تونېل

تونىل يەر قاتلىمى ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ئىنشائاتى، ئىنسانلارنىڭ يەر ئاستى بوشلۇقىدىن پايدىلىنىدىغان بىر خىل شەكلى. تونىلنى قاتناش تونىلى، سۇ تونىلى، مەمۇرىيىتى تونىلى، كان توىلى دەپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى تونېل
چەتئەلچە نامى tunnel
خەنزۇچە نامى 隧道

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تونىلئەڭ بۇرۇنقى سۇ ئاستى تونىلى 1825 ~1843-يىللىرى قۇرۇلغان ئەنگلىيىنىڭ تايمىس دەرياسىنىڭ ئاستىدىكى تونىلدۇر. ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ئاستى تونىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوۋېر بوغۇزىنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈريول تونىلىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ دېڭىز ئاستى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 38 كىلومېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ.

تونىلتونىل ئاساسىي ئىمارەت ۋە قوشۇمچە ئۈسكۈنە قاتارلىق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. گەۋدە قۇرۇلۇشى سۈڭگۈچ گەۋدىسى ۋە تونىل ئېغىزىدىن تەركىب تاپقان، قۇشۇمچە ئۈسكۈنە - ئاپتوموبىل دالدىلىتىش ئۆڭكۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خەۋەرلىشىش ۋە ئالدىنى ئېلىش، سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرى، چوڭ تونىل - يەنە مەخسۇس ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت.  

تونىلتۆمۈر يول تونىلى، پىيادىلەر تونىلى، قانال تونىلى، سۇ ئاققۇزۇش تونىلى، سۇ چىقىرىۋېتىش تونىلى،  تاغ تونىلى، شەھەر يەر ئاستى تونىلى سۇ ئاستى تونىلى، دېڭىز ئاستى تونىلى، دەريا تونىلى، كابېل تونىلى، مېترو تونىلى قاتارلىقلار. 

سۇ ئاستى تونىلى

 سۇ ئاستى تونىلى تاشيول ۋە تۆمۈريول دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تاشيولدا ئادەتتە تۆت ماشىنا يولى، كۆپلىرىدە 6 ~8 ماشىنا يولى بولىدۇ؛ تۆمۈريول كۆپىنچە قوش لىنىيىلىك بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ماشىنىلار تونىلدىن ئۆتكەندە ناسوسنىڭ پورشېنىغا ئوخشاش رول ئويناپ، ماشىنىلار چىقارغان كېرەكسىز گاز ماشىنىلار بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ، تونىلدىكى كېرەكسىز گاز زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.

سۇ ئاستى تونىل قۇرۇلۇشىدا ئادەتتە «تۇرۇبا چۆكتۈرۈش ئۇسۇلى» قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا دەريا قىنىدىن ئوقۇر ئويۇلىدۇ، ئاندىن ئالدىن تەييارلانغان يوغان تۇرۇبا بۇ ئوقۇرغا چۆكتۈرۈلىدۇ. تۇرۇبا ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە100 مېتىرچە بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل دەريالاردا مەشغۇلات قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. تۇرۇبا ئۇزۇن، ئۇلاشقا تېگىشلىك يېرى ئاز بولغاچقا، سۇ ئاستى مەشغۇلات مىقدارى ۋە تۇرۇبىغا سۇ كىرىش ھادىسىسى ئاز بولىدۇ. يەنە سېلىنما ئاز، قۇرۇلۇش سۈپىتى ياخشى، سۈرئىتى تېز بولۇش ئەۋزەللىكلىرى بار.

سۇ ئاستى تونىلىدىن ماشىنا قاتنىغاندىن سىرت، «ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش» قىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، تونىل ئىچىگە ئوپتىك تالالىق ئالاقە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار ئوپتىك كابېل، يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش لىنىيىسى، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋە ھەربىي ئەسلىھە، توشۇش سىستېمىلىرىنى ئورناتقىلى بولىدۇ.

دېڭىز ئاستى تونىلى

دېڭىز ئاستى تونىلىنى قېزىشتا «قالقانسىمان قېزىش ئۇسۇلى» قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدا غايەت كۈچلۈك تونىل قېزىش ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ، ماشىنا چاشقان تۆشۈك تەشكەندەك تېشىپ كىرىدۇ، تېشىش سۈرئىتى سائىتىگە2 ~3 مېتىرغا يېتىدۇ. ئادەتتە ئۈچ تونىل قېزىلىدۇ. بىرىنچىسى يول باشلاش تونىلى بولۇپ، تۇپراق ئەھۋالى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ يامراش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ يەنە بىرى مەشغۇلات تونىلى بولۇپ، ماتېرىيال توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئاخىرقىسى غول تونىلدىن ئىبارەت. يول باشلاش تونىلى بىلەن مەشغۇلات تونىلىنىڭ ئىچكى دىئامىتېرى غول تونىلنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدۇ.

تونىلئەنگىلىيە دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئاستىدىكى تونىل ياسىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى كىشىلەرگە ھەر قانداق ئېگىز تاغ، چوڭ دېڭىزنىڭ كىىشلەرنىڭ يولىنى توسۇيالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندەك بولدى. دېڭىز قولتۇقى ئاستىدىكى تونىل 1987-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1993-يىلى پۈتكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 كېلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ 37 كىلومېتىرى دېڭىزنىڭ 40 مېتىر چوڭقۇرلىقىغا جايلاشقان. تونىلدا ئىككى تۆمۈر يول بولۇپ، تونىل پۈتكەندىن كېيىن پويىز بىلەن پارىژدىن لوندۇنغىچە ئۈچ سائەتتىلا بارغىلى بولغان. ياپونىيىنىڭ ياسىلىپ بولغان سېكان دېڭىز ئاستى تونىلى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تونىل بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 53 كىلومېتىر 850 مېتىر كېلىدۇ. ياسىلىش پىلانلىنىۋاتقان ياپونىيىدىن كورىيىگىچە بولغان دېڭىز ئاستى تونىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ئاستى تونىلى بولۇپ قالغۇسى.

تونىلتونىل، قاتناشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. تاشيول ۋە تۆمۈر يول تونىلىدىن باشقا يەنە شەھەرلەردىكى يەر ئاستى كېرەكسىز سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ تونىلى، يېزا ئىگىلىك سۇغىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇ تارتىش تونىلى، كۆمۈر گازى تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش بىلەن ئېلېكتر سىم يولىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تونىل ۋە يەر ئاستى تۆمۈر يول تونىلى قاتارلىقلار بار.[0]

زامانىۋى تاشيول ۋە تۆمۈريوللار ھاۋاغا چىقىپ، يەر تېگىگە كىرىپ قالماي، سۇ تېگىدىنمۇ ئۆتەلەيدۇ، شاڭخەيدىكى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ تېگىگە دەريادىن ئۆتىدىغان ئىككى تونىل ياسالغان. بۇرۇن كېمە بىلەن ئۆتۈشكە1 سائەت كېتەتتى، ھازىر ئاپتوموبىل بىلەن بىرنەچچە مىنۇتتىلا قارشى قىرغاققا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#