ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى

ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى

« ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى »ناملىق كارتون فىلىم «ئائىلە» ،«خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» نى تىما قىلغان بۇلۇپ ،1976-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپۇنيىدە قۇيۇلغان ،جەمئىي 58 قىسىم ،ھەر بىر قىسىمى 25 مىنۇت .بۇ كارتون قىلىمدە كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنى ئىزدەش سەپىرى،ھەمدە ئۇنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش، چېنىقىش جەريانى بايان قىلىنغان .

ئۇيغۇرچە نامى ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى
خەنزۇچە نامى 寻母三千里
قىسىم سانى 58
باش رولچى ماركو
باشقا نامى 三千里寻母记
قويۇلغان ۋاقتى 1976-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركوئىتالىيەنىڭ گۈزەل دېڭىز ساھىلى شەھىرى  رېنلادا،13 ياشلىق ئۆسمۈر ماركو نامرات ئائىلىدە چوڭ بۇلىدۇ ،ئائىلىنىڭ تۇرمىشىنى قامداش ئۈچۈن ماركونىڭ ئاپىسى ئۆزى يالغۇز يۇرتىدىن ئايرىلىپ جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىگە ئىشلىگىلى كىتىدۇ ، سەبىي  ماركو بىلەن ئۇنىڭ دادىسى بىلەن  بىرلىكتە ھايات كەچۈرىدۇ .ئانىسى كەتكەندىن كىيىن،ماركو ھەر ۋاقىت ئانىسىنى ئەسلەيدۇ ،ھەر كۈنى يېنىدىكى كىچىك مايمۇنغا ئامىدىيو بىلەن كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىنى ئېيقاندىن باشقا،ئىش ئۇقىدىغان ماركو دادىسىغا ياردەملىشىپ پۇل تاپىدۇ .

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىدىن بىر يىل ئۈتۈپ كىتىدۇ،بىر يىل جەريانىدا ماركونىڭ ئەڭ خوشال ۋاقتى ،ئۇنىڭ ھەر ئايدا كىلىدىغان ئانىسىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋالغان ۋاقتى بۇلۇپ ،بىراق كىيىن ئىككى ئاي ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ ئانىسىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋالمايدۇ ،ماركو يەنە بىر قېتىم ئانىسىنىڭ خېتى كەممىەنلىكىنى بىلىپ ،ئانىسىغا چۇقۇم بىرەر ئىش بولدى دەپ ئويلايدۇ ھەمدە ئانىسىنى ئىزدەش قارارىغا كىلىدۇ .گەرچە دادىسىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ،ئۇ يەنىلا ئوغۇرلۇقچە  پاراخوتقا چىقىپ ئانىسىنى ئىزدىگىلى كىتىپ قالىدۇ .

پاراخوتتا ،ماركو  بىر ئاق كۈڭۈل بوۋاي بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ . ماركو ئانىسى كەتكەن يەرگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن ئانىسىنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇن باشقا باشقا يەرگە كۈچۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ .ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بۇلىدۇ دەپ ئويلىغان ماركو ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بۇلىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدىكى ئازغىنە پۇلنى ئوغرى ئېلۋالغان بۇلۇپ، يېنىدا ئازراقمۇ پۇل يوق ،ئۇ مىڭ بىر جاپادا يەنە بىر يەرگە بېرىپ ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالىدۇ،ئەپسۇنارلىقى شۇكى ئانىسى بىر ئاي بۇرۇن يەنە باشقا يەرگە كۈچۈپ كەتكەن بۇلۇپ،ئۇ يەنە جاپادا ئانىسىنى ئىزدەيدۇ،ئاخىر ئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئانىسىنى تاپىدۇ . 

« ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى »ناملىق كارتون فىلىم «ئائىلە» ،«خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» نى تىما قىلغان بۇلۇپ ،1976-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپۇنيىدە قۇيۇلغان ،جەمئىي 58 قىسىم ،ھەر بىر قىسىمى 25 مىنۇت .بۇ كارتون قىلىمدە كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنى ئىزدەش سەپىرى،ھەمدە ئۇنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش، چېنىقىش جەريانى بايان قىلىنغان .

« ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى »ناملىق كارتون فىلىم «ئائىلە» ،«خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» نى تىما قىلغان بۇلۇپ ،ئىشلەپ چىقارغان دۆلەت بولسا ياپۇنىيە .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    88.9%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    11.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#