سۆگەتگۈل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۆگەتگۈل يوپۇرمىقىنىڭ يۈزىدە موم ماددىسى بولىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ ھەم قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ھەم زەھەرلىك گازلار ۋە چاڭ-توزانلار يامراپ كەتكەن ناچار مۇھىتتىمۇ نورمال ياشاۋېرىدۇ. تەجرىبە قىلىنىشىچە، گۈڭگۈرت(Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئېغىر بۇلغانغان مۇھىتتا، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈللىرى تۆكۈلۈپ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدىكەن، لېكىن، سۆگەتگۈلنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى يەنىلا باراقسان بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئۆسۈۋېرىدىكەن.
ئۇنىڭ چاڭ-توزان، ئىس-قۇرۇملارنى يېپىشتۇرۇۋېلىش ئىقتىدارىمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك. ھەر كۋادرات مېتىر يوپۇرماق يۈزى5 گرام چاڭ-توزانلارنى يېپىشتۈرۈپ ئالالايدۇ. شۇڭا، ئۇ «يېشىل رەڭلىك چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاۋانى سۈزۈش رولى بولغاچقا، كان، زاۋۇت رايونلىرىدا، باغچىلاردا، مەكتەپ قورۇلىرىدا، ھويلا-ئاراملاردا تىكىپ ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
سۆگەتگۈلنىڭ پۈتۈن تېنىدە ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا − سۆگەتگۈل ئالكالوئىدى بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاشارات يوقاتقۇچى دورا ياساشقا بولىدۇ. ئەگەر ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ تەرەت كۆلچىكى ياكى پاسكىنا سۇغا تاشلاپ قويغاندا، چىۋىن لىچىنكىلىرى ۋە پاشا لىنچىنكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. لېكىن، ئادەملەر ئۇقۇشماسلىقتىن يەپ سالسا، زەھەرلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئەڭ ياخشىسى تالگۈلنىڭ گۈلى، يوپۇرمىقى ۋە شاخلىرىنى تۇتماسلىق ياكى ئۈزمەسلىك كېرەك.
لېكىن، ئامېرىكىنىڭ مۇھىت كومىتېتى 1989-يىلى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، سۆگەتگۈل تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر-بازارلاردا ئۆستۈرۈش مەنئى قىلىنغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جەرىمانە قويۇپ جازالاش ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.