دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى

ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش چارىسى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى» 2015-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2015-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区国家工作人员实行宪法宣誓制度办法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

                                  (16-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى» 2015-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

                                                                                          2015-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى

(2015-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللانغان).

1-ماددا بۇ چارە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلىش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇشى، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇننى قوغدىشى، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىش ۋە ئۇلارغا تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە بولۇپ، ئالىي قانۇن ئورنىغا، قانۇن نوپۇزىغا ۋە قانۇن كۈچىگە ئىگە. دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى، ئاساسىي قانۇننىڭ پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن بۇرچىنى ئادا قىلىشى شەرت.

3-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى سايلىغان ياكى تەيىنلىگەن، تەيىنلەشنى قارار قىلغان، تەيىنلەشنى تەستىقلىغان دۆلەت خادىملىرى شۇنىڭدەك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشى كېرەك.

4-ماددا قەسەمنامە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولىمەن، ۋەزىپەمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پاك-دىيانەتلىك بولىمەن، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!

5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان ياكى تەيىنلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى ۋە كومىتېت ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئايرىم قەسەم بېرىدۇ، باشقا خادىملار ئەھۋالغا قاراپ تۈركۈم بويىچە قەسەم بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ قەسەم مۇراسىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بېكىتىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىلىدۇ، قەسەم مۇراسىمى ئاندىن ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.

6-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلەشنى قارار قىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، نازىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەركىبىدىكىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مۇدىر ئۈستىگە ئالىدۇ.

7-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، بەنگۇڭتىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مۇدىر ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە كومىتېت ئەزالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ. قەسەم مۇراسىمىنى تەشكىللەشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ. قەسەم مۇراسىمىنى ھاۋالىگە بىنائەن ئىككى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى تەشكىللەيدۇ.

8-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيەنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوتچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ.

9-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شۆبىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيەنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە سوتچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شۆبىسى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياكى باش كاتىپى ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شۆبىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياكى باش كاتىپى ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ.

10-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ شىلىرىدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيەنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە سوتچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ شىلىرىدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى) نىڭ مۇدىرىغا ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ شىلىرىدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ شى شۆبىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ شى شۆبىلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى) نىڭ مۇدىرى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى شۆبىلىرىنىڭ باش تەپتىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ.

11-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيەنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە سوتچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى شۆبىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى شۆبىسى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى شۆبىسىنىڭ باش تەپتىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ.

12-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كورلا، تۆمۈريول تىرانسپورتى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيەنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە سوتچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى سوت مەھكىمىلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى)نىڭ مۇدىرى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كورلار تۆمۈريول تىرانسپورتى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى) نىڭ مۇدىرى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى تۆمۈريول تىرانسپورتى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ.

13-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلغان ۋاكالەت تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى ۋاكالەت تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى) نىڭ مۇدىرى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ، قەسەم يېتەكچىلىكىنى ۋاكالەت تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ.

14-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەشنى قارار قىلغان ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيەنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە سوتچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ. قەسەم مۇراسىمىنى ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچىلىكىنى ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىملىرىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيەنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە سوتچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ. قەسەم مۇراسىمىنى تەشكىللەشنى مۇشۇ ئىككى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەشنى قارار قىلغان ۋىلايەتلىك خەلق تەپتىش شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ. قەسەم مۇراسىمىنى ۋىلايەتلىك شۆبە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياكى مۇئاۋىن مۇدىرىغا ھاۋالە قىلىدۇ. قەسەم يېتەكچلىكىنى ۋىلايەتلىك خەلق شۆبە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك، ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ. قەسەم مۇراسىمىنى تەشكىللەشنى مۇشۇ ئىككى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

15-ماددا ئوبلاستلىق (شەھەرلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلىغان، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن ياكى تەيىنلەشنى قارار قىلغان دۆلەت خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمى مۇشۇ چارىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

16-ماددا يېزىلىق (بازارلىق) خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلىغان دۆلەت خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمى قۇرۇلتاي يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسەتلىرى تەشكىللەيدۇ. قەسەم نازارەتچىلىكىنى بارلىق ۋەكىللەر ئۈستىگە ئالىدۇ. قەسەم يېتەكچىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بېكىتىدۇ.

17-مادادا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئورگانلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئورگانلىرى شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى تارماقلار تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق شى، تۇەن (مەيدان) تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ.

قەسەم مۇراسىمىنى ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورگان تەشكىللەيدۇ، قەسەم نازارەتچىسى ۋە قەسەم يېتەكچىسىنى ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورگان بېكىتىدۇ.

18-ماددا قەسەم مۇراسىمى ئەھۋالغا قاراپ ئايرىم ياكى كوللېكتىپ ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. ئايرىم قەسەم بەرگەندە، قەسەم بەرگۈچى سول قولىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا قويۇپ تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتىنى ئالدىغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئوقۇيدۇ. كوللېكتىپ قەسەم بەرگەندە، بىر ئادەم قەسەم يېتەكچىسى بولىدۇ، قەسەم يېتەكچىسى سول قولىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا قويۇپ، ئوڭ مۇشتىنى ئالدىغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئوقۇيدۇ؛ باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر رەتلىك تىزىلىپ، ئوڭ مۇشتىنى ئالدىغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ قەسەمنامىنى ئەگىشىپ ئوقۇيدۇ.

19-ماددا قەسەم سورۇنى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك بولىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ياكى دۆلەت گېربى ئېسىلىدۇ.

قەسەم بەرگۈچى مۇراسىم كىيىمى كىيىشى كېرەك.

20-ماددا قەسەم بېرىشتە دۆلەت ئورتاق تىلى قوللىنىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت دۆلەت خادىملىرىدىن دۆلەت ئورتاق تىلىدا قەسەم بېرىشتە قىينىلىدىغانلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا قەسەم بەرسە بولىدۇ.

21-ماددا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قەسەم مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان دۆلەت خادىملىرى مۇۋاپىق پەيتتە ئايرىم قەسەم بېرىشى كېرەك.

22-ماددا قەسەم مۇراسىمىنى تەشكىللىگەن ئورگان ئالاقىدار تاراتقۇ ئورۇنلىرىنى قەسەم پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەر بېرىشكە ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ.

23-ماددا خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدىكى قەسەم مۇراسىمىغا يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقۇچىلار سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى مەزگىلىدىكى قەسەم مۇراسىمىغا يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە باشقا سىرتتىن قاتناشقۇچىلار سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

24-ماددا قەسەم مۇراسىمىنى تەشكىللىگەن ئورگان مۇشۇ چارىنى ئاساس قىلىپ ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قەسەم بېرىشكە دائىر كونكرېت بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

25-ماددا بۇ چارە 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن). [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#