكىلىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا بالا ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئېمىتسە، بالا ئويغانغاندا تېخى تويمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بىز ئىنسانلارنىڭ مەلۇم نەرسىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. يەنى قورسىقى ئاچقاندا تاماق يېيىش، توڭلىغاندا كىيىم كىيىش قاتارلىق پسىخىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت بالىنى ئۇخلىتىپ ئېمىتكەندە، بالىدا پاسسىپ روھىي كەيپىيات شەكىللىنىدۇ ھەتتا يېمەك-ئىچمەككە بولغان ئىنتىلىشنى يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز.

ھامىلىدار بولغان ۋاقىت — نورمال ھامىلىدار بولغان ۋاقىت (37 ھەپتىگىچە) قا يېقىن بولغاندا، تۇغۇلغان بالىلار ئەگەر سالامەتلىكى يار بەرسە، نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئانىسىنى ئەمسە بولىدۇ. بىراق بەدىنى بىر ئاز ئاجىز بولغان، بالدۇر تۇغۇلغان بالىلار ئانا سۈتىنى سېغىپ بېرىشقا موھتاج. بۇنداق بولغاندا، ئانا بەدىنىنىڭ داۋاملىق سۈت ئاجرىتىلىشى ئۈچۈن غىدىقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بالا بىۋاسىتە ئەمگەندە، ئاندىن ئانىدا سۈت يېتەرلىك بولىدۇ. 

رېزىنكە ئېمىزگۈدىن قانائەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بالىلارنى ئېمىتىشنۇرغۇنلىغان ئانىلاردا بالىلارغا رېزىنكە ئېمىزگۈ ئېمىتىش كۆز قارىشى بار، مەسىلەن: سۈت يېتىشمەي، سۈت پاراشوكى قوشۇش دېگەندەك ياكى بالا دائىم ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ ئۇخلىغاچقا، ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ، بالىسىغا ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئورنىدا رېزىنكە ئېمىزگىنى ئېمىتىپ ئۇخلىتىپ قويىدۇ ياكى بالا دائىم يىغلىسا، ئۇنى پەس قىلالماي، كىچىك بىر رېزىنكە ئېمىزگۈ بىلەن گوللىماقچى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتالىق، ئېمىش بولسا بالىدا تۇغما شەكىللىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان بالىلار ھەتتا ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدىلا ئۆزىنىڭ بارمىقىنى شورايدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ۋاقىتتا بالا ئېمىش ئارقىلىق بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئىزدەيدۇ، مانا بۇ ئېمىزگىنىڭ رولى. بىراق، ھەرقانداق ئېمىزگۈ ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىدەك بالىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، بالىلار دائىم ئېمىۋاتقان ۋاقىتتا ئىختىيارسىزلا ئۇيقۇغا كېتىپ، چىرايىدا كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ئازادىلىك ۋە قانائەتلىنىش پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بالا راستىنلا سىزنىڭ ئەمچەك توپچىڭىزنى ئاغرىتىۋەتسە، بالىغا ئۆزىنىڭ قولىنى شورىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز ياكى بالىلارغا تەسەللىي بېرىدىغان باشقا ئۇسۇلنى تېپىش كېرەك. يەنى بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىش. ئازادە، راھەت كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، ئىللىق قۇياش نۇرىدىن بەھىر ئالغۇزۇپ، يېنىك شاپىلاقلاپ، ئاستا-ئاستا ئۇخلىتىش كېرەك. بالىغا قىلغان ھەربىر ھەرىكىتىڭىز سىزنىڭ ئۇلۇغ ئانىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭىز، بالىڭىزنىڭ رېزىنكە ئېمىزگۈدىن قانائەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك. 

بالىلارنى ئېمىتىشگۈزەللىكنى ياقتۇرىدىغان ئانىلار ھەمىشە بالا ئېمىتىۋەرگەندە ئەمچەكنىڭ بوشىشىپ، خالتىلىشىپ قېلىپ، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى چىڭ، چىرايلىق كۆكسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ناھايىتى مۇھىم قىسىم، ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەندە، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىسى بار. ھامىلىدارلىق مەزگىلدە ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا كۆكسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش ناھايىتى تەس، بىراق ئېغىرلىق ھەممىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەمچەك ئاخىرىدا يەنىلا بوشايدۇ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىز ئۆتمۈشكە ئايلاندى، بارلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتلىقى، ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىڭىزگە بەردىڭىز. چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ، ئانا بولۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇڭ. تۇرمۇش ئوخشاشلا گۈزەل، ۋۇجۇدىڭىزدىن ئاياللارغا خاس بولغان جەلپ قىلىش كۈچى ئۇرغۇپ تۇرسۇن.

ناھايىتى نۇرغۇنلىغان دادىلار بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئايالغا ۋە بالىغا خۇددى ھېچقانداق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوقتەك ئۆزىنى يات ئادەمدەك ھېس قىلىشىپ، ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ دۇنياسىغا كىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دائىم ئۆزىنى كۈچلۈك يالغۇزسىراش ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىشىدۇ، ئەجەبا ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش بىلەن دادىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشتا غەلىبە قازىنىشتا دادىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ۋە كۆيۈنۈشىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بەزى بالىلارغا نىسبەتەن دادىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بولمىسا، ئانا قانداقمۇ خۇشال ئوڭۇشلۇق ھالدا، ئانا سۈتى بىلەن باقالايدۇ؟ دادا بۇ مەزگىلدە ئۆزى ۋە ئائىلىگە ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلىپ، ئانىنى داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە خۇشال بولۇشى ۋە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشى كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#