يۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى

يۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى

يۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى دە بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تامتوغراق يېزىسىنىڭ كونا ئۇيغۇر كەنتىنىڭ شىمالىدىكى كونا دەرياسى بويىغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى يۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى باي ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 玉满旅游度假村
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1060 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتىيۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى دە بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 17 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تامتوغراق يېزىسىنىڭ كونا ئۇيغۇر كەنتىنىڭ شىمالىدىكى كونا دەرياسى بويىغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1060 مېتىر. ئۇنىڭ غەربىي ئەشمە كۆلىنى بىلەن، جەنۇبى ناھىيە بازىرى بىلەن قوشنا، تۆت ئەتراپى بوستانلىق بىلەن ئورالغان.

يۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتىيۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى ئاقسۇ دەرياسى نىڭ تىنما توپا تۈزلەڭلىكدىن تەركىب تاپقان. يەر شەكلى تۈز، كەڭ، تۇپرىقىدا شورلۇق زەي تۇپراق، چىملىق تۇپراق، سازلىق، چىملىق توپا ۋە شور تۇپراق ئاساس قىلىنىدۇ؛ سۇ بايلىقى مول، تىپىك بوستانلىق چاتقال چىملىق ئوتلاق. ئۇنىڭ باشقا قويۇق ئۆسكەن توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، چۈچۈكبۇيا، كۆك بۇيا، يىكەن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر؛ ئورمان ياۋا توخۇسى، ياۋا ئۆردەك، ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار؛ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 كۋادرات كىلومېتىرلىق مەنزىرىلىك رايون. 

مەنزىرە رايونىيۈمەن قۇرۇلۇش ئورنى، نېلۇپەر كۆلى، تۆگە قۇش باقمىچىلىق رايونى، باغۋەنچىلىك پەن-تېخنىكا ئۈلگە رايونى، كونا دەريا قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. 

يۈمەن ساياھەت ئىستىراھەت كەنتىدە ھەر يىلى ئەتىيازدا، ئوت-چۆپلەر خۇددى پاياندازدەك بۇلۇپ، يول ياقىسىدىكى تۈزلەڭلىك، تەكشى جىلغا ۋە جىلغا ئېقىنى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇلار، رەڭگارەڭ، خۇش پۇراق شاپتۇل ۋە ئۆرۈك چېچەكلىر كىشىنى مەستىخۇش قىلىدۇ؛ ياز ۋە كۈز پەسلىدە توغراقلىقلار يېشىل، سېرىق بولۇپ، نېلۇپەر گۈلى بەس-بەستە جۇلالىنىپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ؛ زىمىستان قىشتا پۈتۈنلەي مۇز بىلەن قاپلانغان، ھەممە يەردە قار ئۇچۇپ يۈرىدۇ، تۈزلەڭلىك رايونىدىكى بارلىق نەرسىلەر ئاپئاق قار بۇلۇپ، چەكسىز مەنزىرە نامايەن بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#