ئۇششاقباش بازىرى

ئۇششاقباش بازىرى

ئۇششاقباش بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 63 كىلومېتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۇششاقباش بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 2125 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌夏克巴什镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 24670 ئادەم
باشقا نامى 乌夏巴什镇

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇششاقباش بازىرىئۇششاقباش بازىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 55 كىلومېتىر، كۆلىمى 2125 كۋادرات كىلومېتىر. بازار چېگرىسى شەرقتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما، جەنۇب تەرىپى قاغىلىق ناھىيە شىخشۇ يېزىسى غەربىي كۆكيار يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمالىي لوق يېزىسى، زۇڭلاڭ يېزىسى، تېتىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قارا قۇرۇم تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان، پۈتكۈل يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ.

ئۇششاقباش بازىرىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاجىك، قىرغىز، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار. 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدا كەنت ئاھالىسىدە 4427 ئائىلە، 24670 ئادەم، (ئەر 12370 ئادەم، ئايال 12300)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 24642 ئادەم، خەنزۇلار 16 ئادەم، تاجىك 8 ئادەم، قىرغىز 4 ئادەم. يېزا نوپۇسى 21150 ئادەم، شەھەر-بازار نوپۇسى 3520 ئادەم.

ئۇششاقباش بازىرىئۇششاقباش بازىرىنىڭ زېمىنى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ. شىمالىي قىسمىدىكى يېزا ئىگىلىك رايونى ئۇششارباش ___ زۇڭلاڭ تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق، دېڭىز يۈزىدىن 1800 __ 2000 مېتىر، جەنۇپ، غەربىي رايون سىستېمىسى 3500 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىز تاغلىق رايونلىرى. تەۋەسىدىكى سۆگەت مۇزلۇقى، تەكەنخان مۇزلۇق دەرياسى ۋە ئۈرۈك ئۆستەڭبويى دەرياسى سۇ مەنبەسى. كىلىماتنىڭ ۋېرتىكال پەرقى بىر قەدەر چوڭ، تاغ ئارىسى ئويمانلىقىغا جايلاشقان يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان ئاي 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃21، ئەڭ سوغۇق ئاي 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃9.6-، يىللىق ℃10 تىن ئوشۇق يىغىندا تېمپېراتۇرا ℃3500. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 100 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 200 كۈن. تاغلىق رايوندا بولغاچقا ھەر يىلى ئەتىيازدا 3-5-ئايلاردىكى كىلىماتى قۇرغاق، قۇم-بوران. ياز، كۈز پەسىللىرىدە يەتتە 7-،8-،9-ئايلار ئىچىدە بەزىدە قارا يامغۇر، ھەمدە كەلكۈن پەيدا قىلدۇ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كەنتلەردە دائىم كەلكۈن ئاپىتى بولىدۇ. ھەر يىلى 10-ئايدا ھاۋا سوۋۇپ قىرو چۈشۈشكە باشلايدۇ، 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قار يېغىشقا باشلاپ، ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە كىلىماتى نورمالسىز سوغۇق.

پۈتۈن ئۇششاقباش بازىرىغا قاراشلىق يار بېشى كەنتى، بۇناق كەنتى، قاقشال كەنتى، شور مەھەللىسى، كاپا كەنتى، يولئېرىق كەنتى، ئاقچىغ كەنتى، ساييەر كەنتى، ئارپا يېڭىيېزى كەنتى، بۇجەنتۆپىسى كەنتى، يۇۋۇس كەنتى، يېزى كەنتى، قاشتۈۋى كەنتى، تۇراقچىئېرىق كەنتى، يۇقىرى چاقار كەنتى، تەس كەنتى، يۇقىرى مەھەللە كەنتى، چوڭقۇر ئېغىل كەنتى، كاتاڭ كەنتى، تاملىق كەنتى، كۆتەكچى ئېرىق دېھقانچىلىق مەيدانى، ئۇششاقباش ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىق 20 مەمۇرىي كەنت، 78 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

ئۇششاقباش بازىرىئۇششاقباش بازىرىدا بىر شىپاخانا ، 15 كېسەل كارۋىتى، تىببى خادىملاردىن 22 ئادەم بار. ناھىيە بازىرىغا تۇتاشقان ئاسفالت يولى، بازار ئىچىدە 73 كىلومېتىر ئاددىي تاشيولى بار، بىر پوچتا-تېلېگراف پونكىتى، تاشيول، پوچتا يولى، تېلېفون خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەر قايسى كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلغان. ئەسلىدىكى تەس كەنتىدە بۇتخانا بۇددا دىنى خارابىسى، بۇددا غارى، بۇت قالدۇقلىرىدىن 3 پارچە، قىيا تاش رەسىملىرى قالدۇقلىرى بار.

تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 64 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2.5 مو، 2015-يىلى پۈتۈن بازاردىكى كوللېكتىپ كىرىمى 286 مىليون يۈەن؛ بۇ بازىرىدىكى دېھقان–چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ مەنبەسى ئاساسلىقى بۇغداي، ياڭيۇ، باغۋەنچىلىكتە (ئۆرۈك، ياڭاق) قاتارلىقلار بار. 2015-يىلى بازار بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8770 يۈەن، 2014-يىلدىكىدىن 1390 يۈەن ئاشۇرۇلغان.

تېرىقچىلىق

ئۇششاقباش بازىرىئادەتتىكى تېرىقچىلىق كىرىمى مۇقىم. 2013-يىللىق بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 24 مىڭ مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 370 كىلوگرام؛ كۆممىقوناق 14 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 210 كىلوگرام، ئەلا سورت نىسبىتى %95 تىن ئاشقان. ئالاھىدە تېرىقچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا روشەن پۈتۈن كۈچ بىلەن «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك ياڭيۇ ماكانى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇششاقباش ياڭيۇ ماركا تۇرغۇزۇپ بازار بويىچە جەمئىي ياڭيۇ 21 مىڭ مو (بۇنىڭ ئىچىدە 3000 مو ئاق يەرگە تېرىلغان، ئېڭىز 18 مىڭ مو). ياڭيۇ سورتلۇق ئۇرۇق كۆپەيتىش 388 مو، (بۇنىڭ ئىچىدە 8 مو تۇنجى ئەسلى ئۇرۇق كۆپەيتىش). ياڭيۇ كۆلىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇمىي مەھسۇلاتى 24 مىڭ 400 توننا، مەھسۇلات قىممىتى 24 مىليون 44 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 444 يۈەن، كىرىمنى ئاشۇرۇشى 24 يۈەن؛

چارۋىچىلىق

چارۋىچىلىقنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپ قاتارىدا تاغلىق رايونلاردا يەم-خەشەك يېتەرلىك، باقمىچىلىق بوشلۇقى كەڭ بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، چارۋىلارنى كۆپەيتىش ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى چىڭ تۇرۇپ قاغىلىق ناھىيەسى تاغلىق رايونلاردىكى يېزا-بازار تايىنىپ خىزمىتى يىغىنى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ «يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش»، «يېڭىدىن گۈللىنىش»، «يېڭىدىن نۇرلىنىش» قاتارلىق ئۈچ چارۋىچىلىق كەسپىي كوپىراتىپى نۇقتىلىق رول ئوينىغان. قوناق شاخ-شۇمبىلارنى يېشىل زاپاس يەم-خەشەك ئىشلەش، پىلان تۇياق بورداق قوي 25000 تۇياق، ناھىيە بازىرىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك داڭلىق ماركا گۆش بىلەن تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن بازاردىكى مال بېقىش 182 مىڭ 900 تۇياق (دانە)، قولدا قالغىنى  112 مىڭ 200 تۇياق (دانە)، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى 600 مىڭ (پەي)، چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 49 مىليون 550 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1413 يۈەن، كىرىمنى ئاشۇرۇش 360 يۈەن.

باغۋەنچىلىك 

ئۇششاقباش بازىرىباغۋەنچىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات باغۋەنچىلىكى تۈۋرۈك كەسپ قىلىپ ھەقىقىي باشقۇرۇش، سۇيۇق ئوغۇت سېلىنمىسىنى زورايتىپ كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئۆرۈك مول ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ئاسراش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرغان. مول ھوسۇللۇق ۋەزىيىتى كاپالەتلىك قىلغان. ئۆرۈك بازار رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي كۆپەيتىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، بىر يىلدا باغۋەنچىلىك مەھسۇلات مىقدارى 23 مىڭ توننا، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈك 22 مىڭ توننا، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 250 كىلوگرام. باغۋەنلەر گۈلە ئارقىلىق قاقلاپ قۇرۇتۇش زاۋۇتى ھەقسىز ئۆرۈك قېقى ئىشلەش ئۇسۇلى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، باغۋەنلەرنىڭ ھۆل ئۆرۈكتىن ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك قېقى قۇرۇتۇش ھەم نەپىس ئوراش-قاچىلاش ئۆرۈك قوشۇلما قىممىتىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 

پۈتۈن بازاردىكى 7200 مو ياڭاقلىقنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 936 مىڭ يۈەن، 2014 ـيىللىق باغۋەنچىلىك كىرىمى 57 مىليون 590 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2458 يۈەن، كىرىمنى ئاشۇرۇش 151 يۈەن.

2-، 3-كەسىپ

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېزا 2-، 3-كەسىپنى پائال يېتەكلەپ ھازىر بار بولغان خىش زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى قۇرۇپ، قىچا مېيى ياغ تارتىش دۇكىننى كېڭەيتىپ، 10 مىڭ تۇياق قوي باقمىچىلىق بورداش فېرمىسى قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمىنى ئاشۇرغان. 2-، 3-كەسىپنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 13 مىليون 770 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 743 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كىرىمى 61 يۈەن ئاشۇرۇلغان.

ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش

ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش ئاكادېمىيەسىگە تايىنىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پولات چىۋىق ئىشچىسى، تامچى قاتارلىقلارنى تەربىيەلەش (ھازىرقى تەربىيەلەش 3800 ئادەم/قېتىم)، بىر يىلدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ چىقىرىش 6000 ئادەم (قېتىم)، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت مەشغۇلاتى رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆكەرتىش ئىشچى 25 ئادەم، ئېغىر سانائەت رايونى 365 ئادەم، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، 219-دۆلەت تاشيولى قۇرۇلۇشى، ئۇلۇغ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا ئەمگەك كۈچلىرىنى شۇ جايدىن يېقىن ئەتراپقا يۆتكەپ ئىشلەتكەنلەر 2110 ئادەم (قېتىم)، سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىش 4123 ئادەم (قېتىم)، يىل بويى بازاردىكى باشقا ئىشلەمچىلەر 1480 ئادەم. پۈتۈن يىللىق ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى مەبلىغى 20 مىليون 270 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1345 يۈەن، كىرىمى 195 يۈەن ئاشۇرۇلغان.

ئۇششاقباش بازىرىنىڭ ئىشلەپچىقرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، يېزا مەدەنىي بولۇش، كەنتنىڭ رەتلىك، پاكىزە قىياپىتى، باشقۇرۇش دېموكراتىك بولۇش تەلىپى بويىچە، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش مەركەزلىك باشقۇرۇپ «ياخشى ئاھالىلەر» نۇقتىسى ۋە «گۈزەل سەھرا» قۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيى سالمىقى ئاشۇرۇلغان. 2013-يىلى پۈتۈن بازار 450 ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#