كۆيىدىغان مۇز

كۆيىدىغان مۇز

« موردا ئۈچ بۇرجەكنىڭ » ئاستىغا چۆكۈپ قالغان لاتا قەۋەتلىرىدىكى ئۆسۈملۈك ، ھايۋانلارنىڭ قالدۇقلىرى ۋە تاشلاندۇق ماددا قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار مىليۇن يىللار داۋامىدا چىرىپ ، ئېچىپ كۆپ مىقداردا كۆيىدىغان گاز مېتاننى ھاسىل قىلىدىكەن . شۇ مېتانلار دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ، يۇقىرى بىسىم شارائىتىدا كىرىستاللىنىپ ئالاھىدە بىرخىل مۇز كىرىستالى تىپىدىكى ماددا مېتان كىدراتى - كۆيىدىغان مۇزنى ھاسىل قىلغان .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاتلانتىك ئوكياندا كىشىنى چۆچىتىدىغان « مۇردا ئۈچ بۇرجەك » دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار . 400 يىلدىن بىرى ، شۇ جايدا تالاي قىتىم پاراخۇت ، ئايرۇپىلانلار سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتكەن ياكى باشقا غەيرى ئەھۋاللارغا ئۇچرىغان . شۇڭا بۇ جاي « ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك » دەپمۇ ئاتالغان ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغان ؟ بۇ ھەقتىكى گەپ سۆزلەر بەكلا كۆپ . يېقىندا ئامرىكا ئالىمى دېۋىسسۇننىڭ قارىشىچە « موردا ئۈچ بۇرجەكنىڭ » ئاستىغا چۆكۈپ قالغان لاتا قەۋەتلىرىدىكى ئۆسۈملۈك ، ھايۋانلارنىڭ قالدۇقلىرى ۋە تاشلاندۇق ماددا قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار مىليۇن يىللار داۋامىدا چىرىپ ، ئېچىپ كۆپ مىقداردا كۆيىدىغان گاز مېتاننى ھاسىل قىلىدىكەن . شۇ مېتانلار دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ، يۇقىرى بىسىم شارائىتىدا كىرىستاللىنىپ ئالاھىدە بىرخىل مۇز كىرىستالى تىپىدىكى ماددا مېتان كىدراتى - كۆيىدىغان مۇزنى ھاسىل قىلغان .

مېتان كىدراتلىرىنىڭ سۇيۇلۇش نۇقتىسى مۇزنىڭ سۇيۇلۇش نۇقتىسىدىن يۇقىرى، ئەسلىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بىسىم ئاستىدا ھاسىل بولغان ھەم ئۆزگەرگەن مېتال گىدراتلىرى ئىرىگەن ھامان كۆپ مىقداردا مېتان گازى ھاسىل بولىدۇ شۇ مېتان گازى ھاسىل بولۇش جەريانىدا دېڭىز يۈزىدە كەڭ دائىرىدە دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان غايەت زور كۆپۈك ھاسىل بولغان، شۇ كۆپۈكچىلەر يىغىلىپ غايەت زور كۆپمە گازىنى ھاسىىل قىلغان. پاراخۇتلار زىچلىقى روشەن دەرىجىدە كىچىكلەپ بىرىۋاتقان سۇ دائىرىسىدىن ئۆتكەندە دېڭىز سۈيى يېتەرلىك كۆتۈرۈش كۈچىنى ھاسىل قىلالماي ، پاراخۇتنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ، شۇنىڭ بىلەن پاراخۇت تېزلىكتە دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن. 

ئايروپىلانلار « مودا ئۈچ بۇرجەكنىڭ » ئۈستىدىن ئۆتكەندە ، ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقىدىن چىققان قىززىغان كىرەكسىز گاز ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە يۇقىرىغا قاراپ پۈركۈلىۋاتقان مېتاننى كۆيدۇرگەن ، نەتىجىدە قىچىپ قۇتۇلۇش مومكىن بولمايدىغان ئاپەت يۈز بەرگەن .

ھېسابلاشلارغا قارىغاندا ، مېتان گېدراتلىرىنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ ، ئۇنىڭدا مەۋجۇت بولغان يېقىلغۇ ، ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مىقدارى يەر شارىدا بار بولغان تەبىئىي گاز ، نېفىت ،كۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ ئومومىي زاپىسىدىن 2 ھەسسە كۆپ ئىكەن . شۇڭا ئېنېرگىيە نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا ، شۇ مېتان گىدراتلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك يېقىلغۇ ئېنىرگىيە مەنبەسى بولۇپ كۆپلىگەن ئالىملار ئۇنى 21 - ئەسىرىدىكى نېفىت بايلىق مەنبەلىرى تۈگىكەندىن كېيىنكى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى دەپ قارايدۇ . 

لېكىن ئۇنى چوڭقۇر دېڭىز قاتلاملىرىدىن ئېلىش ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي گاز تەركىبىنى ئاجرىتىپ ئېلىش نېفىت ، تەبىئىي گازلارنى ئېلىشققا قارىغاندا كۆپ قىيىن . 

دۆلىتىمىز ئالىملىرى تەجرىبىخانا شارائىتىدا كۆيىدىغان گازنى ھاسىل قىلدى . 

گەرچە تېخنىكىلىق موھىم ئۆتكەللەر ھەل قىلىنمىغان بولسىمۇ ، مېتىل گىدراتلىرىنىڭ 21 - ئەسىردىكى ئورۇن باسار يېقىلغۇ بولۇپ قىلىشىدىن ئۈمىد زور .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#