فىلدىز مۇكاپاتى

فىلدىز مۇكاپاتى

فىلدىز مۇكاپاتى، ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات. 1936-يىلى نورۋېگىيە(Norway) نىڭ ئوسلو(Oslo) دا ئېچىلغان 10- نۆۋەتلىك ICM دا تۇنجى قېتىملىق فىلدىز مۇكاپاتى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى فىللاندىيە ياش ماتېماتىكى ئالفورس (Lars Ahlfors) بىلەن ئامېرىكا ماتېماتىكى داگلاس (Jesse Douglas) قا بېرىلگەن.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى فىلدىز مۇكاپاتى
ئىنگلىزچە ئاتىلىشى Fields Medal
تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان ۋاقتى 1936-يىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 菲尔兹奖
تارقىتىش دەۋرىي 4 يىل
بەرپا قىلغۇچى يوھان چارس فىلدىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نوبېل مۇكاپاتى (Nobel Prize) ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات بولۇپ، شىۋېتسىيىلىك خېمىك ھەم پارتىلاتقۇچ دورا كەشپىياتچىسى ئالفېرد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسيىتى بويىچە ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مىراسلىرىنى مۇكاپات فوندى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. بىراق نوبېل، كەشپىياتچى ھەم سانائەتچى خوجايىن بولغاچقا نوبېل ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىنمىغان. چۈنكى، ئۇ ماتېماتىكىغا ئالاھىدە قىزىقمىغان ھەم ماتېماتىكىنى نەزەرىيىۋى پەن دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ، بۇ مۇكاپاتنى ئىنسانلارغا بەخت يەتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى كەشپىيات ياكى بايقاش مۇكاپاتى دەپ ئېيتقان.

فىلدىز مۇكاپاتىفىلدىز كانادالىق ماتېماتىك بولۇپ، 1863-يىلى توغۇلۇپ، 1932-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. فىلدىزنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ماتېماتىكا تەتقىقاتىنى ئويۇشتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش تەرەپلەردە زور رول ئوينىغان. فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) بولسا، ماتېماتىكىدا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان يېشى 40 تىن ئاشمىغان ئىككى، ئۈچ ياكى تۆت ماتېماتىكلارغا، خەلقئارالىق ماتېماتىكا ئويۇشمىسى (International Mathematical Union قىسقارتىلىپ IMU دېيىلىدۇ )نىڭ ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى  (International Congress of Mathematicians قىسقارتىلىپ ICM دېيىلىدۇ) دا بېرىلدىغان بولۇپ بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان-شەرپى بولۇپ قالغان.

1924-يىلى تورۇنتودا يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى ئېچىلغان، ماتېماتىك فىلدىز (John Charles Fields) قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندا قالغان ئىقتىسادى بىلەن بىر ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ بەرگەن. ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مىراسىنى بۇ مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات فوندىنىڭ بىر قىسىمى قىلىشقا ۋەسيەت قالدۇرغان ھەمدە بۇ مۇكاپاتنى ھەر قانداق دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ نامى بىلەن ئاتىماسلىققا تەكلىپ بەرگەن. شۇنداق بولسىمۇ خەلقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ نامى بىلەن  فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) دەپ ئاتاپ، فىلدىزنى خاتىرلەپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

1936-يىلى نورۋېگىيە(Norway) نىڭ ئوسلو(Oslo) دا ئېچىلغان 10- نۆۋەتلىك ICM دا تۇنجى قېتىملىق فىلدىز مۇكاپاتى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى فىللاندىيە ياش ماتېماتىكى ئالفورس (Lars Ahlfors) بىلەن ئامېرىكا ماتېماتىكى داگلاس (Jesse Douglas) قا بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن چاقىرىلغان ھەر قېتىملىق ICM نىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپى فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش بولدى. ICM بىلەن فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ھەر قايسى گېزىت ژورناللار بەس-بەستە زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مۇكاپات 15000 ئامېرىكا دوللىرى ۋە بىردانە ئالتۇن مېدال بېرىلدىغان چوڭ مۇكاپاتقا ئايلانغان. كىشىلەر ، فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئابرويى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇكاپاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتراپ قىلىشقان، ھەم ئۇنى  ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#