جون سترائۇس

جون سترائۇس (1825-1899) ئاۋسترىيەلىك كومپوزىتور، دىرىژور ۋە ئىسكىرىپكا چالغۇچى، ئۇ كىچىكىدىنلا مۇزىكىغا ئامراق بولۇپ، يەتتە يېشىدىلا ۋالىس مۇزىكىسى ئىجاد قىلىشنى باشلىغان. 19 يېشىدا ۋېنادا تۇرۇبىلىق-كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى تەشكىللەپ، پولشا ۋە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋالىس مۇزىكىلىرى يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن، ۋېنا ۋالىسلىرى پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جون سترائۇس
دۆلەت تەۋەلىكى ئاۋسترىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1825-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
كەسپى كومپوزىتور، دىرىژور ۋە ئىسكىرىپكا مۇتەخەسسىسى
خەنزۇچە ئىسمى 约翰·施特劳斯
يۇرتى ئاۋسترىيە ۋيېننا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1899-يىل 6- ئاينىڭ 3-كۈنى
چەتئەلچە نامى Johann Strauss

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 1872-يىلى خون سترائۇس تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ بوستون، نيۇيورك شەھەرلىرىدە ئويۇن قويۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە 2000 كىشىلىك تۇرۇبىلىق-كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى بىلەن20 مىڭ كىشىلىك خور ئۆمىكى بىرلىشىپ ئورۇندىغان ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى «كۆك دۇناي دەرياسى» غا دىرىژورلۇق قىلىپ، مۇزىكا تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان.

 جون سترائۇس ئۆز ئۆمرىدە  168 ۋالىس، 117 پولكا، 43 مارش، 16 ئوپېرېتتا ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قىزغىن، شاد-خۇرام، مېلودىيە خاراكتېرى كۈچلۈك، رومانتىزم كەيپىياتى قويۇق، يۇمۇرلۇق ھېسسىيات مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. كىشىلەرگە تونۇش «كۆك دۇناي دەرياسى»، «ۋېنا ئورمانلىقىدىكى ھېكايە»، «سەنئەتكارنىڭ ھاياتى» قاتارلىق ۋالىسلار ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.

1899-يىلى جون سترائۇس ۋاپات بولغاندا، ۋېنا خەلقى 100 مىڭ كىشىلىك كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

جون سترائۇس دادىسى بىلەن ئىسىمداش. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ۋالىس ئىجادىيىتىدە دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق كومپوزىتورلار. ئادەتتە دادا-بالىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا «چوڭ»، «كىچىك» دېگەن سۈپەتلەر قوشۇلىدۇ. كىشىلەر چوڭ جون سترائۇسنى «ۋالىس مۇزىكىسىنىڭ ئاتىسى»، كىچىك جون سترائۇسنى «ۋالىس پادىشاھى» دەپ ئاتايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#