دۇنياۋى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى

دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى

خەلقئارادا دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى، دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۇنياۋى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى بار.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىدۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى1945-يىلى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىگە ئېرىشكەن ۋەزىيەتتە، 54 دۆلەتتىن كەلگەن 64 مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە 20 خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ 20 ۋەكىلى پارىژدا دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنى قۇردى. باش شتابى پراگاغا تەسىس قىلىندى. جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساس سالغۇچى دۆلەتلىرىدىن بىرى. 1987-يىلى بۇ تەشكىلات81 دۆلەتتىكى92 ئەزا تەشكىلاتقا ئىگە بولدى، ئەزالىرى200 مىليوندىن ئاشتى.

دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىدۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى 1920-يىلى بەزى كاتولىك دىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى گائاگادا ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، خەلقئارا خرىستىئان دىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنى قۇردى. 1986-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ 1985-يىلىدىكى ئەزاسى25 مىليون. باش شتابى بريۇسسېلغا تەسىس قىلىنغان.

خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار بىرلەشمىسىخەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى 1949-يىلى 11-ئايدا لوندوندا جەم بولۇپ، خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنى قۇردى. بۇ تەشكىلاتنىڭ 1987-يىلى ئېلان قىلغان ئەزاسى 85 مىليون بولۇپ، 97 دۆلەت ۋە رايوندىكى 145 ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا ئەزا. باش شتابى بريۇسسېلغا تەسىس قىلىنغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#