ئەڭ چوڭ تاشپاقا

قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا

تېنچ ئوكيان ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ ئىسىسىق بەلۋاغ دېڭىزلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاشپاقا-لۇت (قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا) ياشايدۇ. ئۇ تېرىلىك تاشپاقا دەپمۇ، تېنچ ئوكيان تېرە دۈمبىلىك تاشپاقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.لۇتنىڭ قېپى باشقا تاشپاقىلارنىڭ قېپىدەك قاتتىق مۈڭگۈز ماددىلىق قاپ ئەمەس.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا
خەنزۇچە ئىسمى 棱皮龟
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تاشپاقا تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Leatherback Turtle
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا ئائىلىسى
تۈرى قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا تۈرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېنچ ئوكيان ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ ئىسىسىق بەلۋاغ دېڭىزلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاشپاقا-لۇت(قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا) ياشايدۇ. ئۇ تېرىلىك تاشپاقا دەپمۇ، تېنچ ئوكيان تېرە دۈمبىلىك تاشپاقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

لۇتنىڭ قېپى باشقا تاشپاقىلارنىڭ قېپىدەك قاتتىق مۈڭگۈز ماددىلىق قاپ ئەمەس، بەلكى يۇمشاق تېرىلىك قاپ. ئۇنىڭ دۈمبىسى يۈرەك شەكىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇزۇنىسىغا يەتتە تال قىر بار، قىرلار ئارىسى ئېرىقسىمان كەلگەن. بۇ قىرلار نۇرغۇنلىغان رەتسىز كۆپ بۇلۇڭلۇق ئۇششاق سۆڭەك تاختىلىرىدىن تەركىب تاپقان. قورساق قېپى سۈڭەكلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بەش تال ئۇزۇن قىر بار. تۆت پۇتى ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشاشقا ماسلىشىپ كەتكەنلىكتىن، پالاقسىمان بولۇپ قالغان. ئالدى پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، دۈمبە قېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 1-2 مېتىر، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 200 كىلوگىرامچە كېلىدۇ؛ ئەمما ئەڭ چوڭ دەپ خاتىرلەنگەنلىرىنىڭ دۈمبە قېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 715 كىلوگرامغا يەتكەن. 

لۇت ئۆمۈر بويى دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشاپ كەلگەنلىكتىن، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر. 1970-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىن بىر لۇت تۇتۇۋېلىنغان. ئۇنىڭغا ئېسىلغان بەلگىگە قارىغاندا، ئۇ ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەنگىلىيىدىن دېڭىزغا قويۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنداق تاشپاقىلار پەقەت تۇخۇم سالىدىغان ۋاقتىدىلا، چىشى تاشپاقا دېڭىزدىن چەت ياقىدىكى ئاراللارنىڭ سايلىرىغا چىقىپ، ئارقا پۇتى بىلەن ئورەك كولاپ تۇخۇم سالىدۇ. چىشى تاشپاقا تۇخۇم سېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئارقا پۇتى بىلەن ئورەكتىكى تۇخۇمنى قۇم بىلەن كۆمۈپ قويىدۇ. دېڭىزغا قايتىشتا قۇملۇقتىكى ئىزىنى كۆمۈپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ تۇخۇمى تەبىئىي ھالدا يېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن چىققان بالىلىرى ئۆزلۈكىدىن دېڭىزغا قاراپ مېڭىپ، بىپايان دېڭىز-ئوكيانلاردا ئۈزۈشكە باشلايدۇ. لۇتلار قىسقۇچ پاقا يۇمشاق تەنلىكلەر، تاشپاقىلار، دېڭىز يۇسۇنى قاتارلىقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. (ما جىفەن) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#