ئۇيغۇرچە نامى كۆكتېرەك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 科克铁热克乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 31978

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رەھبەرلەر تەكشۈرۈشتەكۆكتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ گۇما ناھىيەسى گە جايلاشقان. كۆكتېرەك يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى تۈزلەڭلىك، شەرقىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى قاغىلىق ناھىيەسى، شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى، مارالبېشى ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتا گۇما بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 40 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3410 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تەۋەسىدە 26 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 31978 ئادەم بار.

دېھقانلارگۇما ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقتە قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى بىلەن، غەربتە قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى قارا قۇرۇم تېغى ۋە ھىندىستان، پاكىستان بىلەن چېگىرلىنىدۇ، شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. گۇما ناھىيەسى نىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 39741.52 كىۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى220919 ئادەم، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. گۇما ناھىيەسى تەۋەسىدە 2 بازار، 13 يېزا بار بۇلۇپ، ئۇلار گۇما بازىرى، دۇۋا بازىرى ، قوشتاغ يېزىسى، كىلىياڭ يېزىسى، كۆكتېرەك يېزىسى، سانجۇ يېزىسى، مۇجى يېزىسى، چودا يېزىسى، موكويلا يېزىسى، زاڭگۇي يېزىسى، پىيالما يېزىسى، پىشنا يېزىسى، باشلەڭگەر يېزىسى، ناۋئاۋات تاجىك يېزىسى، كەڭقىر قىرغىز يېزىسى قاتارلىقلار. ناھىيە چېگرىسى ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چارۋىچىلىق فېرمىسى، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى بار.

دېھقانتارىم ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقىي شىمالدا قۇملۇق كۆپ، غەربىي تەرىپى چۆل، سازلىق. يەر ئىسسىقلىقى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1200-1400 مېتىر، چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك كىلىماتقا كىرىدۇ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.8، قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 51.3 مىللىمېتىر. 

يىغىندىن كۆرۈنۈشلەربۇ يېزا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49330 مو. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەر تېرىلىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، مايلىق دان، قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات ۋە بېدە قاتارلىقلار بار. يەنە جىگدە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما ۋە ئاز مىقداردا ياڭاق قاتارلىقلار بار. 

ئومۇمىي نۇپۇس سانى 30397؛

ئەرلەر 15518؛

ئاياللار 14879؛

ئائىلىلەر سانى 6749؛

ئائىلىلەردىكى ئومۇمىي نۇپۇس سانى 30389؛

ئائىلىدىكى ئەرلەر سانى 15510؛

ئائىلىدىكى ئاياللار سانى 14879؛

0 ~ 14 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 10077؛

0 ~ 14 ياشقىچە بولغان ئوغۇللارنىڭ سانى 5155؛

0 ~ 14 ياشقىچە بولغان قىزلارنىڭ سانى 4922؛

15 ~ 64 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 18890؛

15 ~ 64 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ سانى 9545؛

15 ~ 64 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ سانى 9345؛

65 ياشتىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1430؛

65 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئەرلەرنىڭ سانى 818؛

65 ياشتىن يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ سانى 612؛

يەرلىك نوپۇستىكىلەر 30073؛

ئوردىيان كەنتى؛

قۇمۇل كەنتى؛ 

توقماق مەھەللە كەنتى؛

ئامۇتلۇق كەنتى؛ 

لايقا كەنتى؛ 

توپمەھەللە كەنتى؛

كۆكتېرەك كەنتى؛ 

قۇمئېرىق كەنتى؛ 

قوچاقئۈژمىلىك كەنتى؛

كۆكتاغ كەنتى؛

بازايا كەنتى؛

كۆكيار كەنتى؛

ئاياقيا كەنتى؛

ئاراقۇم كەنتى؛ 

توغراقتار كەنتى؛ 

قۇمئېرىق كەنتى؛ 

دولان مەھەللە كەنتى؛

بەلقۇم كەنتى؛ 

قاغامەھەللە كەنتى؛

ئارامەھەللە كەنتى؛ 

قاتمانلىق كەنتى؛ 

تەۋەككۇمۇل كەنتى؛

يېڭىكەنت مەھەللىسى؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#