دېڭ شىياۋپىڭ

دېڭ شىياۋپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى  نىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد رەھبىرى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى دېڭشىياۋپىڭ 1904 -يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان . سىچۈەن گۇاڭئەندىن ، ئەسلى ئىسمى دېڭ شىيەنشېڭ ، ئىلمى تەخەللۇسى دېڭ شىشيەن .

ئىسمى دېڭ شىياۋپىڭ
باشقا نامى دېڭ شىيەنشېڭ ، دېڭ شىشيەن
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان جايى سىچۈەن گۇاڭئەن
كەسپى ئىنقىلابچى ، سىياسىئون ، ھەربىي مۇتەخەسسىس ، دىپلومات
خەنزۇچە نامى 邓小平
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1904 -يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى موسكىۋا جوڭشەن ئونۋېرسىتىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭ شىياۋپىڭ

 سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسى شېشىڭ يېزىسى پەيفاڭ كەنتىدە تۇغۇلغان .

1909 - يىلى ، خۇسۇسىي مەكتەپتە ئۇقۇغان ، ئىلمىي نامى دېڭ شىشىيەن . 

1910 - يىلى ، شىيېشىڭ يېزىسى ئوتتۇرا دەرىجە باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان . 

1915 - يىلى ، گۇاڭئەن يۇقىرى دەرىجە باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن . 

1918 - يىلى ، گۇاڭئەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ كىرىپ ئوقۇغان . 1919-يىلى 5-ئاينىڭ 4- كۈنى كۈنى بېيجىڭ دا پارتلىغان 4-ماي ياشلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان . 1920-يىلى فرانسىيەگە بېرىپ ، ئۇزاق ئۆتمەي نورماندىيە بايېت ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان .

1927 - يىلى باھاردا ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فېڭ يۈشياڭنىڭ مىللىي بىرلەشمە ئارمىيەسىگە قاراشلىق شىئەن ، جۇڭشەن ھەربىي مەكتىپىگە، سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ، مەكتەپ كومپارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى سۈپىتىدە ئەۋەتتى.

بىرىنجى قېتىملىق گومىنداڭ -كومپارتىيە ھەمكارلىقى بۇزۇلغاندىن كىيىن دېڭ شىياۋپىڭ ۋۇخەندە جىددى يىغىن ئاچتى ، يىل ئاخىردا مەركىزى كومىتېت ئورگىنىغا ئەگىشىپ شاڭخەيگە كۆچتى.1928 ~ 1929 - يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولدى.1928-يىلى يىل بېشىدا جاڭ يۈەن بىلەن توي قىلدى.

1929 - يىلى يازدا ، مەركىزىي كومىتېت ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن گۇاڭشىغا بېرىپ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان ، جاڭ يۈنيى قاتارلىقلار بىلەن كېيىنكى يىلى 2 - ئايدا بەيسې قوزغىلىڭى ۋە لۇڭجۇ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار 7-جۈنى، 8 - جۈنىنى قاتارلىق تايانىچ بازىلىرىنى  قۇرغان ، قىزىل ئارمىيە 7-8 -جۈنىنىڭ سىياسىي كوممىسارى ۋە ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان .1931 - يىلى يازدا ، جياڭشى مەركىزىي تايانچ بازىسىدا ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رۈيجىن ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، خۇيچاڭ مەركىزىي ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان . 

 جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەنشى _ خېبېي _ شەندۇڭ _ خېنەن دالا ئارمىيەسى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دالا ئارمىيىسى 2 - دالا ئارمىيەسىنىڭ سىياسى كومىسسارى بولغان ، سەنشى - خېبېي - خېنەن مەركىزىي بىيرۇسىنىڭ شۇجىسى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بيۇروسى ، شەرقىي جۇڭگو بيۇروسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى بولغان . 

1945-يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە شياڭداڭ ئۇرۇشى ، خەندەن ئۇرۇشىغا ليۇ بوچېڭ بىلەن بىللە رەھبەرلىك قىلغان .1946-يىلى 6-ئايدا، جياڭ جيېشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئازاد رايونلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ ، ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى . 8 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا ، ليۇ بوچېڭ بىلەن لۇڭخەي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەڭگە تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلىپ ، دىڭتاۋ ، خېزې ، خۇاشيەن ناھىيەلىرىنى ۋە بىرقىسىم يېزا كەنىتلەرنى قايتۇرۋالغان ۋە قوغدىغان .1947 - يىلى 5 - ئايدا ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بيۇروسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن . 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، ليۇ بوچېڭ بىلەن بىرلىكتە شەنشى _ خېبېي _ شەندۇڭ _ خېنەن دالا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بىلەن ، خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، شەندۇڭنىڭ غەربى جەنۇبىدا ئۇرۇش قوزغىغان ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. سەككىزىنچى ئاي ، ليۇ بوچېڭ بىلەن دالا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچى دابيېشەن تېغىغا قاراپ ئىلگىرلىگەن . 

1948 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بيۇروسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھەربىي رايونى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دالا ئارمىيەسىنىڭ سىياسى كومىسسارى بولغان . بەشىنچى ئايدا ليۇ بوچېڭ شەرقىي ئۇرۇش قوزغىغان . يەتتىنچى ئايدا ، ليۇ بوچېڭ بىلەن شياڭفەن ئۇرۇش قوزغىغان . 9 - ئايدىن ، كېيىنكى يىلى 1 - ئايدا ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى ئېلىپ بارغان ، خۇەيخەي جېڭى ، بېيپىڭ - تيەنجىن جېڭى ، جياڭ جىيشىنىڭ پاچاقلاپ تاشلىغان ،  11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ليۇ بوچېڭ ، چېن يى ، دېڭ شياۋپىڭ ، سۇ يۈ ، تەن جېنلىندىن تەركىب تاپقان باش ئالدىنقى سەپ دېڭ شياۋپىڭنى شۇجى قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن .

1978 ئېچىلغان ج ك پ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىدا ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭى دەۋردە . ئۇ بۇ يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىتى تارىخىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان . بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن ئۈچۈن تەييارلىق كۆزۈش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي كومىتېت خىزمەت يىغىنىدا، ئۇ « ئىدىيىدە ئازاد بولۇش ، ھـەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا قاراش كېرەك » دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى .

1980 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى .

1990 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - قېتىملىق يىغىندا دېڭ شياۋپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى .

1997-يىلى بېيجىڭدا 93 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#