ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتتا ھازىر 50 ئەزا دۆلەت بار. باش شتابى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبىبەگە تەسىس قىلىنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى
چەتئەلچە نامى Organisation of African Unity
خەنزۇچە نامى 非洲统一组织
قۇرۇلغان ۋاقىت 1963 -يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتتا ھازىر 50 ئەزا دۆلەت بار. باش شتابى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبىبەگە تەسىس قىلىنغان. 1963 -يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئەددىس-ئەبىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن 31 ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. يىغىندا ماقۇللانغان «ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى» دا: بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە رايون پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش، ئافرىقىدىكى ھەر خىل شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ كۆرسىتىلدى. 

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتتا يەنە مىنىستىرلار كېڭىشى، دائىمىي كاتىباتلىق باشقارمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. 

ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 22 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، ئافرىقا خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. 1990-يىلى 3-ئايدا، ئافرىقىدىكى ئاخىرقى مۇستەملىكە دۆلەت نامبىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى ئافرىقا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#