پۇتبول تەنھەركىتى

پۇتبولنىڭ «دۇنيادا بىرىنچى تەنھەرىكەت» دېگەن نامى بار. بىر قېتىم پۇتبول شاھى بېيلى نېگىرىيىگە بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەتتە دەل ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەزگىل ئىكەن، ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىككى كۈن ئۇرۇش توختىتىپتۇ، مانا بۇنىڭدىن پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى پۇتبول
خەنزۇچە ئىسمى 足球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇتبول تەنھەركىتىپۇتبولنىڭ «دۇنيادا بىرىنچى تەنھەرىكەت» دېگەن نامى بار. بىر قېتىم پۇتبول شاھى بېيلى نېگىرىيىگە بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەتتە دەل ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەزگىل ئىكەن، ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىككى كۈن ئۇرۇش توختىتىپتۇ، مانا بۇنىڭدىن پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

پۇتبولنىڭ مۇسابىقە مەيدانى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى 68 ×105 مېتىرلىق مەيداندىن باشقا، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 90 −120 مېتىر، كەڭلىكى 45 −90 مېتىر بولىدۇ. ۋاراتانىڭ ئىككى تۈۋرۈكىنىڭ ئارىلىقى 32.7 مېتىر، توغرا ياغاچ بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقى 44.2 مېتىر بولۇپ، ۋاراتانىڭ كەڭلىكى ئېگىزلىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

پۇتبول تەنھەركىتى 50-يىللاردىن بۇيان، دۇنيا پۇتبول ھەرىكىتىدە ئۈچ قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. 1953-يىلى ۋېنگرىيىلىكلەر تۆتلۈك ھۇجۇم تۈزۈلمىسىنى قوللىنىپ (4 −3 −2 سەپ شەكلى) ، 20 يىلدىن بۇيان قوللىنىلىۋاتقان MW شەكىللىك ئەنئەنىۋى ئويناش ئۇسۇلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان ھالەتنى بەرپا قىلىپ، دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنى زىلزىلىگە سالغان. بەش يىلدىن كېيىن برازىلىيىلىكلەر تېخنىكا، ماھارەتتە يېڭى تەرەققىياتلارنى پەيدا قىلىپ، ھۇجۇم-مۇداپىئە تەڭلەشكەن 4 −2 −4 سەپ شەكلىنى بەرپا قىلىپ، مۇداپىئەچىلەرنىڭ تېپىش ئۇسۇلىدا يېڭى تۈزۈلمە تۇرغۇزغان. شۇنىڭدىن پەيدا بولغان 3 −3 −4 شەكىللەر ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ھالەتلىرى ئاساسىي ئالاھىدىلىكتە 4 −2 −4 شەكلىگە ئوخشاش بولغان، پەقەتلا كۈچلەرنى تەقسىم قىلىشتا مۇداپىئەگە كۆپرەك ئېتىبار بەرگەن. ئۈچىنچى قېتىملىق ئۆزگىرىش 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بارلىققا كېلىپ، گوللاندىيە، فېدېراتىۋ گېرمانىيە، پولشا كوماندىلىرى پۈتۈن ھۇجۇم-پۈتۈن مۇداپىئەلىك ئويناش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغان، يەنى بىر كوماندىدا ۋاراتاردىن باشقا 10 ئەزانىڭ ھەممىسىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قىلىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بۇ تاكتىكا پوزىتسىيىنىڭ ئەزالارنى چەكلەپ قويۇشىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، ئەزالارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەزالارنىڭ بەدەن ساپاسىغا، تېخنىكا، تاكتىكىسىغا ۋە ئاڭ پەزىلىتىگە، جەڭ قىلىش ئىستىلىغا ئوخشاش جەھەتلەردە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

پۇتبول ھەرىكىتى 1900-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 1904-يىلى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى(AFIF) قۇرۇلغان. 1930-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن (كېيىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دەپ ئاتالغان) ، بۇ مۇسابىقە ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىكتىن تارتىپ ھازىرغىچە ياۋروپا قىتئەسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلار بارلىق «رېمىت لوڭقىسى» نى بۆلۈشۈۋالغان. جۇڭگودا 1910-يىلىدىكى كونا جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پۇتبول رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە دۇنيادىكى پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا ئىنتايىن چوڭ. 1987-يىلى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. 

پۇتبول تەنھەركىتىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاياللار پۇتبولى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلماقتا. ئاياللار پۇتبولىنىڭ مۇسابىقە ۋاقتى 80 مىنۇت بولغاندىن سىرت، باشقا قائىدىلىرى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش. ئاياللار پۇتبولىدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىز ئاياللار پۇتبولىنىڭ سەۋىيىسى ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

پۇتبول ھەرىكىتى يۈرەكلىك، قەيسەر، زېرەك بولۇشنى، سۈرئەتمۇ، چىداملىقمۇ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ناھايىتى يۇقىرى چېنىقىش قىممىتىگە ئىگە. ئۆسمۈر-بالىلار پۇتبولىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىمىز كىچىك پۇتبول ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلماقتا. كىچىك پۇتبول مەيدانى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، توپنىڭ ئايلانمىسىمۇ چوڭلارنىڭكىدىن 14 ~15 سانتىمېتىر كىچىك، ئېغىرلىقى 116 ~143 گرام يەڭگىل. ھەربىر كوماندىدىن يەتتىدىن ئادەم مەيدانغا چۈشۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ. كىچىك پۇتبول ھەرىكىتىگە دۇنيا پۇتبول سەۋىيىسىگە يېتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىش ئۈمىدى بېغىشلانغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (12 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    8.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    25%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#