گەنجۇ شەھىرى
گەنجۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گەنجۇگەنجۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. خەن گاۋزۇنىڭ زامانىسىدا گەنشيەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. شەرقىي جىن سۇلالىسى ۋىلايەت مەركىزى قىلغان. سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ۋۇجۇ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى نامىنى گەنجۇغا ئۆزگەرتكەن. ھازىرغىچە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېپىل، شۇنىڭدەك شىر مۇنارى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلىنىپ قالغان.
گەنجۇ شەھىرى ئىككى بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ،15ناھىيەدن تەركىپ تاپقان.ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
گەنجۇ شەھىرى،جاڭ گوڭ رايۇنى،نەن كاڭ رايۇنى،جياڭشى ناھىيىسى ،فېڭشيەن ناھىيىسى،دايۈ ناھىيەسى،شاڭ يوۋ ناھىيەسى،چوڭ يى ناھىيەسى،ئەن يۇەن ناھىيەسى،لوڭ نەن ناھىيەسى،دىڭ نەن ناھىيەسى،چۇەن نەن
ناھىيەسى،دىڭ دۇ ناھىيەسى،يۈدۇ ناھىيەسى،شىن گو ناھىيەسى،خۈي چاڭ ناھىيەسى،شۈن ۋۇ ناھىيەسى،شى چېڭ ناھىيەسى،رۈي جىن شەھرى.
گەنجۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن بۇلۇپ 2200يىلىلىق تارىخقا ئىگە،تارىختىن بۇيان جىياڭ نەننىڭ سىياسى ،ئىقتىسادى ،ھەربى بازىسى بۇلۇپ كەلگەن.
ۋېن تىيەن شىياڭ،جوۋ دۈن خې،خەي رۈي،ۋاڭ ياڭ مىڭ،جياڭ جىڭ گو ۋە جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد باشچىللىرى
گەنجۇدا سىياسەت يۈرگۈزگەن،بۇيەر روھچىلىق تەلىماتى ۋە قەلىبشۇناسلىق تەلىماتىنىڭ شەكىللەنگەن ئۇرۇنلانىڭ بىرى.
گەنجۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمۇ ئىنتايىن يۈكسەلگەن،گەنجۇ شەھىرىدە نۇرغۇنلىغان ئالى دەرجىلىك مەكتەپلەر بار.بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق
ئۇنۋېرستىتلاردىن: جياڭشى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ، جياڭشى پېداگوگىكائۇنىۋېرسىتېتى ،جىياڭشى تىببى ئۇنۋېرستىتى،
جياڭشىنىڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پەن - تېخنىكا ئىنىستىتۇتى
ۋاڭ ياڭمىڭ دەرس سۆزلىگەن شىنئەن بىلىم يۇرتى، ئەيليەن بىلىم يۇرتى، ليەنشى بىلىم يۇرتى ۋە ليۇخېيپۇ ئەنئەنىۋى كوچا رايونى بار. سۇڭ سۇلىسى دەۋرىدىكى تۇڭتيەن غارى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.