ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى چاقىلىق ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدە، چىڭخەي ۋە شىزاڭ بىلەن قوشنا، كۆلىمى 45 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4600 مېتىردىن ئاشىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى
چەتئەلچە نامى Altunshan Nature Reserve
تىپى ئېگىزلىك ئېكولوگىيە سېستىمىسى قوغدىلىدىغان رايون
قۇرۇلغان ۋاقتى 1983-يىلى
خەنزۇچە نامى 阿尔金山国家级自然保护区
دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى
ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ جەنۇب تەرىپى
ئەڭ ئېگىز چوققا مۇزتاغ چوققىسى (6973 مېتىر)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى1974-يىلى، شىنجاڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يۈەن گويىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ مىڭدا قاتارلىقلار شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى تەبىئىي ساقلاش قوغداش رايونىنى پىلانلاپ، 1983-يىلى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان. 

1984-يىلى ش ئۇ ئا ر مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بىرلىكتە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن تەركىب تاپقان گېئولوگىيە، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى، كۆرۈنۈش، سۇ رايى، تۇپراق، ئۆسۈملۈك، ھايۋانلار،قۇشلار تۈرىدىن باشقا، ھاشارات ۋە زەھەرلىك ھاشارەتلەر تەتقىقاتى قاتارلىق كەسىپلەر تولۇق بولغان ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىدە جەمئىي 60 نەچچە ئادەم مۇھاپىزەت رايونلىرىدا 2-ئايدا، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نۇرغۇن ئىلمىي ئەۋرىشكە ۋە ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. 

1985-يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك قالايمىقان تۇتۇش، قالايمىقان ئوۋ ئوۋلاش ۋە ئۇلارنى ھەر خىل بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ بۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان قوغداش باشقارمىسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ كۈچەپ قوغدىغان.

1986-يىلى دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى باشقۇرۇش، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ باشقۇرۇشىنى تەستىقلىغان. 

2009-يىلى، دۆلەتنىڭ 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلا ئېلىپ بارغان. 

جۇغراپىيىلىك ئورۇن 

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چاقىلىق ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە، چىڭخەي ۋە شىزاڭ بىلەن قوشنا، شەرقىي مېرىدىئان 87 گرادۇس′10 ۋە 91 گرادۇس ′18، شىمالىي كەڭلىك ′36o00′ -37o49، كۆلىمى 45 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4600 مېتىردىن ئاشىدۇ. 

يەر شەكلى 

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىقوغداش رايونى بىر ئېگىز تاغ بىلەن ئورالغان، ئىچكى دېڭىز بىلەن بولغان جۇغراپىيەلىك ئورنى چوڭقۇر. ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونىدا بىر پارچە قەدىمىي تاش ئېرىتمە يەر شەكلى بار، شەرقتە بۇغدا چوققىسى، غەربىگە بولغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، كەڭلىكى 20 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4400-5000 مېتىر ھەيۋەتلىك چوققا. 

كىلىمات ئالاھىدىلىكى 

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىقوغداش رايونىنىڭ كىلىماتى سوغۇق، قۇرغاق ھەم بوران كۆپ چىقىدۇ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، بىر يىلدا قىروسىز مەزگىلى يوق، تۆت پەسىل پەرقى يوق، پەقەت سوغۇق دەپ ئايرىلىدۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ھۆل ئىسسىق پەسلى قىسقا ھەم سوغۇق پەسىللىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇرۇق سوغۇق. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0 تىن تۆۋەن بولىدۇ. رايون ئىچىنىڭ ھاۋاسى ساپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك، خۇددى « بالدۇر ئەتىگەندە جۇۋا، چۈشتە شايى، ھاۋا كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ»دا تەسۋىرلەنگەندەك. 

سۇ رايى 

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىئالتۇنتاغ تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئاساسلىقى سەككىز دەريا بىلەن كۆپ ئېگىزلىكتىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان «چوڭ تومۇر»نى تەشكىل قىلىدۇ، كەڭ كەتكەن ئېگىز تاغ ئوتلاق. 8 تارماق ئاساسلىق دەريا بولغان، ۋادى كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

قوغداش رايونىدا كۆللەر ناھايىتى كۆپ، ئومۇمىي كۆلىمى 1200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنىدىكى يەر كۆلىمىنىڭ %2.7، رايون ئىچىدىكى ھاۋانى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇزلۇق كۆلىمى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنىدىكى مۇزلۇق ئومۇمىي كۆلىمى %77.5 كە، قېلىنلىقى 100 مېتىردىن ئاشىدۇ.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىئۇ شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، شىنجاڭنىڭ چىڭخەي، شىزاڭ، گەنسۇدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىنىڭ چېگرىلىنىدىغان يېرىگە جايلاشقان (شەرقىي مېردىئان ′10°80~′18°90، شىمالىي پاراللېل ′00°36~′49°37 ئارىلىقىدا)، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 360 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 45 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىر، 1985-يىلى 3-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۇ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 

قوغداش ئوبيېكتى

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى __ ئىلىمىزدە تۇنجى ئاساسلىق قوغداش ئوبيېكتى ئېگىزلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش رايونى. 

ئۆسۈملۈك 

ئېگىزلىكتىكى ئۆسۈملۈك قوغداش رايونىدا 267 خىل، 30 ئائىلىسى ۋە 83 ئۇرۇقدىشى، 17 خىل يېڭى كەنجى تۈرى بايقالغان. دەرەخ يوق، پەقەت يېرىم چاتقال دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى پاكار. 

ھايۋانات 

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىقوغداش رايونىدا 359 خىل ياۋايى ھايۋانلار بار. بۇلار ئىچىدە قىسقا تۈۋرۈكسىمان 30 خىلى، قۇشلار 79 خىل، ھاشارات 250 خىل يېڭى تۈرى بايقالغان. دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 21 خىل، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 17 تۈرى بار. 

تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى ئىچىدىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن بىر خىل يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار 25 خىل، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك 27 ئائىلىسى، 96 ئۇرۇقدىشى، 241 خىلدىن يۇقىرى، ئېگىزلىك ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياۋا قوتاز 2500 تۇياق، تىبەت ياۋا ئېشىكى 20000 تۇياق، تىبەت بۆكىنى 40000 تۇياق ئەتراپىدا. 

ئالتۇنتاغ تەبئىي مۇھاپىزەت رايونى دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ياۋا قوتاز، تىبەت ياۋا ئېشىكى ۋە تىبەت بۆكىنىنىدىن باشقا، يەنە يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قارا بويۇن تۇرنا، تازقارا، ئالا قۇيرۇق بۈركۈت ۋە بۈركۈت؛ 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن قوڭۇر ئېيىق، ئاق تۆش بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، چىلبۆرە، توشقانسىمان سۈلەيسۈن، كۆكمەت، تىبەت يەرلىك بۆكىنى، ساقاللىق بۈركۈت، قۇماي، تىبەت ئۇلارى، ئىتالغا، قىزىل لاچىن، قوڭۇر قۇيرۇق بۇتېئو قاتارلىق 20 نەچچە خىللىرى بار، تەكشۈرۈشتە ھەر خىل ھاشارات ۋە ئۆسۈملۈك يېڭى تۈرى بايقالغان. 

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىمۇھاپىزەت رايونى باشقارمىسىدىكى خىزمەتچىلەر، ئىشچىلار نورمال چارلاش ۋە پەن-تەتقىقات تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆپ بولغاندا 200 كۈندىن ئارتۇق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىدا بەش تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىنغان، كۈچەيتىپ كان ئېچىش، ئالتۇن قېزىش، ساياھەت ۋە ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش، تۈزۈپ چىقىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا مەشغۇلات كىنىشكىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى يول خېتى» تەسىسى قىلىپ، بارلىق تەكشۈرۈش پونكىتىدا  يول خېتى يوقلارنى مۇھاپىزەت رايۇنىغا كىرىپ پائالىيەت قىلىشى بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىر نىسپىي تىنچ ياشاش مۇھىتى، ئۇلارنى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچراتقۇزۇش. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۈرۈمچى خەۋەر قانىلى

http://www.salamurumqi.com/tima.asp?news_id=14075

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#