بېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيى

بېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيى

بېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيى(گۇگۇڭ) مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى خانلىرىنىڭ ئوردىسى بولۇپ، مىڭ چېڭزۇ جۇكاڭ يۇڭلېنىڭ 5-يىلى (مىلادىيە 1407-يىلى) دىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىن ھۈنەرۋەن-ئۇستىلارنى توپلاپ 200-300 مىڭ ئىشچى ۋە چېرىكنى ئىشقا سېلىپ، جەمئىي 14 يىلدا پۈتكۈزگەن .

ئۇيغۇرچە نامى بېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيى
چەتئەلچە نامى Beijing's Forbidden City
جايلاشقان ئورۇن بېيجىڭ
خەنزۇچە نامى 北京故宫
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيىبېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيى(گۇگۇڭ) مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى خانلىرىنىڭ ئوردىسى بولۇپ، مىڭ چېڭزۇ جۇكاڭ يۇڭلېنىڭ 5-يىلى (مىلادىيە 1407-يىلى) دىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىن ھۈنەرۋەن-ئۇستىلارنى توپلاپ 200-300 مىڭ ئىشچى ۋە چېرىكنى ئىشقا سېلىپ، جەمئىي 14 يىلدا پۈتكۈزگەن، كۆلىمى زور بولغان ئوردا سارايلىرى توپىدۇر. ئۇ شەرقتىكى ئەڭ كاتتا ئوردا بولۇپلا قالماي، دۇنيا بويىچىمۇ ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئەڭ زور قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.

بېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيىئوردا جايلاشقان جاي خان قەلئەسى دەپ ئاتىلىدۇ. قەلئەنىڭ شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 2500 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 2750 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنى پىششىق خىشتىن قوپۇرۇلغان ئېگىز تام ئوراپ تۇرىدۇ، تۆت تەرىپىدە قوۋۇق بولۇپ، شەرقتىكىسى «دۇڭئەن قوۋۇقى» ، غەربتىكىسى «شىئەن قوۋۇقى» جەنۇبتىكىسى «نەنئەن قوۋۇقى» ، شىمالدىكىسى «دىئەن قوۋۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ. خان قەلئەسى ئوردا باغچىسى، يەنى بېيخەي، جۇڭخەي، نەنخەي دەپ ئاتىلىدىغان باغچىلار، خان ئىبادەتخانىسى، تاج-تەخت سۇپىسى، شۇنىڭدەك خان جەمەتى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

بېيجىڭ قەدىمىي خان سارىيىئوردا شەھەرىستان خان قەلئەسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىختىن «زىجىنچېڭ» دەپ ئاتالغان، بۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەنۇبتىن شىمالغا 960 مېتىر، شەرقتىن غەربكە 760 مېتىر بولۇپ، تۆتبۇلۇڭلۇق تەكشىلىك ھاسىل قىلغان. ئوردا ئەتراپىنى پىششىق خىشتىن قوپۇرۇلغان ئېگىز سېپىل ئوراپ تۇرىدۇ، تۆت بۇرجىكىدە بىردىن ناھايىتى چىرايلىق قاراۋۇل راۋىقى بار. سېپىلنىڭ تۆت تەرىپىدە قوۋۇق بولۇپ، شەرقتىكى «دۇڭخۇا قوۋۇقى» ، غەربتىكىسى «شىنخۇا قوۋۇقى» ، شىمالدىكىسى «شېنۋۇ قوۋۇقى» ، جەنۇبتىكىسى «ۋۇمىن قوۋۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ. «ۋۇمىن قوۋۇقى» ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك سېپىل تەگلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان. قوۋۇق ئاستى يول بولۇپ، كەيپىيات ناھايىتى سۈرلۈك ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇ ئەسىرلەرنى تاپشۇرىدىغان، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى ئېلان قىلىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. 

ئوردىنىڭ تاشقى قوروسى 

«زىجىنچېڭ» ئومۇمىي جەھەتتىن تاشقى قورۇ ۋە ئىچكى قورۇغا ئايرىلغان. تاشقى قورۇ پادىشاھنىڭ ئوردىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان جايى. ئۇ يەردە ئۈچ چوڭ ساراي— «تەيخې» سارىيى، «جۇڭخې» سارىيى ۋە «باۋخې» سارايلىرى بار. بۇ ئۈچ ساراينىڭ ھەربىرى زور ئاق مەرمەر تاشلىق ئۇل ئۈستىگە سېلىنغان، بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە نەپىس نەقىش چىقىرىپ ياسالغان بۇ ئۇل-تەكچىلەر ئادەتتە «سۇمى تەگلىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدى تەرىپىدە كۆلىمى 30 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان مەيدان بولۇپ، ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئادەم ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى سىغىدۇ. مەيداننىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدە «قەلەمدارلار راۋىقى» ۋە «ئەلەمدارلار راۋىقى» دەپ ئاتىلىدىغان راۋاقلار بار. مەيداننىڭ ئالدى قوۋۇقى «تەيخې قوۋۇقى» بولۇپ، قوۋۇق ئالدىدا جىنشۇي دەرياسى ۋە «ۋۇلۇڭ (بەش ئەجدىھا) » كۆۋرۈكى بار. 

ئاساسىي ساراي بولغان «تەيخې» سارىيى قوش لەمپىلىك، يان ساراي شەكىللىك بولۇپ، ئومۇمىي كەڭلىكى9.63 مېتىر، قېلىنلىقى2.37 مېتىر، ئېگىزلىكى 9.26 مېتىر، ئۇل تەكچىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدۇ. شەكلى ناھايىتى كۆركەم، ھەيۋەتلىك. بۇ ساراينىڭ بارلىق بىناكارلىق دېتاللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە زىننەتلىنىش ئۇسلۇبى ئەڭ ئالىي دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ يەردە ئەڭ داغدۇغىلىق مۇراسىملار—تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى، يېڭى يىل بايرىمى، قىشلىق كۈن-تۈن توختىغان كۈندىكى سەجدە قىلىش، خاننىڭ ۋە خان ئەۋلادلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش، پەرمان ئېلان قىلىش قاتارلىق كاتتا مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدۇ. ساراي ئالدىدىكى كەڭ سۇپىغا مىس تاشپاقا ھەيكىلى، مىس تۇرنا ھەيكىلى(ئىسرىق كۆيدۈرۈپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان جاي) ، ۋاقىت بەلگىلىگۈچ، ئۆلچەملىك سىغىم قاچىلىرى قاتارلىقلار قويۇلغان.

 «تەيخې» سارىيىنىڭ كەينىدە «جۇڭخې» سارىيى بولۇپ، بۇ ساراي خان ئوردا ئەمەلدارلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئارام ئالىدىغان جاي، كۆلىمى «تەيخې» سارىيىدىن كىچىك، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى «باۋخې» سارىيى بولۇپ، «تەيخې» سارىيىدىن بىر ھەسسە كىچىك، ئوردا ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان جاي. 

تاشقى قورۇدىكى بۇ ئۈچ ساراينىڭ ئارقىسىدىكى قوۋۇق «چيەنچىڭ» قوۋۇقى بولۇپ، تاشقى ۋە ئىچكى قورۇنىڭ پاسىلى. «چيەنچىڭ» قوۋۇقىنىڭ شىمالى خاننىڭ تۇرمۇش رايونى، يەنى ئىچكى قورۇسى. ئىچكى قورۇدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇشلاردىن جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تىزىلغان «چيەنچىڭ» سارىيى (خاننىڭ ھۇجرىسى) «جياۋتەي» سارىيى، «كۈننىڭ» سارىيى(خانىشنىڭ ھۇجرىسى) شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىدە كىچىك خانىشلار ۋە ئوردىدىكى ئايال ئەمەلدارلار تۇرىدىغان شەرقىي ئالتە ساراي ۋە غەربىي ئالتە ساراي بار. ھويلىنىڭ يەنىمۇ شەرقىدە «نىڭشۇ» سارىيى بولۇپ، بۇ ساراينى چيەنلۇڭ خان تەختنى بوشاتقاندىن كېيىنكى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سالدۇرغان، سارايدا يەنە ياغاچ راۋاق، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى باغ-ئورمانلىق ھويلا مەنزىرىسىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان گۈللۈك قاتارلىقلار بار. ھويلىنىڭ يەنىمۇ غەربىدە ۋەلىدخان يېتىپ-قوپىدىغان «سىنىڭ» سارىيى قاتارلىقلار بار. 

پۈتكۈل ئوردا قەلئەسىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى بىر رايون «يۈيخۇا» باغچىسى، باغچىدا «چىنئەن» سارىيى بار. باغچىغا يىل بويى ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك قارىغاي، ئارچىلار تىكىلگەن، داڭلىق ۋە چىرايلىق گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش پۇراق ھىدلىرى ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا ئاجايىپ-غارايىپ شەكىللەردە ياسالغان سۈنئىي تاغ، فونتان قاتارلىقلار بار، بۇ، خان سارىيى (شەھەرىستان) دىكى ئەڭ يېقىملىق، تەبىئىي جاي ھېسابلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#