چوڭقۇرچاق يېزىسى
چوڭقۇرچاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 105 كىلومېتىر. پۈتۈن يېزىسىدىكى 25 تىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنت بار، 128 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، نوپۇس 33 مىڭ 655، ئائىلە سانى 8147 گە يەتكەن. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1247 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 89 مىڭ موغا يەتكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چوڭقۇرچاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 105 كىلومېتىر، پەيزىۋات، يوپۇرغا ئىككى ناھىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۆلكە تاشيولى 215-لىنىيىسى يېزا تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن يېزىسىدىكى 25 تىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنت بار، 128 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، نوپۇس 33 مىڭ 655، ئائىلە سانى 8147 گە يەتكەن. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1247 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 89 مىڭ موغا يەتكەن. ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار.
ۋاكالەت نومۇرى : 653130206. قارمىقىدا 25 ى كەنت ئاھالە كومىتېتى : ئۈزۈملۈك كەنتى، سۆۋەتچى مەھەللە كەنتى، كونا چوڭقۇرچاق كەنتى،يېڭى بازار كەنتى، غىشلىق كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى، تاللىق كەنتى، مىڭخادا كەنتى، جەرەنپاتا كەنتى، سەكسەنقوزۇق كەنتى، باغتوغراق كەنتى، ئاقتوغراق كەنتى، قىزىلقۇم كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، چەكىچەك كەنتى، ئۈجمىلىك كەنتى، تاشلاڭتوغراق كەنتى، شىپاڭ كەنتى، يامبىلىق كەنتى، زارات كەنتى، گۈلباغ كەنتى، گۈمبەز كەنتى، ئونئالتە قۇش كەنتى، تېرىم كەنتى، چىنارباغ كەنتى قاتارلىقلار.
پۈتۈن يېزا ئاھالىسى جەمئىي 40154 نوپۇس، 9598 ئائىلىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 37774 ئادەم، 8809 ئائىلىلىك، شەھەر نوپۇسى 789 ئائىلىلىك، 2380 نوپۇس؛ ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز مىللىتى، مانجۇ، ئۆزبېك قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.62 نى، خەنزۇلار %0.27 نى، باشقا مىللەت %0.11 نى ئىگەللەيدۇ.
يېزا بويىچە «ئاساسلىق چارۋىچىلىقنى زورايتىپ، باغۋەنچىلىك، ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىقتىسادىنى ئۆستۈرۈش، يېزا بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات» قۇرۇلمىنى تەڭشەش پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمى بويىچە بىرلىك مەھسۇلاتنى ئۆستۈرۈش. چارۋىچىلىق، باغۋەنلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش. ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ۋە سودىگەر چاقىرىشنى يەنىمۇ زورايتىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پۈتۈن يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقى قوغداش.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.