زۇپا

زۇپانىڭ سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، يەل ھەيدەش، تېرىگە رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى زۇپا
ئەرەبچە نامى رىساسى ئەبىيەز، ئەرزىر، زۇپائى خۇشكىزۇفائى يابىس
ئىنگلىزچە Hyssop
ۋاقتى ياز ۋە كۈز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 神香草 shen xiang cao
پارسچە نامى زۇفائى خۇشىك
ئوردۇچە نامى زۇفا
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، غولىنىڭ تۈۋى ياغاچلاشقان، پۈتۈن تېنىدىن خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، غولى تۈۋىدىن شاخلىنىپ يانتۇ ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى 20 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ راۋاج تاپمىغان شېخى ئادەتتە يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى سىلىق، ئاددىي يوپۇرماق بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى تار يىپسىمان كېلىدۇ، يوپۇرماق ئۇچىدا يىڭنىسىمان تىكىنى بولىدۇ، ئالدى تەرىپىنىڭ رەڭگى يېشىل؛ كەينى تەرىپىنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل، گۈللىرى زىچ، سانى كۆپ بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل كاسىسى كانايسىمان بولۇپ، بەشكە يېزىلغان گۈل تاجىسى قوش كالپۇكسىمان، يۇقىرى كالپۇكى ئىككىگە يېرىلغان، شەكلى دىقماق تۇخۇمسىمان، تۆۋەنكى كالپۇكى ئۈچكە يېرىلغان، رەڭگى ھاۋا رەڭ كۆك كېلىدۇ، ئاتىلىقى تۆت تال بولۇپ، ئىككىسى گۈل تاجىسىدىن چـىقـىـپ تـۇرىـدۇ. دورىـغـا بـۇ ئۆسـۈمـلـۈكـنـىـڭ يـەر ئۈسـتـى قىسمـى ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى

كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

چىقىش ئورنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاشلىق تاغ جىلغىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىران، پەلەستىن، ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.

ئۆسـۈمـلـۈكـنـىـڭ يـەر ئۈسـتـى قىسمـى .

ئۈنۈملۈك تەركىبى

پۈتۈن چۆپنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، فلاۋونلار بار.

ئۆپكە–كاناينى قۇۋۋەتلەپ،  بەلغەم بوشىتىش؛  نەپەسنى راۋانـلاشتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ۋە بەلغەمدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، يەل ھەيدەش، تېرىگە رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتى بار.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

شەربىتى زۇپا، جەۋھىرى زۇپا، لوئوقى زۇپا، زۇكام جەۋھىرى.

نەزلە، زۇكام، زىققە، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ئىششىقى، كاناي ياللۇغى، سۈيدۈك ۋە ھەيز راۋان بولماسلىق، قىزىتما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەشەننۇچ (سپازما) بوشىتىشقا ئالكالوئىدلارغا ئوخشاش تەسىرگە ئىگە بولۇپ، بۇ كانايچىلار تەشەننۇچىنى بوشاشتۇرۇپ، يۆتەل پەسەيتىدۇ ھەمدە ماخاۋ باكتېرىيىسىگە قارشى تۇرۇش ۋە كېسەل قوزغاتقۇچى قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش تەسىرىمۇ بار.

خاس تەسىرى

ئۆپكە -كاناينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئورۇنباسارى

پىرسىياۋشان، مەرزەنجۇش، سۆئتەر.

ئەكىس تەسىرى

جىگەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ئاچچىق ئانار، سەرپىستان، گۈل بىنەپشە.

1.زۇپا، سىياۋشان 15 گرام، ئەنجۈر مۇنىكى 30 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سەرپىستان ھەر بىرىنى 10 گرامدىن، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدادىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

2. زۇپا، بىھى ئۇرۇقى، گۈل بىنەپشە 10 گرامدىن، قىزىلگۈل 7 گرام، سەرپىستان 20 گرام، چىلان 15 دانە. قائىدە بويىچە دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ئىششىقى ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.

3. زۇپا 10 گرامدىن، بىھى ئۇرۇقى، نىلۇپەر، بىنەپشە 5 گرامدىن، چىلان 5 دانە، شومشا ئۇرۇقى 15 گرام ئېلىقپ دەملەپ ئچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، زۇكام، نەزلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. زۇپا، تۇخۇمى خىتىمى، پىرسىياۋشاننى 10 گرامدىن دەملەپ ئىستېمال قىلغاندا كۆكرەكتىكى چىڭلىقنى بوشىتىپ، ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

يىغىش 

ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ .

ساقلاش 

ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.[0]

ئۆپكە -كاناينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

پىرسىياۋشان، مەرزەنجۇش، سۆئتەر

پۈتۈن چۆپنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، فلاۋونلار بار.
قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=188

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#