نەشپۈت ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرگەن مېۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ بوۋىسى دېگەن نامى بار.نەشپۈت دەرىخى ئەتىرگۈل ئائىلىسى، نەشپۈت ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. بۇ ئۇرۇقداشتا جەمئىي25 تۈر بولۇپ، ئېلىمىزدىلا 14 تۈرى بار

ئۇيغۇرچە ئىسمى نەشپۈت
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئەتىرگۈل ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 梨子
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەتىرگۈل تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى نەشپۈت ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نەشپۈت ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرگەن مېۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ بوۋىسى دېگەن نامى بار. 

جۇڭگو نەشپۈتنىڭ ئەڭ چوڭ كېلىش مەركىزى بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 3000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. تەخمىنەن مىلادىيە 2-ئەسىرلەردە ئېلىمىز نەشپۈتلىرى سودىگەرلەر ئارقىلىق ھىندىستان ۋە پىرسىيىلەرگە تارقالغان بولغاچقا، سانسكرېت يېزىقىدا نەشپۈتنى «چىن شاھزادىسى» دەپ ئاتىغان. نەشپۈت دەرىخى ئەتىرگۈل ئائىلىسى، نەشپۈت ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. بۇ ئۇرۇقداشتا جەمئىي25 تۈر بولۇپ، ئېلىمىزدىلا 14 تۈرى بار بولغاچقا، جۇڭگو يەنە دۇنيا بويىچە نەشپۈت تۈرلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 

ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلۈۋاتقان نەشپۈت سورتلىرىدا جەمئىي ئالتە سىستېما بولۇپ، ئۇسسۇرى نەشپۈتى، ئاق نەشپۈت، قۇم(كۆك) ئامۇت، شىنجاڭ نەشپۈتى، سىچۇەن نەشپۈتى ۋە غەرب نەشپۈتى قاتارلىق جەمئىي 3000 دىن ئارتۇق سورتلىرى بار. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان ئەتىۋارلىق سورتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شىمالىي جۇڭگودا كەڭ ئۆستۈرۈلىدىغان سوقىچاق نەشپۈت(يالى) نىڭ مېۋە شەكلى دۈم تۇخۇمسىمان، مېۋە ساپىقى ئورنى تومپىيىپ چىقىپ ئۆردەكنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ خىل نەشپۈت «نەشپۈتلەر ئىچىدىكى ئەليۇلئەلا» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئەنخۇي ئۆلكىسى داڭشەن ناھىيىسىنىڭ چۈرۈك نەشپۈتى(سۇلى) نىڭ مېۋىسى چۈرۈك ھەم تاتلىق بولۇپ، ساقلانغانسېرى پۇراقلىق بولىدۇ. شەندۇڭنىڭ «لەيياڭلى» نەشپۈتى قەدىمدىن سوۋغات بۇيۇمى قىلىنىدىغان بولۇپ، ئېتى يۇمشاق ھەم تاتلىق. گۈيجۇنىڭ چوڭ سېرىق نەشپۈتى(داخۇاڭ لى) نىڭ چۈچۈمەل ۋە تاتلىقلىق دەرىجىسى كۈچلۈك بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ سەرخىلى دېگەن نامى بار. گۇاڭشى ئۆلكىسى لوڭجىن ناھىيىسىنىڭ تۆت پەسىللىك نەشپۈتى(سىجىلى) ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋىلەيدۇ. سىچۇەن ئۆلكىسى ساڭشى ناھىيىسىنىڭ «داشۆلى» نەشپۈتى ناھايىتى يوغان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى1500 گرام كېلىدىغان بولغاچقا، چوڭلۇقتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

جۇڭگودا نەشپۈت دەرەخلىرىنىڭ مېۋىلەش مەزگىلى(مېۋە بېرىش يېشى) ئۇزۇن، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر ئىقتىسادىي مېۋىلىك دەرەخ سورتلىرى ھېسابلىنىدۇ. 100 يىلدىن ئاشقان نەشپۈت دەرەخلىرىنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى يەنىلا باراقسان بولۇپ، مېۋىلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ھەتتا بەزى تۈپلىرىدىن 1000 كىلوگرام ئەتراپىدا نەشپۈت چىقىدۇ. ئېلىمىزدىكى ئومۇمىي مېۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 5 /1 قىسمىنى نەشپۈت ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يىللىق مەھسۇلاتى ئىتالىيىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

نەشپۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ھۆل پېتى يېگەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭدىن نەشپۈت ئۇيۇتمىسى، نەشپۈت شەربىتى، نەشپۈت مەلھىمى، نەشپۈت ھارىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە، شۇنىڭدەك ئاچچىقسۇ ۋە كونسېرۋا ياساشقا بولىدۇ. نەشپۈت يەنە مۇھىم جۇڭيى دورىسى بولۇپ، خىلىت ھاسىل قىلىپ سىلىقلاش، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. يەنە ئۇنىڭ چىش تازىلاش رولىمۇ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «مېۋە چىش چوتكىسى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    25%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#