جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى

جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى

جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى − جۇڭگو پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، مەملىكەت خاراكتېرلىك تەبىئىي پەن ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن يەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى
قىسقاتىلغان نامى 中国科协、CAST
چەتئەلچە نامى CHINA ASSOCIATION FOR SCIENCE AND TECHNOLOGY
خەنزۇچە نامى 中国科学技术协会
قۇرۇلغان ۋاقتى 1950-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو پەنتېخنىكا جەمئىيىتىجۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 1950-يىلى قۇرۇلغان جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن مەخسۇس ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلەشمىسى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى ئاساسىدا 1958-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدە تەبىئىي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا ۋە گىرەلەشمە پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان150 كە يېقىن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت ياكى تەتقىقات جەمئىيىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش تورىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، تۈرلۈك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى.

جۇڭگو پەنتېخنىكا جەمئىيىتىجۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەقسىتى: ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى تېزدىن زامانىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت. ئۇ «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» فاڭجېنى بويىچە، ئەزالىرىنى ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە قوللاپ، ئىلىمگە دائىر كىتاب-ژۇرناللارنى تۈزىدۇ ۋە نەشر قىلىدۇ؛ پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ؛ پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىدە مەسلىھەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ھەر خىل مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ؛ خەلقئارادا ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ۋەھاكازا.

جۇڭگو پەنتېخنىكا جەمئىيىتىجۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تۈرلۈك ئىلمىي يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلمىي ژۇرناللارنى نەشر قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەر بىلەن دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرى، ئالىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىل شەكىل ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ تېزدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئىلىم-پەننى سۆيۈش، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش تەشۋىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 1988-يىلى مەخسۇس مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا ياشلار مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى. 

جۇڭگو پەنتېخنىكا جەمئىيىتىجۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: لى سىگۇاڭ (1-نۆۋەتلىك) ، جۇ پېييۈەن، چيەن شۆسېن، جۇ گۇاڭيا. ھەر يىلى بىر قېتىم يىللىق يىغىن چاقىرىدۇ. ئومۇمىي يىغىن يېپىق مەزگىلدە دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋەكالىتەن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ، كۈندىلىك ئىشلارنى شۇجىچۇ مەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتايدا سايلىنىدۇ، ھازىرغىچە ئۈچ نۆۋەتلىك رەئىس سايلاپ چىقىلدى، ئۇلار، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، لى سىگۇاڭ، جۇ پېييۈەن ۋە ھازىرقى رەئىس چيەن شۆسىن.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#