ئىبراھىموۋ ھېكىم ھاكىموۋىچ
ئىبراھىموۋ ھېكىم ھاكىموۋىچ 1945-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتىدا تۇغۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىبراھىموۋ ھېكىم ھاكىموۋىچ 1945-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1964-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە ئالمۇتا گوگۇل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1971-يىلى ئۆزبېكىستانغا بېرىپ ئوستروۋىسكى نامىدىكى دۆلەتلىك ئۆزبېكىستان تاشكەنت تېياتر ۋە رەسساملىق ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەن.
ئىبراھىموۋ ھېكىم 1978-يىلىدىن بېرى ئۆزبېكىستان رەسساملار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەسپى رەسساملىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلۋاتىدۇ.
ئىبراھىموۋ ھېكىم ھاكىموۋىچنىڭ مەشھۇر ئەسىرى: "شەرق گۈزىلى". ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە شەرق خەلقلىرى ئىجادىغا سىزىلغان ئەسەرلەر ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر-ئۆزبېك كلاسسىكلىرىنىڭ پورترېتلرىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. "ئەمىر تۆمۈر"، "ئەلىشىر نەۋاىي"، "بابۇر"، "قىز خان ئەتلەس"، "يىپەك يولى"، "كۆك بۆرىنى ئېمىۋاتقان بالا" ۋە "شەرق گۈزىلى" كەبى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلىرى چەتئەللەردە كۆرگەزمە قىلىنىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن![0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.