ئەڭ ئۆزگىرىشچان قىسقۇچ پاقا

دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ ۋە پەسىيىپ تۇرىدىغان سازلىق ۋە پاتقاقلىق دېڭىز ساھىلىدە بىر خىل ئۆزگىرىشچان كىچىك قىسقۇچ پاقا ياشايدۇ. بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەركىكىنىڭ بىر تال ھەيۋەتلىك يوغان قىزىل قىسقۇچ توختىماي ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى دولقۇنغا تەلپۈنگەندەك يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇنغا تەلپۈنىدىغان قىسقۇچ پاقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئۇيغۇرچە ئىسمى دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا
باشقا نامى Calling Crab
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
ئائىلىسى سايازلىق كرابلىرى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 招潮蟹
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۈركىمى ئون ئاياغلىقلار تۈركىمى
ئۇرۇقدېشى ئۇكا قىسقۇچپاقىسى ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ ۋە پەسىيىپ تۇرىدىغان سازلىق ۋە پاتقاقلىق دېڭىز ساھىلىدە بىر خىل ئۆزگىرىشچان كىچىك قىسقۇچ پاقا ياشايدۇ. بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەركىكىنىڭ بىر تال ھەيۋەتلىك يوغان قىزىل قىسقۇچ توختىماي ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى دولقۇنغا تەلپۈنگەندەك يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇنغا تەلپۈنىدىغان قىسقۇچ پاقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ چوڭ گەۋدىسىنىڭ ئالدىغا سوزۇلغاندا خۇددى ئىسكرىپكا تارتىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ئىسكىرىپكىسىمان قىسقۇچ پاقا ياكى ئىسكىرىپكىچى قىسقۇچ پاقا دەپمۇ ئاتايدۇ. 

 ياشاش ئادىتى

دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقىنىڭ ياشاش ئادىتى پۈتۈنلەي دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىشىگە بويسۇنىدۇ. دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەندە، ئۇ تۆشۈككە كىرىپ دەم ئالىدۇ. دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى كۈنىگە سەككىز قېتىم ئۆزگىرىدۇ. بىر سوتكىدىكى 24 سائەت ئىچىدە رەڭگى ھەرخىل بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، كۈننىڭ چىقىش-چىقماسلىقى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كېچىدە رەڭگى سارغۇچ بولىدۇ؛ ئەتىگىنى كۈن چىققاندا رەڭگى بارغانسېرى قېنىق تۈسكە كىرىدۇ؛ كۈندۈزى دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە، ئۇ تازا جانلىنىپ كېتىدۇ، رەڭگى ئەڭ قېنىق تۈسكە كىرىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىش ۋاقتى كۈندىن-كۈنگە 50 مىنۇت كەينىگە سوزۇلۇپ بارغاندا، دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا رەڭگىنىڭ ئەڭ قېنىق بولىدىغان ۋاقتىمۇ كۈندىن-كۈنگە تەخمىنەن 50 مىنۇت كەينىگە سۈرۈلۈپ بارىدۇ. بۇنداق رەڭ ئۆزگىرىش ھادىسىسى دېڭىز سۈيىنىڭ 24 سائەت 50 مىنۇتلۇق كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىدىكى رېتىملىق قانۇنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا، يەنى قىسقۇچ پاقىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۆزگىرىشچان پاقا ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدا دولقۇن چاقىرغۇچى قىسقۇچ پاقىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#