ئەنجۈر قېقى

  ئەنجۈر قېقىنىڭ تەرەتنـى يۇمشۇتۇش،  يەل تارقىتىـش،  چىرايىنـى پارقىرىتىش، تەرلىتىش، بەلغـەم بوشۇتـۇش، ئىششىق ۋە ياللـۇغ قايتـۇرۇش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

دورا نامى ئەنجۈر قېقى
ئەرەبچە نامى تيىن
ئوردۇچە نامى ئەنجير
ئېنگىلىزچە نامى Fig
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چىقىدۇ
تونۇش نامى ئەنجۈر قېقى
پارسچە نامى ئەنجير
لاتىنچە نامى Fructus Fici
خەنزۇچە نامى 无花果wu hua guo
شەكلى شەكلى يۇمىلاق، رەڭگى سېرىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى پىشۇرۇش، تەبىئەتنى، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنـى ئېچـىش، تەرەتنـى يۇمشۇتۇش، يەل تارقىتىـش، چىرايىنـى پارقىرىتىش، تەرلىتىش، بەلغـەم بوشۇتـۇش، ئىششىق ۋە ياللـۇغ قايتـۇرۇش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

قـۇرۇق مـېـۋىسـىنـىـڭ سۇلـۇق ئېرىتمىسىنـى ئاكتىپلاشقان كۆمۈش، پروپانون بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئىلىنغان مەھسۇلاتىدا ساركومىغا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار. تولۇق پىشمىغان مېۋىسىنىڭ سۈتى سۈت بېزى راكى، يىلىك مەنبەلىك ئاققان كېسىلى، لىمفا گۆش راكى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش رولى بار.

1. ئەنجۈر 5 دانە، زوپا 10 گرام، پىرسياۋشان10 گرام، چۈچۈك بۇيا 7 گرام ئېلىپ كاشكاپ تەييارلاپ بەرسە زۇكام، نەزلە، يۆتەل قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئەنجۈر 1 كىلوگرام، شېكەر 2 كىلوگرام ئېلىپ ئەنجۈر مۇرابباسى تەييارلاپ يەپ بەرسە ئومۇمىي بەدەننى، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. ئەنجۈر 10 گرام، ئۈزۈم 30 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە سوغۇقتىن بولغان كۆك يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

4. ئەنجۈرنى بادام مېغىزى، پىستە مېغىزى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بىرگە يېسە سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. مېڭىنى، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

5. ئەنجۈرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىق ئۈزۈم سىركىسىگە چىلاپ9 كۈن چىلاپ قويۇپ ھەركۈنى ئىستېمال قىلسا تالنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ.

6. ئەنجۈرنى ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ تالقانلاپ ياكى خېمىر قىلىپ ئىستېمال قىلسا باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

7. ھۆل ئەنجۈردىن كۈنىگە 4–5 دانىدىن يېسە بەدەننى سەمىرتىدۇ.

مىقدارى:5-7 دانىغىچە.

تۈزەتكۈچىسى:ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ئورۇنباسارى:باراۋەر مىقداردا چىلخۇزا، قارىغاي ئۇرۇقى

لوئوقى تين، ئەنجۈر شەربىتى، مۇرابباسى،

 باھ ۋە بۆرەك ئاجىزلىقـى، يۆتـەل، زۇكـام، نـەزلـە قاتارلىق نەپەس سىستېمىسـى كېسەللىكلىرى، ئۆپـكە كېسەللىـكـى، چـېچـەك، تال ئىششىقى، جىگەر، تال توسۇلۇش، قەۋزىيەتلىك، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيىز توسۇلۇش، سۈيدۈك تىمىپ كېلىش، مېڭە ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەنجۈر تەركىبىدە گىلىكوزا، مېۋە قەنتى، قۇمۇش شېكىرى تەخمىنەن %5 نى ئىگىلەيدۇ. لىمون كىسلاتاسى، قەھۋە كىسلاتاسى، كويىنىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. قۇرۇتۇلغان مېۋىسى، پىشمىغان مېۋىسى ۋە ئۆسۈملۈك سۈتىدە راكقا قارشى تەركىب بار. سۈتىدە يەنە كىراخمال، ئاقسىل فىرمىنتى،ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگۈچى ھورمون ھەمدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C,A قاتارلىقلار بار.[0]

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ياڭاق، سۆئىتەر، روم بەدىيان

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇ تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=140

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇ تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=140

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#