شەرقىي ئافرىقا تۈزۈلمە بەلبېغى

شەرقىي ئافرىقا تۈزۈلمە بەلبېغى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ئۈزۈملە بەلباغنى كۆرسىتىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ئۈزۈملە بەلباغنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق چوڭ ئۈزۈلمە بەلباغ بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى زەمبېزىي دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ مالاۋى كۆلىنىڭ شىمالىغا كەلگەندە شەرق ھەم غەربتىن ئىبارەت ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. شەرقىي تارمىقى ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ شەرقىي تەرىپىنى بويلاپ سوزۇلۇپ تانزانىيە، ئوگاندالار ئارقىلىق ئېپوپىيە ئېگىز تەكشىلىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قىزىل دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۇ جايدىن يەنە داۋاملىق شىمالغا سوزۇلۇپ ئەقەبە قولتۇقى ھەم ئىئوردانىيە ۋادىسىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. شەرقىي تارماقنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5800 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. غەربىي تارمىقى ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ غەربىنى بويلاپ زايىد چېگرىسى ئارقىلىق ئوگاندانىڭ شىمالىغا قەدەر بارىدۇ. غەربىي تارماق بۇ جەرياندا تانگانىكا، ۋىكتورىيە، كىيىۋ، ئامىن، موبۇتو كۆللىرى بىلەن ئالبېرت، نىل دەريا ۋادىلىرىنىڭ كېسىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، شەرقىي ئافرىقا ئۈزۈلمە بەلبېغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، كەڭلىكى 50-80 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ كەڭ جايى 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۈزۈلمە ۋادىنىڭ ئىككى تەرىپى تىك تاغلىق بولۇپ، ۋادا يۈزىدىن ئەتراپىدىكى تاغ ئۈستىگە قەدەر بولغان ئېگىزلىك پەرقى 400-1400 مېتىرغا قەدەر كېلىدۇ. بۇ كەڭ سوزۇلغان ئۈزۈلمە ۋادىدا بىر-بىرسىگە يانداش سوزۇلغان چوڭ-كىچىك 30 غا يېقىن كۆل بار. 

ئۈزۈلمە بەلبېغى ئەتراپى ئافرىقا بويىچە يانار تاغ ھەرىكىتى ئاز بولىدىغان رايون بولۇپ، بۇ جايدا ئافرىقا بويىچە ئەڭ ئېگىز كىلمانجارو يانار تېغى(5895m) ، كېنىيە يانار تېغى(5199m) ، رۇۋ نېزورو يانار تېغى(5119m) ۋە نىدا كونگو ھەرىكەتتىكى يانار تېغى بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#