جۆئىدە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۆئىدە بولسا ئۆسۈملۈك ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى كىچىك «تاغنىڭكى» بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى ئاق كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، يوپۇرماقلىرى ئىنچىكە، يەرگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىكى يۈزى تۈكلۈك، يوپۇرماقلىرىنىڭ ئەتراپى ئۇششاق تىكەنلىك، شاخلىرىنىڭ ئۇچلىرىدا گۈمبەزگە ئوخشاش مۇنچاقلىرى بولىدۇ. ئۇ مۇنچاقلارنىڭ ئۈستىدە چاچقا ئوخشاش ئىنچىكە ئاق رەڭلىك يىلتىزى بار، مۇنچاقلار ئۇرۇق بىلەن تولغان بولىدۇ، گۈلى ئاق، بىرئاز سېرىق تەرەپكە مايىل، پۇرىقى ئېغىر، تەمى ئاچچىقراق، بىرئاز خۇشبۇي.ئىككىنچى خىلى يۇرتتا ئۆسىدۇ، بۇنى پارسچە «چاڭگاك» دەيدۇ. بۇنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزراق بولۇپ، دورىغا تاغنىڭكى ئىشلىتىلىدۇ.چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
توسالغۇلارنى ئېچىش، قاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، يەل تارقىتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار.
1. جۆئىدە بابۇنە، يەرلىك شوخلا، قاتارلىقلارنى تەڭ مىقدار ئېلىپ بىللە قاينىتىپ سىركە قۇيۇپ ئىچسە ئىششىقنى قايتۇرىدۇ. 2. مۇۋاپىق مىقداردىكى جۆئىدەنى ھۆل ۋاقتىدا ئېزىپ چاپسا، كونا يىرىڭلىق چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. جۆئىدىنى ھۆل ۋاقتىدا جاراھەتلەرگە سەپسە، جاراھەت پۈتتۈرىدۇ. 4. مۇۋاپىق مىقداردىكى جۆئىدەنىڭ ھۆلىنى ئېزىپ باشقا چاپسا، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى،[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.