دېڭىز تاشپاقىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ بەدىنىدە ئىنتايىن پۇختا قېپى بار، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، قۇيرۇق ۋە پۇتلىرىنى تاشپاقا قېپى ئىچىگە يغىلىۋالىدۇ. كۆپ ساندىكى تاشپاقا گۆشخور كېلىدۇ. تاشپاقا ئۆمۈرى ئۇزۇن ھايۋان، تەبىئىي مۇھىتى ئىچىدە يۈز يىللىق ئۆمۈر كۆرىدۇ.[0]
دېڭىز تاشپاقىسىدېڭىز تاشپاقىسى دېڭىز ئاستىنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدا ياشايدۇ. بېلىق تۈرلىرى،دېڭىز ئاستىدىكى ئۆملىگۈچىلەر سىنىپىدىكى ھايۋانلار، قاسىراقلىق ھايۋانلار ۋە دېڭىز يۇسۇنى قاتارلىقلارنى يەيدۇ. دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ چىشى يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇمشۇقى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئوخشاش بولمىغان دېڭىز تاشپاقىسى بار بۇلۇپ يېمەك - ئىچمەكتە دېڭىز تاشپاقىسى ئوتخور ۋەگۆشخور دەپ ئايرىلىدۇ، ھەر ئىككىسى ئۇزۇق تاللىمايدۇ.
1984-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى پالم دېڭىز ساھىلدا، سۇغا شۇڭغۇپ ماھىرى روس دېڭىزنىڭ 20 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا بىر پارچە تاشپاقا قېپىنى بايقىغان، تاشپاقا قېپىنىڭ ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا تارتىلىشى بىلەن تەڭ دېڭىز تاشپاقىسى سۈزۈپ چىقىلغان. بۇ دېڭىز تاشپاقىسى بىر سىلكىنىپ ئۈستىۋاشلىرىدىكى لاي-لاتقىلارنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن، ئاستا ئۈزۈپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي، روس يەنە بىر دېڭىز تاشپاقىسىنىڭمۇ ئۆزىنى كۆمۈۋالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ چاغدا، روسنىڭ بىر ھەمراھىمۇ «ئۆزىنى كۆمۈۋالغان» ئىككى دېڭىز تاشپاقىسىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بۇ غەلىتە ھادىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
كېيىن، كىشىلەر يەنە ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ئۆزىنى كۆمۈۋالغان دېڭىز تاشپاقىلىرىنى بايقىغان.
بۇ غەلىتە ھادىسە ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، بەس-بەستە دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ ئۆزىنى كۆمۈۋېلىش سەۋەبىنى تېپىشقا كىرىشكەن. بەزىلىرى: دېڭىزنىڭ ئاستى بەك سوغۇق بولغاچقا، دېڭىز تاشپاقىسى ئىسسىنىش ئۈچۈن پاتقاقنىڭ ئىچىگە كىرۋالغان، دېيىشكەن. لېكىن، روسنىڭ ئەينى چاغدىكى خاتىرىسىدە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 12.7 سېلسىيە گرادۇس ئىكەنلىكى ئېنىق ئىكەن. دېمەك، بۇ تېمپېراتۇرا تۆۋەن ھېسابلانمايدۇ، شۇڭا دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ پاتقاق ئىچىگە كىرىپ ئىسسىنىشىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق.
يەنە بەزىلەر: دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ «ئۆزىنى كۆمۈۋېلىشى» بەدىنىگە چاپلىشىۋالغان بالانۇس قۇلۇلىسىنىڭ ئاۋارىچىلكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، دەپ پەرەز قىلىشقان. لېكىن، دېڭىز تاشپاقىسى بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى كۆمۈۋالمايدۇ، بەلكى دۈمبىسى بىلەن قۇيرۇقى ئوچۇق قالىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ يەرلىرىگە چاپلىشىۋالغان بالانۇس قۇلۇلىسى يەنىلا ھايات تۇرۋېرىدۇ، شۇڭا، دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ ئۆزىنى كۆمۈۋېلىشى بالانۇس قۇلۇلىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، دېيىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس.
يەن بەزىلەر: دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ «ئۆزىنى كۆمۈۋېلىشى» ئۇنىڭ قىشلىق ئۇيقۇسىنىڭ بىر خىل شەكلى، دەپ پەرەز قىلشماقتا. لېكىن ئۇنىڭ «ئۆزىنى كۆمۈۋېلىشى» بىر خىل ۋاقىتلىق ھادىسىدۇر. شۇڭا، بۇ مەسىلىنى قىشلىق ئۇيقۇغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئارتۇقچە.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.