- مالىنا (خام دورا)
- مالىنا (مىۋە)
مالىنا
مالىنا ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، مالىناغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ. شاخلىرى كۆپ، پۈتۈن تېنىدە زىچ ئۇششاق تىكەنلىرى بولىدۇ، مېۋىسى توپ شىرىلىك مېۋە بولۇپ، رەڭگى قىزىل، شەكلى دۈگىلەكرەك، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ. مېۋىسى ۋە يىلتىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مالىنامالىنا ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، مالىناغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 ~ 1 مېتىر كېلىدۇ. شاخلىرى كۆپ، پۈتۈن تېنىدە زىچ ئۇششاق تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇچىدىكى كىچىك يوپۇرمىقى چوڭراق، گىرۋىكى رەتسىز قوش ھەرە چىشىسىمان، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، دۈمبىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولىدۇ؛ گۈلى ئاق، بىر تال ياكى بىرنەچچە تال بولۇپ، ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، مېۋىسى توپ شىرىلىك مېۋە بولۇپ، رەڭگى قىزىل، شەكلى دۈگىلەكرەك، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى ئالتىنچى، سەككىزىنچى ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا ئۈزۈۋېلىپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، ئازراق تۇرغۇزۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يىلتىزىنى كولىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ تەڭرىتاغ، ئالتاي تاغلىق جايلىرىدىكى ئوتلاق ۋە چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، سۈيدۈك قېتىم سانىنى ئازايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئۇرۇقى 6 ~ 12 گرام، يىلتىزى 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام مالىنىنى 20 گرام كەتىرا، 12 گرام قانتېپەر، 10 گرام ياچىۋەك تۇخۇمى، 21 گرام بۇغا مۈڭگۈز قالدۇقى، 20 گرام لوڭگۇ بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ياشانغانلاردىكى بەدەن ئاجىزلىق ۋە كۆپ سىيىشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى مالىنىنى تەڭ مىقداردىكى ياچىۋەك تۇخۇمى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى كۆپ سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مالىنا، ياچىۋەك تۇخۇمى ۋە نېلۇپەر ئاتىلىقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام مالىنا يىلتىزىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.