تالېس

بۇنىڭدىن 2600 يىلدىن كۆپرەك ئىلگىرى، يۇناندا تالېس دېگەن مەشھۇر ماتېماتىك ئۆتكەن. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 624-يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 546-، 547- يىلى ۋاپات بولغان.  

ئۇيغۇرچە ئىسمى تالېس
باشقا نامى 泰勒士
مىللىتى گرېكلەر
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 624 - يىلى
كەسپى مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ۋە ئالىم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 泰勒斯
دۆلەت تەۋەلىكى يۇنان
يۇرتى مىلېتۇس
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 547 ياكى 546 - يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تالېسبۇنىڭدىن 2600 يىلدىن كۆپرەك ئىلگىرى، يۇناندا تالېس دېگەن مەشھۇر ماتېماتىك ئۆتكەن. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 624-يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 527- يىلى ۋاپات بولغان. تەخمىنەن يۈز يىلغا يېقىن ياشىغان. ئۇ ئاسترونومىيىنى ۋە ماتېماتىكىنى بىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئىنسانلار تارىخىدا بالدۇرراق ئالىم بولۇپ تونۇلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى «ئىلىم-پەننىڭ بوۋىسى» دەپ ئاتاشقان. تالېسنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاقسۆڭەك بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدە ئوبدان تەربىيە كۆرگەن. 

ئۇ زاماندا پۈتكۈل جەمئىيەت تېخى نادان، قالاق ھالەتتە بولۇپ، كىشىلەر نۇرغۇن تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنەلمەيتتى. لېكىن تالېس ھەمىشە تەبىئەت ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزلىنىپ كۆرۈشنى خىيال قىلىپ كەلگەن. بىر كۈنى قۇياش يۈزىنى تۇيۇقسىزلا بىر قارا تۈتەك قاپلاپ كېتىدۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كىشىلەر قورقۇپ ئالاقزادە بولۇپ ۋاقىرىشىپ كېتىدۇ. بەزىلەر: قۇياشنى ئالۋاستى يەپ كەتتى! دېيىشىپ، قۇياشنى قۇتقۇزىۋېلىش ئۈچۈن، كۈچىنىڭ بارىچە ئاسمانغا قارىتىپ سانسىزلىغان ئوقيالارنى ئاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالۋاستىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. يەنە بەزىلەر دۆۋە-دۆۋە گۈلخان يېقىپ، ئوتنىڭ نۇرى بىلەن قۇياشنىڭ نۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.

قۇياشنى قارا تۈتەك قاپلاپ كېتىشنىڭ سەۋەبى بۇ چاغدا تېلېسقا ئايان ئىدى. بىراق كىشىلەر نېمىنىڭ ئىلىم-پەن ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تالېسنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سالمايدۇ، تالېس پاكىت بىلەن قايىل قىلمىغىچە، نادان خەلقىنىڭ ئىلىم-پەنگە مەڭگۈ ئىشەنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياشنى قايسى چاغدا قارا تۈتەك قاپلايدىغانلىقىنى ھېساپلاشقا كىرىشىدۇ. ئۇ كۈن تۇتىلىدىغان ۋاقىتنى توغرا ھېساپلاپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنى: «ئاسماندىكى ئىشنى سەن بىلەتتىڭما؟ بۇنىڭ نومۇس قىلمىغىنىنى» دەپ زاڭلىق قىلىشىدۇ. يەنە بەزىلەر: «قېنى شۇ كۈنى كۆرىمىز، ئەمىلىيەتتە يالغان بولۇپ چىقسا، سەن بىلەن ھېساپلىشىمىز» دەيدۇ.

مىلادىدىن 585-يىل ئىلگىرىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم كوچىغا يىغىلىپ، قۇياشقا تىكىلىپ قاراپ تۇرىشىدۇ، دېگەندەك قۇياشنى قارا تۈتەك قاپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر لام-جىم دېمەي تارقىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا تالېس كۈن تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپلا قالماستىن، بەلكى قۇياشنىڭ ئاجايىپ چوڭ نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر قۇياشنىڭ دېئامېتىرى ئاران بىر ئىنگلىز چىسى كېلىدۇ دېيىشەتتى. تالېس قۇياش ئۈستىدە ئۆلچەش ۋە ھېساپلاش ئىشىنى ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىدە قۇياشنىڭ دېئامېتىرىنى تەخمىنەن 720 دىن بىرىگە تەڭ دەپ جاكارلايدۇ. بۇ سان ھازىر ئېلان قىلىنغان قۇياش دېئامېتىرى-864 مىڭ مىلدىن ئازراقلا پەرق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە دېڭىزچىلارغا كىچىك ئېيىق يۇلتۇزلارغا قاراپ ماڭغاندىن چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلارغا قاراپ مېڭىش كۆپ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھېسابىدىن چىقارغان خۇلاسىسى ئىدى. كۆپ يىللاردىن بېرى، دېڭىزچىلار كىچىك ئېيىق يۇلتۇزلىرىغا قاراپ، تۇرغان ئورنىنى بەلگىلەپ كەلگەن. تېلېس كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 365 كۈننى بىر يىل قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇ زاماندا ھېچقانداق ئاسترونومىيە ئۈسكۈنىسى بولمىغان شارائىتتا، موشۇنداق چوڭ كەشپىياتنىڭ بولغانلىقى ھەقىقەتەن كارامەت ئىش ئىدى.

تالېس كېيىن يەنە مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە يەنە گېئومېتىرىيىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆگەنگىنى يەر يۈزى گېئومېتىرىيىسى بولسىمۇ، لېكىن پەيدىنپەي ئۆزگەرتىش ئارقىسىدا تەكشىلىك گېئومېتىرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ گېئومېتىرىيىگە دائىر قانۇنىيەتلەرنى ھەممىدىن ئاۋال كەشىپ قىلىدۇ. مەسلەن: «دېئامېتىرنىڭ چەمبەر ئايلانمىسىنى تەڭ بۆلىدىغانلىقى»، «ئىككى تەرىپى تەڭ بولغان ئۈچ بۇلۇڭدا تەڭ تەرەپلەر قارشىسىدا ياتقان بۇلۇڭلارمۇ تەڭ بولىدۇ» غانلىقىنى، «يېرىم چەمبەرگە ئىچىدىن تېگىشكەن ئۈچ بۇلۇڭنىڭ جەزمەن تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭ بولىدىغانلىقى». بۇ قانۇنىيەتلەر قارىماققا ئىنتايىن ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك يۈرەك قېنى كەتكەندۇ-ھە! تالېس مىسىرلىقلارغا گېئومېتىرىيە بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مىسىردىكى مەشھۇر ئەلئېھرام مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ باقماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنى ھېچ تاپالمايدۇ. يەنىلا تالېس ئۇلارغا: «ئۆزەڭنىڭ كۆلەڭگىسى بويۇڭ بىلەن تەڭ بولغان چاغدا، ئەلئېھرامنىڭ كۆلەڭگىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىسەڭ بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىپ قويىدۇ. ھازىر قارىغاندا، بۇ ناھايىتى ئاددى مەسىلە بولۇپ، ئوڭ تاناسىپ بىلەنلا ئەلئېھرام مۇنارىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن بۇنداق يەكۈننى چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇرەككەپ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش جەريانى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى ھېچكىم بۇنداق ئويلاپ باقمىغان. دېمەك، تالېس ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئالىم. بىراق، ئۇنىڭ بىلىشىنىڭ ھەممىسىلا توغرا بولۇپ كەتمىگەن. مەسلەن، ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئەتراپى سۇ بىلەن قاپلانغان تەكشى جىسىم، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى ۋەھاكازا دەپ قارىغان.

ئۇ يەنە، سۇ دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ھەممە مەۋجۇدات سۇدىن پەيدا بولغان، ھەممە مەۋجۇدات ئاخىرى بېرىپ يەنە سۇغا ئايلىنىدۇ، سۇ پۈتمەس-تۈگىمەس، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئېنگېلس ئۇنىڭ بۇنداق نۇقتىنەزىرىنى «بىر خىل ئىپتىدائىي، ئىستىخىيلىك ماتېرىيالىزىم» دەپ ئاتىغان ئىدى. تارىخىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، تالېسنىڭ تەلىماتى تولىمۇ بالىلارچە بىۋاستە كۈزىتىش ئاساسىغىلا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى قارىشى بىر خىل قىياستىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزىمى ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ماتېرىيالىزىم ئىدى.  [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#