كوردلار

كوردلار

كۇردلار كۇردلار ئىران-ئىراق، سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چېگرىلىشىدىغان كۇردىستان رايونىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىسى تەخمىنەن 30مىليون، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە 15مىلىيۇن، ئىراندا 6مىلىيۇن، ئىراقتا 6مىلىيۇن، سۈرىيەدە 2مىلىيۇن ئولتۇراقلاشقان ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيەدە 500مىڭ، لىۋاندا 200مىڭ، رۇسىيەدە 100مىڭ، ئىسرائىلىيەدە 100مىڭ، ئارمېنىيەدە 50مىڭ، شىۋىتسىيەدە 50مىڭ، فىرانسىيەدە 50مىڭ كۇرد كۆچمەنلىرى بار.


ئۇيغۇرچە كورد
ئىنگىلىسچە Kurds
نوپۇسى تەخمىنەن 30 مىليۇن
ئىرقى ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دىڭىز تىپى
خەنزۇچە 库尔德人
تارقالغان رايۇنى تۈركىيە،ئىراق،سۈرىيە،سۈرىيە
ئىتىقادى ئىسلام دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوردلاركوردلار غەربى ئاسىياغا ماكانلاشقان ئەڭ قەدىمى مىللەتلەرنىڭ بىرى،ئۇلار نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئاناتولىيە ئىگىزلىگىدە ياشاپ كەلمەكتە. تارىختا ،ئۇلار ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ ئەرەبلەر ۋە مۇڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 12-ئەسىردە تۈرۈكلارنىڭ باش كۆتۈرىشىدىن كىيىن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ،كوردلار ئىزچىل تۈرۈكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدا تۇرۇپ كەلدى.  گەرچە كوردلار ئۇزۇندىن بېرى يات مىللەتنىڭ  ھۆكۈمرانلىغىدا بولسىمۇ ،ئەمما  ئۆز مىللى ئالاھىدىلىگىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلمەكتە. ھازىر كوردلانىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 30مىليون ،ئوتتۇر شەرىقتە ئەرەب، تۈرك ،پارىسلاردىن قالسا تۆتىنجى چوڭ مىىللەت ھىسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك تۈركىينىڭ  شەرقى جەنۇب رايۇنىدا ياشايدۇ،قالغان قىسمى ئېران،ئېراق،سۈرىيەگە جايلاشقان،ئۇنىڭدىن باشقا،سابىق سېۋىت ئىتىپاقى تەۋەلىگىدىكى رايۇنلارغا ئاز مىقتاردا تارقاق ئۇرۇنلاشقان.

تارقىلىشى

كۇرتلار ئاساسلىقى زاگروس تاغ تىزمىسى ۋە تورۇس تاغ تىزمىسى رايونىغا جۈملىدىن، شەرقتە ئىراندىكى كىرمان قۇملۇقىدىن باشلىنىپ، غەربتە تۈركىيەدىكى ئىفرات دەرياسىغىچە، شىمالدا ئەرمىنىيەدىن جەنۇبتا ئىراقتىكى كىركۇك ۋە سۈرىيەدىكى ھەلەپكىچە تارقالغان. كۇردلار غەربى ئاسىيادا ئاھالىسى ئەرەب، تۈرك، پارسلاردىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مىللەت بولۇپ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. تۈركىيەدە 15مىلىيۇن، ئىراندا 6مىلىيۇن، ئىراقتا 6مىلىيۇن، سۈرىيەدە 2مىلىيۇن ئولتۇراقلاشقان ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيەدە 500مىڭ، لىۋاندا 200مىڭ، رۇسىيەدە 100مىڭ، ئىسرائىلىيەدە 100مىڭ، ئارمېنىيەدە 50مىڭ، شىۋىتسىيەدە 50مىڭ، فىرانسىيەدە 50مىڭ كۇرد كۆچمەنلىرى بار.

تىلى،دىنى،مەدەنىيتى

كۇردلارھىندى-ياۋروپا تىللار سېستىمىسى ئىران تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە، كۇرمانجى، سورانى، زازاكى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دىئالىكت بىر قانچە خىل يەرلىك شىۋىگە ئايرىلغان كۇرد تىلىنى قوللىنىدۇ. كۇرد تىلىنىڭ دىيالىكىتلار ۋە شىۋىلەر ئارىسىدىكى پەرقى بەك زور بەزى دىئالىكىتلار ئۆزئارا ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ. تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى كۇردلار لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدۇ، روسىيەدىكى كۇردلارنىڭ يېزىقى سلاۋيان ھەرىپىنى ئاساس قىلغان. ئىراقتىكى كۇردلارنىڭ يېزىقى ئەرەب ھەرىپىنى ئاساس قىلاتتى، 2010-يىلىدىن باشلاپ ئىراق كۇردىستان ھۆكۈمىتى لاتىن ھەرپلىرىگە كۆچكەنلىكىنى جاكارلىدى. كۇردلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز ساندا شىئە، خىرىستان ۋە يەھۇدىلار بار.


كۇردلارنىڭ تارىخى ئەھۋالىغا ئائىت يازما ماتېرىياللار ئۇنچە كۆپ ئەمەس .رىۋايەت قىلىنىشىچە كۇردلار قەدىمقى فىنكىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ،كۇردلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى تارىخى ئەھۋالىغا نىسبەتەن، بىزنىڭ چۈشەنچىمىز ئىنتايىن ئاز، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ پارىسلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان قەدىمقى خىتىتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك. بۇ ئېگىزلىكتە ياشاۋاتقانلىقىغا نەچچە مىڭ يىللار بولغان بولۇپ، كۇردلاردىن ئىبارەت بۇ نام مىلادى 7-ئەسىردە پەيدا بولغان. ئەرب ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدا، كۇردلار فېئوداللىق خانلىق قۇرغان. ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر قوماندان سالاھىددىن ئەييۇبى كۇرد مىللىتىدىن ئىدى. ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ خارەزىم تۈركلىرى، سالقۇق تۈركلىرى ۋە مۇڭغۇللار ئارقىمۇ ئارقا كۇردستانغا ھۇجۇم قىلغان. 12-ئەسىر زامانلىرىدا، سەلجۇق سۇلتانى سازار كۇردستان ئۆلكىسىنى قۇرۇپ كۇردلارنىڭ بىر بىرلىككە كەلگەن مەمۇرى گۋدىگە ئايلىنىشىغا ئاساس سالغان. 15-ئەسىردە بۇ رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 17-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە، فىئوداللىق تۈزۈمى بارغانسېرى شەكىللەنگەن. 19-ئەسىرگە كەلگەندىمۇ، كۇردلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا ئىچىدە ئۆزىنىڭ يېرىم ئاپتونومىيىلىك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، تۈركىيە ۋە ئېران ئارىسىدىكى ئارىلىق زوناغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى سەۋەبلىك، كۇردلار نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

  

        

كۇرد تىلى پارس تىلى بىلەن پاشتو تىلىنىڭ غەربىي ئېران تىلىغا يېقىن كېلىدىغان تىل. ئەنئەنىۋىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا كۇردلار كۆچمەن چارۋىچىلار تۇرمۇشىنى كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كوي ۋە ئۆچكە باقىدۇ، ھەمدە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. تاغلىق رايونلارغا ئورۇنلاشقان كۇردلار بولسا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوي، كالا، ئۆچكە ۋە ئات باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە گىلەم توقۇش، ياغاچچىلىق، تېرىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ تۈزلەڭلىكتىكى كۇردلار بولسا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، بۇغداي، شال، كۆممۈقوناق، ئارپا، كەندىر ۋە كېۋەز تېرىيدۇ ھەمدە باغۋەنچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، قاتتىق بېكىتىلگەن دۆلەت چېگرىسى چارۋىلارنىڭ پەسىللىك ئالمىشىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، كۇردلارنىڭ ھەممىسىسنى يەر تېرىشقا مەجبۇر قىلدى. بەزىلىرى بولسا زامانىۋىي كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. كۇردلار جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ كۇرد مىللىتىنى كۆپ قېتىملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى سەۋەبلىك، چارۋىچىلىقتىن ۋاز كېچىدىغانلار شۇنچە كۆپىيىشكە باشلىدى. ئېران، ئېراقنىڭ نېفىت سانائىتى گۈللەنگەندىن تارتىپ، كۇردلار ئارىسىدا نېفىت ئىشچىلىرىمۇ پەيدا بولدى.

    تارىختىكى كۇردلار ئاساسەن پارس تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلىنى قوللىنىپ يېزىقچىلىق قىلغان، شائىر فۇزۇلىنىڭ شېئىرلىرىمۇ پارىس تىلىدا يېزىلىپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇزۇن داۋاملاشقان كۇرد تىلىنى يەكلەش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ھازىرقى زامانغا تەۋە كۇرد تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن شېئىرلار توپلىمى، ھېكايىلەر توپلىمى، تارىخىي كىتابلار توپلاملىرىنىڭ كۆپى باشقا تىللار ئارقىلىق يېزىلغان. تۈركىيەدە 1897-يىلى كۇرد تىلىدىكى گېزىت نەشر قىلىنغان بولۇپ، 1908-يىلى ئىستانبۇل گېزىتىنىڭ كۇرد تىلى نۇسخىسى نەشىر قىلىنغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ 1927-يىلى قۇرۇلغان كۇردلارنىڭ ئارارات جۇمھۇرىيتى 1930-يىلى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن كۇردلارنىڭ ئۆز تىلىدىكى پەن-مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئاساسەن چەكلىۋېتىلدى. كۇرد تىلى مەكتەپ، مەتبۇئات ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيەدىن سىقىپ چىقىرىلدى. 2002-يىلىدىن بۇرۇن تۈركىيەدىمۇ كۇرد تىلىنى مەكتەپ ۋە مەتبۇئاتتا قوللىنىش چەكلەنگەن ئىدى. ھازىر كۇرد تىلى تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە تاللاپ ئوقۇلسا بولىدىغان دەرسلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مەتبۇئات ۋە تېلېۋىزىيەدىمۇ كۇرد تىلىغا ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيە،ئىران،ئىراق ئارىسدىكى كوردىستان

كوردلارتۈركىيە، ئىراق، سۈرىيە، ئىران، ئەرمەنىيە قاتارلىق ئەللەر چېگرىلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدىكى ئاتالمىش كوردىستانغا تارقالغان 30 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ قەدىمىي مىللەت يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئىزچىل مىللى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ،  ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ تېراگېدىيە تۈسى ئالغان بىر مىللەت بولۇپ قالدى. 

كوردلارنىڭ ئىزچىل مۇستەققىل دۆلىتى بولمىغانلىقتىن ، شۇڭا ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ « دۆلىتى يوق» مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ،بۇ ئۇلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقمىغان دىگەنلىك ئەمەس. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇلار ئىزچىل ھالدا توپلىشىپ ئولتۇرقلاشقان رايۇنىدا ئۆزدۆلىتىنى ،يەنى كوردىستان  قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش نىشانى بىلەن ھازىر ئۆزلىرى تەۋە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرسىدا كەسكىن زىدىيەت  شەكىللىنىپ،ئىككى تەرەپ ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشۇپ قالغان،بۇنىڭ بىلەن كوردلار مەسىلىسى شەكىللەنگەن.      

 كۇردلار تارىختىن بېرى ئاساسەن ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن ۋە تاكى19-ئەسرگىچە كۇردلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىدە يەنىلا يېرىم ئاپتونۇمىيە ھالىتىنى ساقلاپ، تۈركىيە بىلەن ئىران ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىدىغان بەلۋاغ بولۇپ قالغان. كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن كۇردلار رايونى بىر نەچچە دۆلەتكە تەۋە بولۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كۇردستان تۈركىيە، ئېراق، ئېران، سۈرىيە، لىۋان، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۆلۈۋېتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلارنىڭ سانى ئېراقلىقلارنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئېراقتىكى سانى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلار ئىزچىل تۈردا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردىستان ئاپتونۇم رايونى نىسبى مۇستەققىل بولغان ھەربى مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەدەنىيەت ئۇلار دۆلەت ئاتلىغان مىللەت ۋە تىل-يېزىق گۇرۇھى بولۇپ، ئاناتولىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تارنوس تاغ تىزمىلىرىدا، ئېراننىڭ شىمالىدىكى زاركوس تاغ بېقىنلىرىدا، ئېراقنىڭ شىمالى ۋە يان خوشنا رايونلىرىدا ياشايدۇ. كۆپ ساندىك كۇردلار ئېران، ئېراق ۋە تۈركىيەگە يېقىن رايونلاردا ياشايدۇ.

 1920-يىلى ئىمزالانغان «سەۋرېس كېلىشىمنامىسى»دە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولغان كۇردستان قۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېلىشىمنامە ماقۇللىنىشتىن ئۆتمىگەن. 1923-يىلى «لائۇسان كېلىشىمنامىسى» «سەۋرېس كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئورنىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېلىشىمنامىدە كۇردلار ۋە كۇردستان توغۇرلۇق ھېچقانداق توختالمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇيەر-بۇ يەرلەردە قىسقا قوراللىق توقۇنۇشلار بولغان بولۇپ،


تۈركىيەدىكى كوردلار

تۈركىيە بولسا كوردلار مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر دۆلەت، بىر تەرەپتىن كوردلار نۇپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمى تۈركىيەگە مەركەزلەشكەن ،يەنە  بىر تەرەپتىن بۇ تۈركىيەنىڭ مىللەت تەركىبىنڭ ساپلىغىنى ئىستەيدىغان دۆلەت قۇرۇش تەدبىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

تۈركىيەدىكى كۇردلار بولسا ھۆكۈمەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولۇپ، كۇردلارنى «تاغلىق تۈركىيەلىكلەر» دەپ ئاتىغان. 

 1919-يىلى ،مەغلۇب بولغۇچى تەرەپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن « سېۋرېس شەرتنامىسى»    نى  ئىمزالايدۇ،مەزكۇر شەرتنامىگە ئاساسەن، كوردلار ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە ئەرمىنىيەنىڭ جەنۇبى،سۈرىيە ۋە ئېراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن رايۇندا  ئاپتۇنۇم رايۇن ياكى مۇستەققىل دۆلەت قۇرسا بۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ دۇنيا تارىخىدا كوردلارنىڭ ئۆزئالدىغا ئاپتۇنۇمىيە يۈرگۈزۈش ياكى مۇستەققىل بۇلۇش توغرىسىدىكى بىردىن بىر خەلقئارالىق ھۆججەت،شۇنداقلا ،نۆۋەتتە كوردلارنىڭ مۇستەققىللىقنى تەلەپ قىلىشتىكى ئاساسلىق تۇتقىسى .بىراق ئەنگىلىيە، فىرانسىيە نىڭ بۇ رايۇندىكى بەس تالىشىشى ۋە كامال مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ مۇئاپىقىيەتلىك بۇلۇشىغا ئەگىشىپ « سېۋرېس شەرتنامىسى»  ئەڭ ئاخىرى بىر ۋاراق قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى. 1923-يىلى ،ئانتانتا دۆلەتلەر كامال ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان «لوساننا شەرتنامىسى»  « سېۋرېس شەرتنامىسى»نىڭ ئورنىنى ئالدى. كامالنىڭ تەلىبىگە ئاساسەن، «لوساننا شەرتنامىسى»  كوردلارنىڭ ئاپتۇمىيە ياكى مۇستەققلىق مەسىلىسىنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولدى،شۇنداقلا كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇننى تۈركىيە،ئەنگىلىيە ھامىلىغىدىكى ئىراق ،فىرانسىيە ھامىلىغىدىكى سۈرىيە ھەمدە  سېۋىت ئىتىپاقىغا بۈلۈپ تەقسىملەش بېكىتىلدى. «لوساننا شەرتنامىسى» دا  يەنە پەقەت   مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردىن  گىرك،ئەرمەن ،يەھۇدىنى  تۈركىيىدىكى ئازسانلىق مىللەت دەپ بېكىتكەن ،بۇنىڭ بىلەن  كوردلارنىڭ ئازسانلىق مىللەتلىك ئورنىنى ھەتتا مىللى خاسلىغىنى  ئىتىراپ قىلمىغان.

 1923-يىلى 10-ئايدا تۈركىيە جومھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ،مىللى يەككىلىكنى تەكىتلەيدىغان « كامالئىزىم»  تۈركىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇش يىتەكچى ئىدىيىسىگە ئايلاندى.  بۇ يىتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا، تۈركىيە كوردلارغا قارتا مىللى ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بىرىنجدىن ، قانۇنى جەھەتتە كوردلارنىڭ مىللى خاسلىغى ۋە مىللى ئورنى ئىتىراپ قىلىنمىدى.1922-يىلىلا ،كامال « يىڭى دۆلەت تۈرك مىللى دۆلىتى »  دەپ جاكارلىغان . 1924-يىلى  ماقۇللانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى» دا كوردلارنىڭ مۇستەققىل قانۇنلۇق مىللى ئورۇنغا ئىگە بۇلۇشىنى ئېنىق ئنكار قىلغان بۇلۇپ ،ئۇلارنى « تاغلىقلار » دەپ ئاتايتى .  ئىككىنجىدىن ،كوردلارغا قارتا مەجبۇرى ئاسىملاتسىيە سىياسىتى قوللاندى. 1925-يىلى ،تۈركىيە ھۆكۈمىتى « شەرقى رايۇن ئىسلاھات پىلانى» نى تۈزۈپ چىقتى ، بۇنىڭدا،مالاتيا،ئېلازىغ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ تۈرك تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىشىنىڭ  جازاغا ئۇچىرايدىغانلىغى بېكىتىلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىلدىن باشلاپ ،تۈركىيە ھۆكىمىتى ئىسىم يۆتكەش تەدبىرىنى يۈرگۈزۈپ،ئىزچىل ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان كورد تىلىدىكى يەر نامى ۋە كىشى ئىسىملىرىنى زورلۇق بىلەن تۈركچىگە  ئۆزگەرتى،يىڭى تۇغۇلغان بالىلارغا بىردەك تۈركچە ئىسىم قۇيۇشى كېرەكلىگى بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن سىرت ،تۈركىيە ھۆكىمىتى يەنە باشقا ئاسىملاتسىيە سىياسەتلىرىنىمۇ قوللاندى،مەسىلەن: كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا ئاھاللە كۈچۈرۈش،تۈركىيەدە ئازسانلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىغىنى جاكارلايدىغان سىياسى پارتىيەلەرنى قۇرۇشنى چەكلەش قاتارلىقلار. تۈكىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىملاتسىيە سىياسىتى كوردلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 1925-يىلى دۆلەت قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي  سەئىد قوزغىلىڭى پارتىلىدى. بۇ پائالىيەتلەرگە قارتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرى قوللاندى.         كوردلارنىڭ قارشىلىغى ۋە تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش تەدىبىرى گەرچە كوردلار مەسىلىسىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ ،ئەمما كوردلارنىڭ دەسلەپكى قارشىلىق پائالىيەتلىرى ئاساسلىق دىن،تىل-مەدنىيەت ساھەسىگە مەركەزلەشكەن،تۈركىيەنىڭ ھەربى باستۇرىشى ئاستىدا  ئۈزلۈكسىز مەغلۇپ بۇلۇپ ،تۈركىيەنىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىگە ئېغىر خەۋىپ سالالمىغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىلىدىن كىيىن كوردلار  مۇستەققىل دۆلەت قۇرۇش نشانىنى ئېنىق ئوتۇرغا قويدى،بۇلۇپمۇ ،كورد ئىشچىلار پارتىيىسنىڭ قۇرىلىشىغا ئەگىشىپ ،تۈركىيە ھەقىقى مەنىدىكى دۆلەت پۈتۈنلىگى كىرزىسىغا يۈزلەندى.

كوردلار مەسىلسىنىڭ 60-يىللاردا كەسكىنلىشىپ كىتىشىدىكى سەۋەب بولسا ،تۈركىيەنىڭ شۇ چاغدىكى ئىچكى-تاشقى مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئالدى بىلەن،1950-يىلى  تۈركىيە دىمكۇراتىيلىشىش  مۇساپىسىنى باشلىدى،بۇنىڭ بىلەن ،تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق سايلىغان  ھۈكىمەت بارلىققا كەلدى. سايلام ئارقىلىق ھاكىميەت بېشىغا چىققان  دىمكۇراتىك پارتىيە  كامال دەۋرىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتتىن ۋازكىچىپ،سىياسى پارتىيە،پىكىر ،دىن قاتارلىق جەھەتتكى كونتۇروللۇقنى بوشاشتۇردى.كۈنسىرى ئەركىنلەشكەن سىياسى مۇھىت كوردلار ھەركىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرىشنى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى . ئىككىنجىدىن،شۇ چاغدىكى خەلقئارا  جەمىيەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان سولچىل ئىجتىمائى پائالىيەتلەر  كوردلارغا ئىلھام بولدى،بۇلۇپمۇ ياش زىيالىلارنىڭ كەسكىن ئىدىۋى –ئېڭى.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ بۈلۈنمە كۈچ  كورد ئىشچىلار پارتىيىسى دەل مۇشۇنداق ئارقا كۈرۈنۈش ئاستىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ رھبىرى ئابدۇللا ئوغلان (Abdulah Ocalan)  تىپىك ئاشقۇن . كورد ئىشچىلار پارتىيىسى  مۇستەققىل كورد دۆلىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان، قوراللىق ئىنقىلاب ئارقىلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسلىغى  سىياسى سەپەرۋەرلىك ۋە  تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى ،ئەمما   1982-يىلى پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تىرورلۇق ۋاستىسى قوللۇنۇپ ،تۈركىيە ھۆكىمىتىگە  ۋە تۈركىيە ھۆكىمىتىگە ھەمدەم بولغان كوردلارغا زەربە بېرىشنى قارار قىلدى،بۇنىڭ بىلەن كورد ئىشچىلار پارتىيسى تىرورلۇق خاراكتىرىنى ئالغان سىياسى تەشكىلاتقا ئايلاندى. 1980-يىلى ،تۈركىيە ھەربى تەرەپ ھەربى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ ،ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالدى.تۈركىيە ھەربى ھۆكۈمىتى كورد بۇلۈنمە كۈچلىرىگە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى،ئۇلارغا قارتا ھەربى باستۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن باشقا ،1982-يىلى ئاساسى قانۇندا ئېنىق قىلىپ كورد تىلىنى ئىشلىتىشنى  چەكلەپ،كوردلارنىڭ سىياسى مەدىنيەت ھوقۇقلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا باستى .تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە قارتا ، كورد ئىشچىلار پارتىيىسى .1983-يىلدىن 1999-يىلغىچە 15يىل تۈركىيە ھۆكىمىتى بىلەن ھەربى كۈرەشنى قانات يايدۇردى. پارىس قولتىغى ئۇرىشى مەزگىلىدە كورد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۆتۈرۈلگەن مىللەتچىلىك دۇلقىنى كوردلارغا  رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىدى،بىر ۋاقىتتا پارىس قولتۇغى ئۇرىشىنىڭ پارتىلىشىمۇ كورد پارتىزان ئەتىرەتلىرىگە  تېخمۇ چوڭ ئىمكانى بوشلۇق بىلەن تەمىن ئەتتى .ئۇلار ئىراقنىڭ شىمالىنى بازا قىلىپ ،ئىراقلىق مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىپ كۈچىنى زورايتىش ئارقىلىق ،تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا كونتۇرول قىلىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتى.

كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان كوردلار مەسىلىسىگە قارتا ،تۈركىيە ھۆكۈمىتى يۇمشاق-قاتتىق ۋاستىلەرنى تەڭ ئىشلىتىپ ،ئىچكى –تاشقى جەھەتتىن بىرىككەن ھەرتەرەپلىمە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. بىر تەرەپتىن ئارمىيە چىقىرىپ بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بەردى،ھەتتا ئىراق بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ  يەريۈزى  ۋە ھاۋا قىسىملىرىنى  چىقىرىپ ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىغا كىرىپ، كورد ئىشچىلار پارتىيسى پارتىزان ئەتىرەتلىرنىڭ گازارمىسى ۋە مەشىق بازىلىرىغا بىۋاستە زەربە بەردى. تۈركىيەنىڭ جەنۇبى قىسمىدا بولسا  كەنىت ئاھاللىرىگە قورال تاقىتىپ خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىللەپ ،ھۆكۈمەت ئارمىيسىنىڭ پارتىزانلارنى قورشاپ يوقىتىشىغا ھامى قىلدى،ھەمدە پارتىزانلارنى قوللىغان پۇقرالارنى جازالاپ ،كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ ئامىمىۋى ئاساسىغا زەربە بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن ،كوردلارنىڭ بۈلۈنۈش خائىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ،يومشاق تەدبىر لەرنى قوللاندى. 1991-يىلى زوڭتۇڭ ئۈزەل  ئاساسى قانۇنغا تۈزۈتۈش كىردۈرۈپ ،كورد تىلىدا رادىئۇ-تىلۋىزىيە تارقىتىش ،نەشىريات قىلىش توغرىسىدىكى چەكلەش بۇيرىغىنى  بىكار قىلدى.  شۇ يىلدىكى سايلامدا شەكىللەنگەن بىرلەشمە ھۆكىمەت  كوردلارنىڭ بىر سىياسى پارتىيسى ھەمدە خەلق ئەمگەكچىلار پارتىيسىنى ئۆزئىچىگە ئالدى.1992-يىلى تۈركىيە زوڭتۇڭى  سۇلايمان دېملىر  ھۆكىمەتنىڭ كوردلارنىڭ ئازسانلىق مىللەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدىغانلىغىنى جاكارلىدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى،تۈركىيەنىڭ كورد بۆلگۈنچىلىرىگە زەربە بېرىشتىكى  ئەڭ روشەن نەتىجە دېپلۇماتىيە ساھەسىدە كۈرىلدى. كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ ئاساسلىق قوللاش كۈچى سىرتتىن كىلەتتى ،بۇلۇپمۇ  زور مىقداردىكى كوردلارغا ئىگە ئىراق ،ئېران ،سۈرىيەدىن. تۈركىيە ھۆكىمىتى ئاۋال كورد بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتە ئوخشاش مەنپەتكە ئىگە ئىراقنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈپ،چىگرا ئاتلاپ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ گازارمىسى ۋە مەشىق بازىلىرىغا زەربە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېفرات دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسىنى كونتۇرول قىلىش ئەۋزەللىگىدىن پايدىلىنىپ  سۈرىيەنى كورد ئىشچىلار پارتىيسى ۋە ئابدۇللا ئوغلاننى قوللاشتىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلدى. ھەربى جەھەتتىن بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش داۋامىدا، ياۋرۇپا ئىتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئەيىبلەشلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىپ ،ئۇلارغا كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ تىرورلۇق خاراكتىرى ۋە بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى تەشۋىق قىلدى،ھەمدە كۆپ قېتىم  ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئابدۇللا ئوغلان غا سىياسى پاناھلىق بەرگىنىگە ئېتىراز بىلدۈردى. كۆپ قېتىملىق ئالاقە ئارقىلىق ،ياۋرۇپا دۆلەتلىرى كورد ئىشچىلار پارتىيسگە بولغان پوزىتسىيسىنى تەدىرجى ئۆزگەرتتى.1993-يىلى ،فىرانسىيە،گىرمانىيە  ئىلگىرى –كىيىن بۇلۇپ  كورد ئىشچىلار پارتىيسىنى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلاپ ،دۆلىتى ئىچىدە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىدى.ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرىق رايۇن بىخەتەرلىگى جەھەتتە مۇھىم ئۇرنغا ئىگە بولغاچقا ، كورد بۈلۈنمە كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتە دەسلىۋىدىلا ئامىركىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.  

دەل يۇقارقى تىرشچانلىق ئاستىدا، ناھايىتى تىزلا يىتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 1993-يىلى،ئوغلان مۇستەققلىق نىشانىدىن ۋاز كەچكەنلىگىنى جاكارلاپ،بىر ۋاقىتتا تۈركىيە ھۆكىمىتىگە ئۇرۇش توختۇتۇش ئىلتىماسى سۇندى. غەلبىسىرى قوغلاپ زەربە بېرىشنى ئويلىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى،ئوغلاننىڭ ياخشىچاق بۇلىشىغا پىسەنت قىلمايلا قالماستىن ،ئەكسىچە ھەربى جەھەتتىن زەربە بېرىش سالمىغىنى زورايتتى. 1999-يىلى،يۇشۇرۇندىغان جاي تاپالمىغان ئوغلان كېنىيەدە تۇتۇلدى. بۇ ئىش  تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرشتە  زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ قالدى، شۇنداقلا 15يىل داۋاملاشقان تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى « ئىچكى ئۇرۇش»  ىنىڭ  توختىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

تۈركىيە كورد مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەھۋالى

2002   -يىلى،ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان  تۈركىيە ئادالەت –تەرەققىيات پارتىيسى كوردلار مەسىلىسىگە قارتا دوستانە قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىپ،ئەلمانىيە  كوردلار ۋە تۈركلەنىڭ بۈلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ،كوردلار مەسىلىسنى كامالىزىم يولغا قويغان ئەلمانىيە  ۋە تۈرك مىللەتچلىگى كەلتۈرۈپ چىقارغان  دەپ قارىدى. بۇئارقىلق ئىلگىركى تۈركىيە ھۆكىمىتى بىلەن چەك-چىگرا ئايرىدى. كورد ئىشچىلار پارتيىسى تۈركىيە يىڭى ھۆكىمىتىنىڭ دوستانە ئىپادىسىگە قارتا  تەدرىجى مەيدانى ئۆزگەتتى،مۇستەققىل كورد دۆلىتى قۇرۇشتىن تۈرك ،كورد تىن ئىبارەت  قوش مىللى سالاھىيەتكە ئىگە دولەت قۇرۇشقا ئۆزگەردى. ئەمما بۇ ياخشلىنىش ئالامەتلىرى ئېراق ئۇرىشىنىڭ پارتىلىشىغا ئەگىشپ ناھايىتى تىزلا ئاخىرلاشتى.

بىر تەرەپتىن ،ئېراق ئۇرۇشىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ ، تۈركىيەدىكى قاتتىق قوللار ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىدا مۇستەققىل كورد دۆلىتى قۇرۇلۇپ ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھتىد سىېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى،  بۇ قاتتىق قوللارنىڭ قايتىدىن  تۈركىيە سىياسى سەھنىسىگە باشلامچىلىق قىلىشىغا  سەۋەب بولدى،يەنەبىر جەھەتتىن ،ئېراق ئۇرىشىدىن كىيىن ئېراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار بىرقەدەر ھوقۇققا ئېرىشتى ،كوردلاردىن تالىبانى ئېراق زوڭتۇڭى بولغاندىن باشقا ،ئۇلار ئېراقنىڭ شىمالىدىكى توپلۇشۇپ ئولتۇرقلاشقان رايۇندا  ئاپتۇنۇمىيە قوردى. بۇ تۈركىيەدىكى كوردلانىڭ ئاپتۇنۇمۇىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى قايتا يىلىنجاتتى.  2004-يىلى ،كورد ئىشچىلار پارتيىسى بىتەرەپ ھالدا  ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمىنىڭ كۈچتىن قالغانلىغىنى جاكارلاپ ،ئۇرۇش قايتا باشلاندى.

 بۇقېتىمىلىق ۋەزىيەتنىڭ قايتا جىددىلىشىپ كىتىشىنى ئالدىنقى قېتىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا  ئېنىقسىز تەركىبلەر كۆپەيگەن ئىدى ، يەنى تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش بېسىمى . بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوردلار مەسىلىسىنى تېنىچ ھەل قىلىشنىڭ تاشقى پۇرسىتى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .1999-يىلى،ياۋرۇپا ئىتىپاقى  تۈركىيەگە  نامزات دۆلەتلىك سالاھىتى بەردى،ئىمكان قەدەر تىز ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش شۇنىڭدىن كىيىن تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئاساسلىق دىپلۇماتىيە ۋەزىپىسى بۇلۇپ قالدى. ياۋرۇپا ئىتىپاقى كۇپىنخاگىن باشلىقلار يىغىنى ئوتتۇرغا قويغان ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، تۈركىيە سىياسى،ئىقتىسادى،ئىجتىمائى ساھەدە  كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات ئېىلىپ بېرىشى،بۇلۇپمۇ ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئىزچىل كۆڭۈل بۈلۈپ كىلىۋاتقانكىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ياۋرۇپا ئىتىپاقى نامزات دۆلىتى ھىساپلىنىدىغان تۈركىيە كوردلارمەسىلىسىدە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنىڭ بىرقىسىم «قاتتىق كۆرسەتكۈچ»  لىرىنى قانائەتلەندۈرمىسە  بولمايدۇ:  بىرىنجىدىن ، ئازسانلىق مىللەت ئورنىنى ئىتىراپ قىلىشى; ئىككىنجىدىن، كوردلارنىڭ مەدەنيەت ،مائارىپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى; ئۈچىنجىدىن، كوردلار ئولتۇراقلاشقان رايۇننىڭ ئىقتىساد ئىجتىمائى ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەك.

1999-يىلىدىن بېرى ، تۈركىيەنىڭ كوردلار مەسىلىسىدىكى كۆپ تۈرلۈك ئىسلىھاتى ئىسپاتلىدىكى،ياۋرۇپا ئىتىپاقى كوردلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا  تۈرتكە بولغان ئاساسى كۈچكە ئايلاندى. كورد يازغۇچىسى ئەدىپ پۇئاۋلا  مۇنداق دەپ قارايدۇ: « بۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش تۈرتكىسىدە بولغان. مۇبادا ياۋرۇپالىقلار بىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزغا قىزقمىغان بولسا ئىدى،بۇ ئىلگىرلەشنىڭ باشلىنىشى بولمايتى.» 

تۈركىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرشنىڭ قىزقتۇرىشى، كوردلار مەسىلىسىدە  تېخىمۇ چوڭراق يول قۇيۇشقا مەجبۇر قىلدى، كورد ئىشچىلار پارتىىيسى بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە زەربە  بەرگەن تەغدىردىمۇ    ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىن كىلىدىن زور بېسىمىنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ، ئەمدى بۇرۇنقىدەك ھىچنىمىدىن ئەنسىرمەي قورال كۈچى ئىشلىىش  مۇمكىن بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، كوردلارنىڭ مىللى خاسلىغىنى ئىتىراپ قىلىش،كوردلارنىڭ ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقىنى  ھۆرمەت قىلىش ،يەنى كۆپ ھەزارەتلىك بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى  تۈركىيەنىڭ كوردلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاخىرقى تاللىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.[2]

ئىراقتىكى كوردلار

       ئېراقتىكى كۇردلار ئۇچرىغان مەدەنىيەت بېسىملىرى ئانچە ئېغىر بولمىغان. 1958-يىلى ئېراق خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت كۇردلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئارزۇلىرىنى قاندۇرالمىغان. 1970-يىلى يېڭىدىن گۈللەنگەن پارتىيە ھۆكۈمىتى ئېراقتىكى كۇردلارنىڭ چەكلىك بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلغان. 1988-يىلى ئېراقتىكى كۇردلار ساددام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان كۇردلار ئامالسىز ئېراقتىن ئايرىلغان. ئېراقنىڭ شىمالى قىسمىدىكى كۇردلار رايونىدا ئاساسلىقى كۇرد دېموكراتىك پارتىيىسى ۋە كۇردستان ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھەربىي قوراللىق تەشكىلاتلار بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر رايوننى كونترول قىلىش مەقسىتىدە كۈرەش قىلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان. 1980-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئېران-ئېراق ئۇرۇشى ۋە 1991-يىلىدىكى دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە، ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېراقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېراق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. 1991-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كۇردلارنى قوغداش باھانىسىدە، ئېراق زېمىنىنىڭ شىمالىي 36 گىرادۇسلۇق يېرىدىن شىمالغا سوزۇلغان 4.4 كىۋادرات كىلومېتىرلىق يېرىگىچە بولغان زېمىندا «بىخەتەرلىك رايونى» قۇرۇپ، ئېراق ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ياكى ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى توستى. ئېراق ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبلىك شىمالدىكى كۇردلار رايونىغا بولغان كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «بىخەتەرلىك رايونى» قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، «كۇرد خەلق پارتىيىسى» بىلەن «كۇرد ۋەتەن پارتىيىسى» ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمى تۈزدى، بۇنىڭلىق بىلەن ئېراقنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەتتە ئازراق ياخشىلىنىش بولدى. ئەمما 1994-يىلىدىن بۇيان، بۇ ئىككى گۇرۇھ ھوقۇق ئايرىلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇشتى. 1992-يىلى 5-ئايدا، «كۇرد خەلق پارتىيىسى» بىلەن «كۇرد ۋەتەن پارتىيىسى» تارىختىكى تۇنجى سايلام ئۆتكۈزۈپ، شۇ يىلى 6-ئايدا پارلامېنت، 7-ئايدا ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، ئېراق مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. 2001-يىلى 1-ئايدا، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان توقۇنۇش ھەربىي كۈچلىرىنى ئازايتىش ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، قاتناش قولايلىقى يارىتىپ بېرىشتەك بىر قاتار كېلىشىمنامىلەرنى ئىمزالىدى ھەمدە بىخەتەرلىك ھەمكەرلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرلەشمە بايانەت ئېلان قىلدى.
1990-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن كۇردلار ئىراقنىڭ شەرقى شىمالىدىكى دوخۇك، ئەربىل ۋە سۇلايمانىيە ئۈچ ئۆلكىدە مۇتلەق ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە كۇردە مەدەنىيەت-سەنىيەت سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بولغان، نۇرغۇن ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقاردى. ھازىرقى ئىراق پىرىزدېنتى تالىبانى كۇرد مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇزلۇق رەھبىرى ھىساپلىنىدۇ. قەدىمدە كۇردلار كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن، دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. تاغلىق رايوندىكى كۇردلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، قوي، ئات، كالا باققان ھەمدە گىلەم توقۇغان، ياغاچ ماتېرىياللارنى ياسىغان، خۇرۇم ئىشلەپ چىقارغان؛ تۈزلەڭلىكتىكى كۇردلار دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، بۇغداي، قوناق، شال، تاماكا ۋە پاختا تېرىغان، ھەمدە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قاتتىق بېكىتىلگەن دۆلەت چىگراسى چارۋىچىلارنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىنى توسۇپ قېلىپ، كۇردلارنى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ يەر تېرىشقا مەجبۇر قىلغان. بىرقىسىم كۇردلار باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان. ئىران، ئىراقنىڭ نېفىت سانائىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، كۇردلار ئارىسىدا نېفىت ئىشچىلىرى پەيدا بولغان. لېكىن مەيلى كۆچمەن چارۋىچىلىق ياكى مۇقىم تۇرمۇش ئۇسۇلى بولسۇن، كۇردلار يەنىلا قەبىلە تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە، يەنى قەبىلە باشلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش، يەرلەر ئاقسۆڭەكلەرگە مەنسۇپ بولۇش، ئىجارە پۇلى تاپشۇرۇش قاتارلىق. كۆپ قىسمى قەبىلە سېستىمىسى چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئاز ساندىكىلىرى مائارىپ قوبۇل قىلغان. كۇرد ئاياللىرى چۈمبەل ئارتمايدۇ، باشقىلار بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلالايدۇ، باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشالايدۇ.

ئىراندىكى كوردلار

1931~1932-يىللىرى ۋە 1944~1945-يىللىرى ئېراندىكى كۇردستاندا كەسكىن بولغان ئىنقىلاپ يۈز بەرگەن. 

ئېراندىكى كۇردلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئاسسىمىلاتسىيەلەشتۈرۈش بېسىمىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئېران شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئامالسىز چىشىنى چىشلىگەن.[3]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كوردلار مەسلىسى

http://bbs.bagdax.cn/thread-14714-1-1.html

3.

كوردلار نېمىشقا بۇنچە بىچارە

http://bbs.bagdax.cn/thread-51251-1-1.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#