ۋىليامىس

ۋىليامىس

رۇسىيەنىڭ تۇپراق مۇتەخەسسىسى ۋىليامىس تۇپراق قۇۋىتىنىڭ سىرىنى ئاچقان، ئۇ 1863-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى موسكۋادا تۇغۇلغان. بۇ ئۇلۇغ ئالىم 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىليامىس
تۇغۇلغان ۋاقتى 1863-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
كەسپى تۇپراق مۇتەخەسسىسى
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
چەتئەلچە نامى Vladimir Vernadsky

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇسىيەنىڭ تۇپراق مۇتەخەسسىسى ۋىليامىس تۇپراق قۇۋىتىنىڭ سىرىنى ئاچقان، « ئوت-چۆپ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش » نى ئىجات قىلىپ، ئاجىز يەرلەرنى پەيدىن-پەي مۇنبەت يەرلەرگە ئايلاندۇرۇشقا ئىمكانىيەت ياراتقان. ۋىليامىس 1863-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى موسكۋادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى قاتناش ئىنژېنېرى بولۇپ، ناھايىتى بىلىملىك ئىدى ھەم نۇرغۇن كىتاپلارنى ساقلىغان ئىدى. ۋىليامىس كىچىكىدىنلا، دادىسىنىڭ تەربىيىسى ئارقىسىدا، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە ۋە ئىتالىيانچىنى ئۆگەنگەن. ۋىليامىس 13 يېشىدا مەكتەپكە كىرىپ، ناھايىتى تېزلا تەبئىي پەن ھەۋەسكارى بولۇپ قالغان. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇ دائىم سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇسخىلارنى توپلىغان. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ھەممىلا يېرى تەجرىبە نەيچىلىرى، خىمىيىۋى دورا، مەدەن، قۇشلارنىڭ نۇسخىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن تولغان. ئۇ يەردە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان جانىۋارلارنى بېقىش فېرمىسىنى قۇرۇپ ئۆمىلىگۈچىلەر تىپىدىكى نۇرغۇن جانىۋارلارنى باققان. ئۇ ئوقۇغان مەكتەپتە ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولغان بىر تەجرىبىخانا بولۇپ، ئۇ كېيىن شۇ تەجرىبىخانىنىڭ خالىس باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قالغان.

ۋىليامىس ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پېتروۋ ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، لېكىن ئائىلە تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا بولغاچقا، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي ئوقۇتقۇچى بولۇشقا توغرا كەلگەن. ئۇ يېرىم كۈن ئىشلەپ، يېرىم كۈن ئوقۇپ ناھايىتى مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن.ئۇ كۆپ ھاللاردا كۈنىگە ئاران ئىككى قاداق قارا بولكا يېيەلەيتتى. ئۇ كىرسىن ئېلىشقا پۇلى بولمىغانلىقتىن نائىلاج كوچىدىكى چىراق تۈۋىدە دەرس تەييارلىغان. ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىرەر قېتىممۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ باقمىغان. مەيلى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش كۈنلىرى بولسۇن، بوران چىققان، قار-يامغۇر ياغقان كۈنلىرى بولسۇن، ئۇ بىرەر قېتىممۇ كېچىكىپ باقمىغان. 1885-يىلى، ۋىليامىس تۇپراقشۇناسلىق ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا كىرىشكەن. ئۇ گەرچە ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، تۇپراقشۇناس ۋە تېرىقچىلىق پروفېسسورىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ تەجرىبىخانىنىڭ تەشكىللىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، شۇنداقلا تەجرىبە مەيدانىنى باشقۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولغان. كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ ئۇنى چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتكەن. 1888-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئۇ فرانسىيەگە بارغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پارىژدىكى لۇئى باسدى تەتقىقات ئورنىدا تۇپراق باكتېرىيەشۇناسلىقى ئۈستىدىكى تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. 1889-يىلى گېرمانىيىدىكى ميۇنخېنغا بېرىپ، تۇپراق فىزىكىسى بىلەن تۇپراق خىمىيسىنى تەتقىق قىلغان. 1891-يىلى مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ، ئادەتتىكى دېھقانچىلىق تېرىقچىلىق ئۇسۇلىدىن دەرس بەرگەن. ئۇ 1893-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، دېھقانچىلىق ئىلمى بويىچە ماگىستىر دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان.

ئۇ تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىنىڭ قانداق ھاسىل بولىدىغانلىقىنى تېپىش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ يېنىغا چوڭ سېمونت كۆلچەكتىن 10 نى ياساپ، ئۇنىڭ ھەر بىرىگە رۇسىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن تۇپراقتىن 16 توننىدىن تۆككەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت-چۆپ تېرىغان. كۆلچەكنىڭ ئاستىغا سۇ تارتىش ئەسۋابى ئورنىتىپ، تۇپراققا سىڭىپ كەتكەن ئېرىتمىنى تارتىۋالغان. ئېرىتمە پارغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇرۇق ماددا قالغان. بۇ قۇرۇق ماددىلار تۇپراقتا ھاسىل بولىدىغان ئورگانىك كىسلاتا ئىدى. ۋىليامىس مۇشۇنداق تەجرىبە ئارقىلىق تۈرلۈك ئورگانىك كىسلاتالارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تاشقى شارائىت ئاستىدا ھاسىل بولۇش جەريانىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇنداق تەجرىبە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى، شۇنداقلا ئۇنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ھەر بىر سۇ تارتىش ئەسۋابى يىغىۋالغان سۇ مىقدارىنى ھەر قېتىم توغرا ئۆلچەپ چىقىش كېرەك ئىدى. ئەگەر بەش مىليون كۇپ گىرام ئېرىتمە بولمىسا، ئورگانىك كىسلاتانىڭ بارلىقىنى تەتقىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق مۇشەققەتلىك تەجرىبىنى ئۇ توپتوغرا ئون تۆت يىل ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى تۇپراقنىڭ سىرىنى ئاچىدۇ، ھەر خىل تۇپراقنى ياخشىلاش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ. ۋىليامىس: «خوجايىننىڭ يامىنى بولسا بولىدۇكى، تۇپراقنىڭ يامىنى بولمايدۇ» دەيدۇ، بۇ سۆز ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا چىقارغان مۇۋاپىق يەكۈنى ئىدى.

ۋىليامىس ئوت-چۆپ ئۈستىدە كەڭ كۆلەملىك تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بىر كۆچەتلىككە مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئوت-چۆپ تېرىيدۇ. ئوت-چۆپنىڭ ئۆسۈشىنى كۈزىتىش ئارقىلىق، تۇپراقنى تېز ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەلا-سورتلۇق ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ چىقىدۇ. بۇ تەجرىبە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ بىر قوللىشىغا ئىگە بولالمايدۇ. تېرىشتىن تارتىپ يىغىشقىچە بولغان ئىشلار، شۇنىڭدەك كۈزىتىش، خاتىرە يېزىشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزى ئىشلەيدۇ. ئەنە شۇنداق ئايلاپ-يىللاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا كەڭ زېمىننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپىدۇ. ۋىليامىس بىزگە مۇنداق دەپ ئۆگىتىدۇ: يەرگە كۆپ يىللىق ئوت-چۆپ تېرىلسا، تۇپراق ئۇششاق دانچىلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆلگەندىن كېيىن بولسا، چىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورگانىك ماددا پەيدا بولۇش ئارقىسىدا، ئۇششاق توپا دانچىلىرى بىر-بىرىگە يېپىشىپ، چوڭ-كىچىك دانچىلار ھاسىل بولىدۇ.

1927-يىلى، ۋىليامىس ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى « ئاددى تېرىقچىلىق ئۇسۇلى ۋە تۇپراقشۇناسلىق قائىدىلىرى » نى نەشىر قىلىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇنىڭ نەچچە ئون يىل ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنى ئىدى. ۋىليامىس ئىشنى ئاجايىپ تىرىشىپ ئىشلىگەن. ئۇ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، جىددى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان. ھەر كۈنى دەل سائەت 8:00 دە تەجرىبىخانىغا كېلىپ، ئاز دېگەندە كەچ سائەت 11:00 گىچە ئىشلىگەن. ئۇ بىرەر مەزگىلمۇ دەم ئېلىپ باقمىغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىمۇ، ئۆزىنىڭ «دېھقانچىلىق تېرىقچىلىق قائىدىلىرى» دېگەن كىتاپىنىڭ كوررېكتور نۇسخىسىنى تەكشۈرگەن. دوختۇر ئۇنىڭغا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتقاندىمۇ، تەجرىبىخانىدىن كېتىشكە ئۇنىمىغان. بۇ ئۇلۇغ ئالىم 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#