پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىلىرى

ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىلىرى جەمئىي يەتتە باب، 26 ماددىدىن تەركىب تاپقان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىلىرى
خەنزۇچە نامى 自治区科协对“金桥工程”的管理措施

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا: «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە خىزمەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى چارىلەر ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا: «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا قانات يايدۇرغان بىر خىل ئەمەلىي پائالىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى بىر يەرگە توپلاپ، تارماقلاردىن، كەسىپلەردىن، رايونلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، گورىزونتال يۆنىلىش بويىچە مۇناسىۋەت باغلاپ، مۇكەممەل بولغان ئىنتېرنېت ئۈستۈنلۈكىنى قۇرۇپ چىقىش، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش بىلەن ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن تېخنىكا بازىرىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

3-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نى دەرىجە بويىچە باشقۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 1-دەرىجە، ئوبلاست، ۋىلايەت، شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە ھەر قايسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەتلىرى 2-دەرىجە بولىدۇ.

2-باب تەشكىلىي ئورگانلار ۋە مەسئۇلىيەت

4-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» غا ماسلىشىدىغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» خىزمىتىنى تەشكىللەش، ھەمكارلىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي خىزمەت مەسئۇلىيىتى: 

(1) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نىڭ خىزمەت لايىھىسىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى پىلانلاش؛ 

(2) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نى يۈرگۈزۈش جەريانىدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى قەرەللىك تەتقىق قىلىش؛ 

(3) تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، تىپىك شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى»نى يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

(4) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نى يۈرگۈزۈش جەريانىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

5-ماددا: «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نى تەڭشەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تۆۋەندە «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ ئىشخانا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا مەسلىھەت سوراش مەركىزىگە ئورۇنلاشقان ۋە «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەر قايسى رايون، ناھىيە، شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ئورۇنلار ئۆز تەۋەلىكىدە مۇناسىپ ئورگانلارنى قۇرۇپ، خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.

3-باب تۈر ئايرىمىلىرى ۋە شەرتلەر

6-ماددا: «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ: 

(1) ھەل قىلغۇچ تەدبىر، مەسلىھەت؛

(2) تېخنىكىلىق مۇلازىمەت؛

(3) تېخنىكا كېڭەيتىش؛

(4) تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش؛

(5) تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛

(6) مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛

(7) ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ۋە يېزا-بازار كارخانىلىرىنى يۆلەش؛

(8) تېخنىكىلىق تەربىيىلەش؛

(9) باشقىلار.

7-ماددا: تۈرلەرنىڭ شەرتلىرى:

1. «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك. يەنى قولىدا تۈر بار تەرەپ، تۈرگە ئېھتىياجلىق تەرەپ ۋە تۈرگە كۆۋرۈك سالغۇچى ۋاستىچى تەرەپ بولۇپ، كۆۋرۈك سالغۇچى تەرەپ ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق تەشكىلاتلار بولۇشى لازىم.

2. «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تۆۋەندىكى تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇشى لازىم:

(1) دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتلەردە زور تەسىرى بار تۈرلەر؛

(2) بىر قەدەر زور تەسىرى بار يېڭى، يۇقىرى تېخنىكا تۈرلىرى؛

(3) ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ، رايون ۋە كەسىپ ھالقىيالايدىغان، كېڭەيتىپ ئىشلىتەلەيدىغان تېخنىكا تۈرلىرى؛

(4) ئىقتىسادىي ئۈنۈمى روشەن، يۇقىرى بولغان تۈرلەر (يىللىق باج كىرىمى ℅%15 تىن يۇقىرى ياكى تۈرلەرنى تېجەيدىغان مەبلەغ ℅%10 دىن يۇقىرى بولغانلىرى)؛

(5) يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك تۈرلىرى؛

(6) چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنى يۆلەپ، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرالايدىغان، ئۈنۈمى روشەن تۈرلەر؛

(7) ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ۋە يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە روشەن ئۈنۈمى بار تۈرلەر؛

(8) تېخنىكا كىرگۈزۈش ياكى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئۈنۈمى ياخشى تۈرلەر.

8-ماددا: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق خەلقئارادىكى تۇنجى يېڭىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار، كەسپى جەھەتتە ئىلغار ۋە رايون ئىچىدىكى ئىلغار دەپ ئايرىم-ئايرىم ئېتىراپ قىلىنغان تۈرلەر.

4-باب تۈرگە ئىلتىماس قىلىش ۋە باشقۇرۇش

9-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تۈرى يىلدا بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىدۇ. ھەر قايسى رايونلار، ناھىيەلەر ۋە شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەر ئىلتىماسنى خۇلاسىلەيدۇ. ھەر قېتىم ئىلتىماس قىلىنغان تۈر 2-3 كىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. ئىلتىماس قىلىدىغان ۋاقىت ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغاندا «ئاپتونوم رايونلۇق ‹ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى› تۈرلەرگە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ‹ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى› تۈرلەرگە ئىلتىماس قىلىش يىغىندى جەدۋىلى» نى ئىككى نۇسخىدىن تولدۇرۇش، قوشۇمچە يەنە 500 خەت ئەتراپىدا تۈرنى چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى (ئىككى نۇسخا) بىلەن تەمىنلىشى، جۈملىدىن تۈرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم مەزمۇنلىرى، ئېرىشمەكچى بولغان تېخنىكىلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ قاتارلىقلار تولۇق بولۇشى كېرەك.

10-ماددا: مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ باھالاپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىلتىماس قىلىنغان تۈرگە قارىتا خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ 

باھالاپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن «ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ‹ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى›غا تۈر تۇرغۇزۇش جەدۋىلى» نى تۈزۈپ چىقىپ ئىنتېرنېت تورىدە ئېلان قىلىدۇ.

11-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» غا كىرگۈزۈلگەن تۈرى بولغانلار بولسا، ھەر قايسى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇنلار نۇقتىلىق تۈر قاتارىدا باشقۇرۇلىدۇ، مەزكۇر تۈرنىڭ پىلان بويىچە ئاياغلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى نۇقتىلىق تۈرلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك شەكىلدىكى تەشۋىقاتلارنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا ئەھۋالىغا قاراپ رايون ھالقىش ياكى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تېخىمۇ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.

12-ماددا: ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نىڭ تۈر تۇرغۇزۇش رەت نومۇرى، نومۇر ئايرىمىسى، تۈرنىڭ نامى، يىللىق پايدا، باج كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ۋە مەبلەغ تېجەش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن شۇنداقلا «ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ‹ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى› ستاتىستىكىلىق خىزمەت تۈزۈمى» دىكى تەلەپلەر بويىچە ئۆز ماتېرىياللىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

13-ماددا: ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەر نۇقتىلىق «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا 

جەمئىيىتى قىسمىدىن نۇقتىلىق «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

5-باب راسخوت

14-ماددا: «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نى باشقۇرۇش راسخوتىنى ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلەر خامچوتقا كىرگۈزۈپ تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق تەييارلايدۇ.

(1) مالىيە پۇل ئاجرىتىش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تولۇقلىما ياردەم بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىش؛ 

(2) دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى، سىياسەت بەلگىلىمىلىرى بويىچە راسخوت يىغىش؛

(3) جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش؛

(4) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» فوندى جەمئىيىتى تەسىس قىلىپ مەخسۇس تۈر فوندى تۇرغۇزۇش.

6-باب مۇكاپاتلاش

15-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى تۈر مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىدۇ. 

16-ماددا: «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى»  ئىشخانىسى باھالاپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ. «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تۈر مۇكاپاتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا مەسئۇل بولىدۇ. تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھېچقانداق قارشى پىكىر بولمىسا، ئاندىن «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ.

17-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى تۇرغۇزۇلغان تۈر ئۈنۈمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن تۈر 

مۇكاپاتى تەسىس قىلىدۇ. شۇنداقلا «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ ۋە قاتنىشىدۇ. ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئورۇنلارغا تەشكىلىي مۇكاپات تارقىتىدۇ. «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرگە شەخسىي مۇكاپات تارقىتىدۇ.

18-ماددا: (1) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى تۈرىگە مۇكاپات ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» دىن ئىككىنى ۋە ئېلېكترونلۇق نۇسخىدىن بىرنى تولدۇرۇش. ئىلتىماس قىلغاندا توختام، كېلىشىمنامە، ھاۋالەنامە (ئىسپات تۈرلىرى-ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇننىڭ ۋاسىتىچىلىك تەشكىلى يۈرگۈزگەن ھۆججەتلەر ) ئۈنۈم ئىسپاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار؛

(2) تەشكىلىي مۇكاپات ئىلتىماس قىلغاندا، «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى تەشكىلى مۇكاپات ئىلتىماسى جەدۋىلى» دىن ئىككىنى، ئېلېكترونلۇق نۇسخىدىن بىرنى تولدۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈنۈم ئىسپاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش؛

(3) شەخسىي مۇكاپات ئىلتىماس قىلغاندا، «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى شەخس مۇكاپات ئىلتىماسى جەدۋىلى» دىن ئىككىنى، ئېلېكترونلۇق نۇسخىدىن بىر نۇسخا تولدۇرۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش؛

(4) تۈر ئۈنۈمى ئىسپاتىنى شۇ تۈرنى ئىشلەتكەن ئورۇن چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇ ئورۇننىڭ تامغىسى بولۇشى كېرەك. ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئىسپاتى ئۈستىدە چوقۇم شۇ تۈرنى ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ مالىيە تامغىسى بېسىلغان بولۇشى لازىم. ئىقتىسادى ئۈنۈم-شۇ تۈرنى ئىشلەتكەندىن كىيىن سانائەت تۈرلىرىنىڭ يىللىق باج پايدىسى، دېھقانچىلىق تۈرلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى ۋە يىللىق تېجەش مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

19-ماددا: (1) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى ئىلتىماس قىلغان ماتېرىياللارغا قارىتا 

شەكلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ؛

(2) ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر تۈر ئىلتىماس ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛

(3) مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپ مۇكاپاتلاش تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىدۇ؛

(4) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى مۇكاپاتلىنىدىغان تۈرلەر ئىسمىنى خۇلاسىلەپ بېكىتىدۇ؛

(5) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى قىسمەن مۇكاپاتلىنىدىغان تۈرلەرگە قارىتا نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ؛

(6) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى تەشكىلى ۋە شەخس مۇكاپاتلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛

(7) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ؛

(8) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ، نارازىلىق پىكىر بايان قىلغۇچىلار شۇ كۈندىن ئېتىبارەن 10 كۈن ئىچىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ؛

(9) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى نارازىلىق پىكىرلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (10) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئىنتېرنېت تورىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىدۇ.

20-ماددا: (1) تۈر مۇكاپاتى-تۈرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، تۈرىنىڭ سەۋىيىسى، كېڭەيتىش ئىستىقبالى ۋە تەشكىلىي خىزمەت مىقدارى؛

(2) تەشكىلى مۇكاپاتى-ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇننىڭ  «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىنى يۈرگۈزۈش پىلانى، لايىھەسى، تۈرىنىڭ سەۋىيىسى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل پائالىيەت ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش؛

(3) شەخس مۇكاپاتى-شەخسىلەرنىڭ «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش.

21-ماددا: تەكشۈرۈپ باھالاش ئۆلچىمى.

1. تۈر مۇكاپاتى:

1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئۆلچىمى: 

(1) يىللىق يېڭى باج كىرىمى %30 تىن يۇقىرى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ئىنتايىن روشەن بولسا؛

(2) تېخنىكىسى خەلقئارا سەۋىيەگە ياكى دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، كېڭەيتىش ئىستىقبالى چوڭ بولسا؛

(3) تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ مىقدارى چوڭ بولسا.

2-دەرىجىلىك مۇكاپات ئۆلچىمى: 

(1) يىللىق باج كىرىمى ئىككى مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولسا ياكى ئۆتكەن يىلقى باج كىرىمىدىن %20 ئاشقان بولسا، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى روشەن بولسا؛

(2) تېخنىكا سەۋىيىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيىگە ياكى شۇ كەسىپ بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، مۇئەييەن كېڭەيتىش ئىستىقبالى بولسا؛

(3) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تەشكىلى خىزمىتىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن چوڭ بولسا.

3-دەرىجىلىك مۇكاپات ئۆلچىمى: 

(1) يىللىق يېڭى باج كىرىمى بىر مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولسا، ئۆتكەن يىلدىن %15 ئاشقان بولسا ۋە مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بولسا؛

(2) تېخنىكىسى مۇئەييەن ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن بولسا؛

(3) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تەشكىلى خىزمىتىدە مۇئەييەن خىزمەت مىقدارى بولسا.

ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى ئۆلچىمى: 

(1) يىللىق يېڭى باج كىرىمى يۈز مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا ياكى ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا %15 ئاشقان بولسا، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بولسا؛

(2) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» تەشكىلى خىزمىتىدە مۇئەييەن خىزمەت مىقدارى بولسا.

2. تەشكىلىي مۇكاپات:

1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئۆلچىمى: 

(1) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى»غا مۇناسىۋەتلىك پىلان لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرگۈزگەن، ئۆز خىزمەت ئورنىنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى پائالىيىتىدە مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىغان بولسا؛

(2) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» خىزمىتىنى باشقۇرۇشتا تەشكىللەش، ھەمكارلىشىش جەھەتلەردە خىزمەتلىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولسا؛ (3) كەڭ ئەزالار ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلالايدىغان، ئۈنۈمى بىر قەدەر روشەن بولغانلار؛

(4) تەشكىلى تۈرلەرنىڭ سانى كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى زور بولسا.

2–دەرىجىلىك مۇكاپات ئۆلچىمى: 

(1) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى»غا مۇناسىۋەتلىك پىلان لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرگۈزگەن، ئۆز خىزمەت ئورنىنىڭ «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان بولسا؛

(2) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى تەشكىللەش، ھەمكارلىشىش، يۈرگۈزۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولسا؛

(3) ئەزالار ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى سەپەرۋەر قىلىشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولسا؛

(4) تەشكىلى تۈرلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادى ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى زور  بولسا.

3–دەرىجىلىك مۇكاپات ئۆلچىمى: 

(1) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» غا مۇناسىۋەتلىك پىلان لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرگۈزگەن، ئۆز خىزمەت ئورنىدا «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» پائالىيىتىنى  قانات يايدۇرۇشتا مۇئەييەن  يېتەكچىلىك رول ئوينىغان بولسا؛

(2) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى تەشكىللەش، ھەمكارلىشىش، يۈرگۈزۈش جەھەتلەردە مۇئەييەن نەتىجىسى بار بولسا؛

(3) ئەزالار ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشتا نەتىجىسى روشەن بولسا؛

مۇئەييەن ساندىكى تۈرلەرنى تەشكىللىگەن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى زور  بولسا.

3. شەخس مۇكاپاتى: 

(1) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن كۆپ ساندىكى تۈرلەرنى تەشكىللەپ يۈرگۈزگەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى زور  بولسا؛ 

(2) «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى»نىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مۇھىم تەشكىلى تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسا؛ (3) مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ، لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان بولسا.

22-ماددا: مۇكاپاتلاش ئۇسۇللىرى: مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش.

(1) تۈر مۇكاپاتى: 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5000/3000/2000/1000 يۈەن.

(2) تەشكىلى مۇكاپات: 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارنىڭ سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5000/3000/2000 يۈەن.

(3) شەخس مۇكاپاتنىڭ سوممىسى 2000 يۈەن.

«ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» غا قاتناشقان مۇھىم خادىملارنىڭ مۇكاپات سوممىسى مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %60 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەرقايسى ئورۇنلار «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى»نىڭ مۇكاپاتلاش، ئىلھاملاندۇرۇش پرىنسىپى ئاساسىدا مۇكاپات سوممىسىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ.

23-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەقدىرلەش يىغىنى پرىنسىپ جەھەتتە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.

24-ماددا: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا 

جەمئىيىتىگە ئىلتىماس قىلىپ تۈر تۇرغۇزمىغان مۇكاپاتنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

25-ماددا: «ئالتۇن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نىڭ ھەر تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتلىرى، چارىلىرى ۋە تەرتىپلىرى يۇقىرىقى چارىلەر ئاساسىدا ئايرىم تۈزۈلىدۇ.

26-ماددا: بۇ چارىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ چۈشەندۈرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سان

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#