قەدىمقى مىسىر

قەدىمكى مىسىر

  ئافرىقىنىڭ شەرقى -شىمالىدا غەربى ئاسىيا بىلەن چېگرىلىنىدىغان نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت مىسىر بارلىققا كەلگەن. نىل دەرياسىنىڭ دېلتا رايونى تۆۋەن مىسىر، يۇقارقى ئېقىن رايونى يۇقىرى مىسىر دەپ ئاتالغان. قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتى بۇنىڭدىن 6 مىڭ يىل ئىلگىرى باشلانغان.

ئۇيغۇرچە نامى قەدىمكى مىسىر
ئىنگىلىزچە نامى Ancient Egypt
خەنزۇچە نامى 古埃及
تەۋە رايۇن شىمالى ئافرىقا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمكى مىسىرئافرىقىنىڭ شەرقى -شىمالىدا غەربى ئاسىيا بىلەن چېگرىلىنىدىغان نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت مىسىر بارلىققا كەلگەن. نىل دەرياسىنىڭ دېلتا رايونى تۆۋەن مىسىر، يۇقارقى ئېقىن رايونى يۇقىرى مىسىر دەپ ئاتالغان بولۇپ دەسلەپتە بۇ يەردە ئۇششاق شەھەر دۆلەتلىرى- «نوم»لار بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھام-سام تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان، تىل پەرقى ئۇنچىلا زور بولمىغان ئىرقى قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى شىمالىي ئافرىقا ئىرقىغا مەنسۈپ قەبىلىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر «نوم» نىڭ ئۆز ئالدىغا خۇداسى ۋە ھەربى قوشۇنى بولاتتى. ئىپتىدائى قۇللۇق تۈزۈم ۋە نىل دەرياسىنىڭ قەرەللىك تاشقىنى ئارقىلىق تەبىئى سۇغۇرىلىدىغان يەرلەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مەنبەسى ئىدى. نوملار ئوتتۇرىسىدىكى بىھۇدە ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە بۇ ئۇششاق «نوم»لار ئاستا-ئاستا بىرلىككە كېلىشكە ياكى ئۆزئارا ئىتىپاق تۈزۈشكە باشلىدى. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000-يىللاردا بۇ رايوندا بىر قەدەر چوڭ بولغان  يۇقۇرى ۋە تۆۋەن مىسىر شەكىللەنگەن، بۇ ئىككى مىسىر ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۆزلۈكسىز ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000-يىللار ئۆپچۆرىسىدە تۆۋەن مىسىر پادىشاھى مېنېس يۇقۇرى مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ 120 مىڭ ئەسىرنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ قۇللارنىڭ قولغا چۈشۈشى مىسىر ھۆكۈمرانلىرىنى ئېكىنزارلىق ھە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئارتۇق ئەمگەك كۈچىگە ئىگە قىلغان. مىنىسنىڭ دەۋرىدىن كېيىن مىمفىس پايتەخت قىلىنىپ ئىگىلىك راۋاجلانغان. مېتال ئېرىتىش، ئەينەكچىلىك، ساپان، ھارۋا، ئوغاق، كېمە قاتارلىق دەسلەپكى سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئۇمۇملاشقان. تەسۋىرلىك يېزىق بىلەن ھەرپلىك يېزىق ئارىسىدىكى بىر خىل يېزىق ئۇمۇملاشقان، چەمبەر تۇراقلىغ 3.16گىچە ئېنىقلىنىش بىلەن بىللە جىسىملارنىڭ ھەجمى ۋە يۈزىنى ھىساپلاش تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 18-ئەسىردە ئاسىيادىن كەلگەن بەنى ئىرائىل(يەھۇدى) لار مىسىر پادىشالىقىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغانغا قەدەر بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن مىسىر پادىشالىقىنىڭ پادىشاھلىرى فىرئەۋن دەپ ئاتالغان بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئىلاھقا ئيلىنىپ ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېيىنكى فىرئەۋنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن يېتىشى ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ئېھراملارنى ياساتقان، كېيىنكىلەر ئەجدادلىرىنىڭ جەسىدىنى موميا قىلىپ ساقلاپ، ئۈچ بۇلۇڭسىمان تۆت تەرەپلىك قۇرۇلۇش- ئېھراملارنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەڭ چوڭ ئېھرام ھىساپلانغان فىرئەۋن ھۇپنىڭ ئېھرامى تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ پارچە، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى يېرىم توننا كېلىدىغان زور قورام تاشتىن قوپۇرۇلغان بولۇپ ئىگىزلىكى 146 مېتىر، ھەر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى 230 مېتىر كېلىدۇ. ھفىرئەۋن ھۇپنىڭ ئوغلى ھافرانىڭ ئېھرامى سەل كىچىك بولسىمۇ ئەمما ھافرانىڭ ئېھرامىنىڭ يېنىدا غايەت زور شىر تەنلىك ئادەم ھەيكىلى «سىفېنكىس»  بولۇپ ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 22 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر، بىر قۇلىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2 مېتىر كېلىدۇ. «سىفېنكىس»  بىر پارچە قورام تاشتىن ئۇيۇپ ياسالغان بولۇپ يۈزى فىرئەۋن ھافرانىڭ يۈزىگە تەقلىد قىلىنغان. بۇلار مىمفىسنى دۇنياغا مەشھۇر ئون قەدىمى پايتەخت ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدىغان مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان.

         مىلادىدىن ئىلگىرىكى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىسىردىكى فىۋنىڭ ھۆكۈمرانى ياخمۇس (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1567-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1542-يىلىغىچە) يەھۇدىلارنى تاكى پەلەستىننىڭ جەنۇبىغىچە قوغلاپ چىقىرىپ قەدىمقى مىسىرنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، فىۋى پايتەخت قىلىنغان. ياخمۇسنىڭ ئەۋلادى تۇتمۇسIII (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1490-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1436-يىلىغىچە) دەۋرىدە مىسىر قۇدرەتلىك ئىمپىرىيەگە ئايلىنىپ شىمالدا كىچىك ئاسىيادىن، جەنۇپتا نۇبىيە (سۇدان)گىچە، شەرقتە مىسوپاتامىيە دىن غەرپتە لىبىيەگىچە بولغان ئارىلىقنى بويسۇندۇرغان. بۇ ھالەت ئىككى يۈز يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن دۆلەت قايتىدىن پارچىلىنىش گىرداۋىغا بېرىپ دۆلەت زىمىنى كىچىكلەشكە باشلىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە مىسىر يەنە بىر قېتىم يەھۇدىلارنىڭ ئىشغالىيەت زىمىنىغا ئايلىنىپ قالغان. مۇشۇ مەزگىلدە تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسى، نىل دەرياسى ۋە قىزىل دېڭىز قانىلى، ھەرپلىك يېزىق، 365 كۈنلۈك كالىندار ۋە ئاددى بولغان ماتېماتىكا بىلىملىرى بارلىققا كەلگەن ۋە گۈللەنگەن. موميا ياساش جەريانىدا ئاناتومىيە بىلىملىرى راۋاجلىنىپ، يۈرەكنىڭ قان ئايلىنىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، چوڭ مېڭىنىڭ رولى قاتارلىقلار ئاشكارىلانغان، ئىچكى كېسەل، تاشقى كېسەل، ئاياللار كېسىلى دىگەندەك بۆلۈم ئايرىمىلىرى بولغان دوختۇرلۇق بارلىققا كەلگەن.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بەيدۇ قامۇسى:قەدىمكى مىسىر 

http://baike.baidu.com/view/8498.htm

0.

بەشتاش تورى: قەدىمكى مىسىر 

http://www.baxtax.cn/qozam/jughrapiye/18210.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#