يۈەن سۇلالىسى نىڭ پادىشاھى قۇبلاي  (1215-1294-يىللار) چىڭگىزخان نىڭ نەۋرىسى. ئۇ  1260-يىلىدىن  1294-يىلىغىچە  35 يىل پادىشاھ بولۇپ، جۇڭگو دىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى مۇستەھكەملىگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى قۇبلاي
خەنزۇچە ئىسمى 孛儿只斤·忽必烈
باشقا نامى 薛禅可汗
كەسپى قاغان، پادىشاھ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1215-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1294-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
مىللىتى موڭغۇل
چەتەلچە نامى Хубилай хаан

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈەن سۇلالىسى نىڭ پادىشاھى قۇبلاي  (1215-1294-يىللار) چىڭگىزخان نىڭ نەۋرىسى. ئۇ  1260 − يىلىدىن  1294-يىلىغىچە  35 يىل پادىشاھ بولۇپ، جۇڭگو دىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى مۇستەھكەملىگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان. 

قۇبلاينىڭ ئانىسى جۇاڭشېن خانىش خەنزۇ مەدەنىيىتىگە ھېرىسمەن بولۇپ، دائىم خەنزۇ زىيالىيلىرىنى خېلىن(بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خارخىلىن دېگەن يېرى) غا ئەكەلدۈرۈپ تۇرغان. قۇبلاي كىچىكىدىنلا خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىن يەنە كاتتا سىياسىيون يېجىن چۇسەي ئاتا-بالا بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان. قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى خەنزۇلار رايونىنى باشقۇرغاندا، خەنزۇ زىيالىيلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، دېھقانچىلىق، پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرغان؛ بوز يەر ئېچىپ، كەيپىڭ شەھىرىنى رېمونت قىلدۇرغان، بۇ ئارقىلىق مۆڭكۈخاننىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئاساس سالغان. يۈننەنگە قوشۇن تارتىپ، دالى خانلىقىنى يوقاتقان. 1259-يىلى، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى نىڭ ئېجۇ ئايمىقى (بۈگۈنكى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇچاڭ شەھىرى) غا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا، مۆڭكۈخاننىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، دەرھال كەيپىڭغا قايتىپ كەلگەن. كېيىنكى يىلى، ئۇ كەيپىڭدا ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، جۇڭتۇڭ دېگەن يىلنامىنى قوللانغان. 1264-يىلى، خېلىندا قاغان بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىچىك ئۇكىسى ئېلبىرقانى مەغلۇپ قىلىپ، پايتەختنى يەنجىڭ(بۈگۈنكى بېيجىڭ) غا يۆتكىگەن. 1271-يىلى، موڭغۇلىيە دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سۇلالە نامىنى بۈيۈك يۈەن دەپ ئۆزگەرتكەن، قۇبلاي تارىختا يۈەن شىزۇ دەپ ئاتالغان.

قۇبلاي خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى گە داۋاملىق ھۇجۇم قىلغان ھەمدە  1279-يىلى ئۇنى يوقىتىپ، جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىپايان زېمىنغا ئىگە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. ئۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش داۋامىدا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئۆتكەن خەنزۇ سۇلالىلەرنىڭ فېئوداللىق ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، «خەنزۇ سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنى ئۆرنەك قىلغان»، مەركەزنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ۋاقىتلىق ۋازارەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن قالغان ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ بەرگەن. ئۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىزاڭ رايونىدا ئايغاقچى مەھكىمىسى، باش ئەمىر لەشكەر مەھكىمىسى تەسىس قىلغان، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە يەنە نۇرغۇن نويان مەھكىمىسى تەسىس قىلغان، بۇ يەرلەرگە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ غەللە-پاراق يىغقان، بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى قوشۇن تۇرغۇزغان، شۇنداق قىلىپ، شىزاڭنى رەسمىي ھالدا يۈەن سۇلالىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزگەن. قاتناش ئالاقىسىگە ۋە جىددىي ئوردا مەكتۇپلىرى، ھەربىي ئاخباراتلارنى يوللاشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتە  1300 دىن ئارتۇق جام تەسىس قىلغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىۋېلىشنى مەنئى قىلغان ھەمدە خەنزۇ ئالىم گوشۇجىڭنى سۇچىلىققا مەسئۇل ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. 

قۇبلاي دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ، مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 80 ياشقا كىرگەندە ئۆلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3255418.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#