ئۆتكۈر خارەكتېرلىك ئۆت خالتا ياللۇغى

ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆت خالتا شىللىق پەردە توقۇلمىلىرى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش، توڭۇپ تىترەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ھۆ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغنا شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى مەرەرەھار، ۋەرەمى مەرارە شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم تاشقى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性胆囊炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل مىكروبلار بىلەن ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى ئۆت خالتا شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا، شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزىلەردە چوڭ ئۈچەي تاياقچە جاراسىمى ئۈچەي يوللىرىدىن ئۆت غول نەيچىسى ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا بېرىپ ئۆت خالتا شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئۆت خالتىسىغا تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش ۋە يۇقۇملاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئۆت خالتا توقۇلما شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا توقۇلما ئارىلىقى ۋە قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنى قويۇلدۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشقا تەسىر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆت خالتىسى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىمۇ قويۇلدۇرۇپ، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ئېشىپ، ئۆت خالتا شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئۆت كانىلى ياكى ئۆت خالتىسى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ئورتاق كانىلىنىڭ توسۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆت كانىلىغا تاش كەپلىشىش، ئۆت كانىلى ياللۇغلىنىپ تارىيىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمالنى ئېقىپ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە قويۇلۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆت خالتىسىدا يىغىلىپ قىلىشىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتىسى شىللىق پەردىلىرى تەكرار غىدىقلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ئوراق كانىلىغا تاش كەپلىشىش، ياللۇغلىنىپ تارىيىش، پارازىت قۇرتلارنىڭ كەپلىشىپ قېلىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كانال بوشلۇقى تارىيىپ ياكى توسۇلۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە ئېقىشى توسقۇقلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىپ  ئاكتىپلاشقان ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى تەتۈر يېنىپ ئۆت خالتىسىغا كىرىپ، ئۆت خالتا شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي چۆگۈن قورساق قىسمىنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمالنى ئېقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاكتىپلاشقان ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر يېنىپ ئۆت خالتىسىغا بېرىپ ئۆت خالتىسىنى غىدىقلاش سەۋەبىدىن ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئاغرىيدۇ، تۇتقاقلىق ئېغىرلىشىدۇ، ئاغرىق ئوڭ تەرەپ مۈرە ۋە تاغاق قىسىملىرىغىچە تارقىلىدۇ، قىزىيدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشىدۇ، ئۆت خالتا رايونىدىكى قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىدۇ، باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ، تۇتۇپ تەكشۈرگەندە چوڭايغان ئۆت خالتىسى قولغا ئۇرۇنىدۇ ياكى ئۆت خالتىسى ئەتراپىدىكى ياللۇغلىنىشلىق مونەكچىلەر قولغا ئۇرۇنىدۇ.

يەنە بىر خىل ئۇسۇل، سول قولنىڭ باش بارمىقىنى بىمارنىڭ ئۆت خالتا رايونىغا قويۇپ، بېسىش بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئېلىشقا بۇيرۇغاندا جىگەرنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ئۆت خالتىسى باش بارماققا تېگىشكەنلىكتىن بىمار ئاغرىق ئازابىدىن تۇيۇقسىز نەپەس ئالالماي نەپەسنى توختىتىۋالىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغرىش، ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تاغاق ۋە مۈرە قىسىملىرىغىچە تارقىلىش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش، توڭۇپ تىترەش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىق كۈچىيىش، تۇتۇپ تەكشۈرگەندە چوڭايغان ئۆت خالتىسى قولىغا ئۇرۇنۇش، قورساق مۇسكۇلى جىددىيلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆت تاش كېسەللىكى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغى، مەددە قۇرت كېسەللىكى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان رايىنى تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. ئەگەر 20000 دىن كۆپىيىپ كەتسە، ئۆت خالتىسىنىڭ نېكروزلانغانلىقىنى ۋە تېشىلگەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك.

2) B  تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە چوڭايغان ئۆت خالتىسىنىڭ سايىسى كۆرۈنىدۇ

1. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن قورساق ئاغرىش دەسلەپتە يۇقىرى قورساق قىسمىدا بولۇپ، تەدرىجىي ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىغا مەركەزلىشىش، سېرىقلىق چۈشۈش بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسىدىكى يۈرەك ئېلېكترو كاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. باشقىلار

ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئاشقازان 12بارماق ئۈچەينىڭ تېشىلىشى قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ئۆت خالتىسى يېرىلىش ياكى سوزۇلما ئۆت خالتا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتما پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماي داۋاملىق ئېغىرلشسا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قان تازىلاش مەقسىتىدە ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچۈن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن 80 مىللىلىتىردىن، ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىلىتىر، مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، ئىتتىرىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرادمىن، ئىتتىرىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

زەنگار سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرۇپ توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن كەرەپشە ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، قوغۇن ئۇرۇقى، كەرەپشە يىلتىزى، كاكىنەچ قاتارلىق دورىلار قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، زەنگا رەڭ سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن كەرەپشە ئۇرۇقى، كەرەپشە يىلتىزى، ئىتئۈزۈم، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتما پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، خەشخاش پوستى، ئىتئۈزۈم، گۈلبىنەپشە 10 گرامدىن، ئارپا 30 گرام ئېلىپ، سوقۇپ، ئەرقى شوخلا ياكى گۈل يېغى بىلەن زىماد تەييارلاپ، ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئىتئۈزۈمى، كاكىنەچ 30 گرامدىن، بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، پىرسىياۋشان، ئوغرىتىكەن 10 گرامدىن، بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى، قوغۇن ئۇرۇقى 20 گرامدىن، شېكەر 500 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان دىنار دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، غورا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، سىركەنجىۋىل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن كېسەللىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

دىنار شەربىتى نۇسخىسى: بەدىيان، گاۋزىبان، قوغۇن ئۇرۇقى، تۈز ۋە ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، رەۋەن 50 گرامدىن، بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، سېرىقئوت ئۇرۇقى 35 گرامدىن، كاسىنە ئۇرۇقى 30 گرام، شېكەر 500 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

بۇزۇرى شەربىتى نۇسخىسى: بىنەپشە، نېلۇپەر، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 10گرامدىن، قىزىلگۈل، ئارپىبەدىيان، كەرەپشە يىلتىزى، بىخ كەبىر، سېرىقئوت 15 گرامدىن، تەمرى ھىندى، سېرىقئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرامدىن، بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى 30 گرامدىن، زىخ 60 گرام، شېكەر 300 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماي داۋاملىق ئېغىرلاشسا، ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەجۇنى ئامىلە نۇشىدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش سەپەر جىلى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=838

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#