مېتېئورىت مۇزى

مېتېئورىت مۇز دەل قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسى سىرتقى يۈزىنىڭ پۈركۈشىدىن چىققان بەزى ئۇششاق مۇز پارچىلىرى. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يادروسى بولسا سۇ مۇزنى ئاساس قىلغان مۇز ماددىلىرى.

ئۇيغۇرچە نامى مېتېئورىت مۇزى
ھەقىقىي بايقالغان ۋاقىت 1958 - يىلى
خەنزۇچە نامى 陨冰

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېتېئورىت مۇزمېتېئورىت مۇز قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسى سىرتقى يۈزىنىڭ پۈركۈشىدىن چىققان بەزى ئۇششاق مۇز پارچىلىرى. بۇ مۇز پارچىسى يەر شارى ئاتموسفېراسىغا بۆسۈپ كىرگەندىن كىيىن سۈركىلىپ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇپ ئاتموسفېرادا « يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سىزىق » پەيدا قىلغان ھەمدە شۇ سەۋەپتىن شەكىللەنگەن.

1983 - يىل 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ، ئېلېمىزنىڭ ۋۇشى شەھىرىنىڭ كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان كوچىسىغا ئاسماندىن تۇيۇقسىز دىيامېتىرى 50 - 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان چوڭ بىر مۇز پارچىسى چۈشتى ، بۇ مۇز پارچىسى غۇڭۇلدىغىچە كىلىپ ، بىر تۈرۈككە قىيپاش سۈركىلىپ « پاڭ » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ياشانغان موماينىڭ يىنىغا چۈشتى ، يەر يۈزىدىن شۇئان ھور كۆتۈرۈلۈپ ، پارچىلانغان مۇز پارچىسى ھەر يانغا ئۇچۇپ كەتتى ، كىىشلەر بۇنى ئاڭلاپ يىتىپ كېلىپ قارىسا ، يەردە چوڭ - كىچىك ئاق رەڭ بىلەن كۈلرەڭ ئارلاش كەلگەن مۇز پارچىلىرى چېچىلىپ تۇراتتى ، كىشىلەر دەسلەپتە بۇنى ئاز كۆرۈلىدىغان چوڭ مۆلدۇر دەپ قاراشتى ، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئاۋسترونوملار ۋە مېتئورلوگلار بۇنى تەكشۇرۇپ ، ئۇ كۈنى مۆلدۇر شەكىلللىنىش شارائىتىنىڭ يوقلۇقىنى ، ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭمۇ يۇز بەرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ، ئۇنداقتا بۇ مۇز پارچىسى زادى قەيەردىن كەلگەن ؟ بۇ ئىشتىن كېيىن مېتېئولورگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق بۇلۇت ئاتلىسىنى تەكشۇرگەندە ، ئىنتايىن روشەن بولغان « يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئوربىتا » بايقالغان بولۇپ ، بۇ ئەسلىدە « ئالەمدىن كەلگەن مېھمان » ئىچىدىكى ئەڭ ئاز كۆرۈلىدىغان « مېتېئورىت مۇز » دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە سىزىپ ئۆتۈپ كەتكەن سىزىق ئىكەن ، بۇ مۇز پارچىسى يەر شارى ئاتموسفېراسىغا بۆسۈپ كىرگەندىن كىيىن سۈركىلىپ ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇپ ئاتموسفېرادا « يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سىزىق » پەيدا قىلغان ، مېتېئورىت مۇزى يىرىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پارچىلىرى يەر يۈزىگە چۈشكەن ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغانلىقتىن ئۇزاق ئۆتمەي ئىرىپ سۇغا ئايلىنىپ كەتكەن .

مېتېئورىت مۇزىمۇ مېتېئورىتقا تەۋە بولۇپ ، كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ . دۆلەت سىرتىدىمۇ بۇ توغرىسىدا خاتىرىلەر بار . مەسىلەن : 1955 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونىس ئىشتاتى كاشتون شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىدا ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر مۇز پارچىسى تۇيۇقسىز بىر ئوغول بالىنىڭ يىنىغا چۈشۈپ ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن ، بالا بۇ مۇز پارچىسىنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى ساقلاپ قويغان ھەمد كالفۇرنىيەدىكى بىر ئالىمغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مۇز پارچىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن چۈشكەنلىكى ئېنىقلانغان . [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#