ياقېرىق بازىرى
ياقېرىق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياقېرىق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ باي ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان غەربىي جەنۇبىدىكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 46.7 كىلومېتىر. شەرقىي چوڭكۆۋرۈك يېزىسى، ئونباش يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي توقسۇ ناھىيەسى چۆلتاغ ئايرىپ تۇرىدۇ، شىمالدا داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە قاراباغ يېزىسى مۇزات دەرياسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ياقېرىق بازىرى باي ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقىغا، غەربىي قىسمىدىكى مۇزات دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان.
ياقېرىق بازىرى ئۇمۇمىي كۆلىمى 1513 كىلومېتىر كېلىدۇ. تېرىلغۇ يەر 117915 مو. تەۋەلىكىدە 9 لىيەن، 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە بىر چارۋىچىلىق مەيدانى بار. نوپۇسى 14609 ئادەم. ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى ياقېرىق بازار.
ياقېرىق بازىرىياقېرىق بازىرى باي ئويمانلىقىدىكى بوستانلىق جايلاشقان غەربىي قىسمىدىكى مۇزات دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. يېرى غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس. يەر سىستېمىسى مۇزات دەرياسى تىنما قۇمىدىن شەكىللەنگەن. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1369-1688 مېتىر ئارىلىقىدا. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃7.3، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃37.4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃23، قىروسىز مەزگىلى 145-150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 96 مىللىمېتىر.
ياقېرىق بازىرىغا قاراشلىق 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: ياقېرىق بازار كەنتى، چاقچى كەنتى، قايقۇلاق كەنتى، ئاراشور كەنتى، ئالغا كەنتى، بوز كەنتى، ئالتە گۈمبەز كەنتى، يىلقىچى كەنتى، ئاقگۈمبەز كەنتى، ئاقبۇلۇڭ كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى قاتارلىقلار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.