جامائەت خەۋپسىزلىك كادىر–ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى

جامائەت خەۋپسىزلىك كادىر–ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش

جامائەت خەۋپسىزلىك كادىر–ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جامائەت خەۋپسىزلىك كادىر–ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى
خەنزۇچە نامى 公安干警执法标准

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ج خ خىزمىتى ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە بۇ ئۆلچەم تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بارلىق كادىر-ساقچىلار ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر ۋە مەزكۇر ئۆلچەمگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغانىكەن ئۇنىڭغا تايىنىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

3-ماددا ج خ كادىر-ساقچىلىرى جەمئىيەت ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداش جەريانىدا، قانۇندىن ئىبارەت قورالدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قانۇندا ج خ خادىملىرىغا بېرىلگەن ۋەزىپە ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل باشقۇرۇشلىرى لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ھەم قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ھەم كادىر-ساقچىلارنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىشى، كادىر-ساقچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

4-ماددا ئىدارە،كوللېكتىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇقرالارنىڭ شىكايەت ۋە پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغاندا، خاتىرە قالدۇرۇش لازىم. خاتىرىنى ئوقۇپ ئاڭلاپ خاتالىق بولمىسا، ئۇنىڭغا شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىلار ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. خىزمەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن قانات يايدۇرۇشى لازىم. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان ھەمدە جىددى تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىغا قارىتا، ئالدى بىلەن جىددى تەدبىر قوللىنىپ، ئاندىن ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.ماتېرىياللارنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى يوللىماي يوشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

5-ماددا جىنايەت سادىر قىلغان خادىملارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى قوبۇل قىلىش لازىم. ئەنزىسىنىڭ خاراكتىرى ۋە ئاقۋىتىگە ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ج خ ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان، لېكىن ئەھۋال جىددىي بولغانلىرىغا قارىتا، ئالدى بىلەن جىددى تەدبىر قوللىنىپ، ئاندىن ئاساسىي باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

6- ماددا يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇش، قولغا ئېلىش ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلغاندا، قانۇنىيي رەسمىيەتلەر تولۇق بولۇشى، يېتەرلىك ساقچى كۈچى ھازىرلىنىشى، مەسئۇل كىشى بىكىتىلىشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، كونكرېت ئىجرا قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن خادىملارنىڭ قېچىپ كېتىشى، قاتىللىق قىلىشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.

7-ماددا يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغاندا، شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئېلان قىلىش كېرەك. ئەگەر توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش گۇۋاھنامىسىگە ئىمزا قويۇش ياكى بارمىقىنى بېسىشنى رەت قىلغۇچىلار بولىدىكەن، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، ئىمزا قويۇش ياكى بارمىقىنى بېسىشقا بۇيرۇش لازىم. يەنىلا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلارنى توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش گۇۋاھنامىسىدە ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. ئۇرۇپ تىللاش، ھەيۋە قىلىپ قىستاشتەك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ مەجبۇرىي ئىمزا قويدۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.

8-ماددا جىنايەتچىلەر ئورۇنسىز جېدەللىشىپ، ساقچىلارنى ھاقارەتلەپ تىللىغاندا، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇش لازىم. ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغۇچىلارنىڭ، قانۇنغا خىلاپ يېڭى قىلىمىشىنى خاتىرىلەپ ئەنگە ئېلىپ، ئۆزىنى قاتتىق جازالاشنىڭ ئاساسىي قىلىش، ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆچ ئېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش لازىم.

9-ماددا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، جىنايەتىچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمىگۈچىلەر ئورۇنسىز جېدەل-ماجىرا قىلسا ياكى قورشىۋېلىپ غوۋغا كۆتۈرسە، ئۇنى تەنقىدلەپ توسۇش، ج خ خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. نەسىھەتنى ئاڭلىماي، داۋاملىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى چاقىرتىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. بىراق، ئۆز مەيلىچە قورال-ياراق، ساقچى قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە، ئۆز مەيلىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

10-ماددا زوراۋانلىق قىلغۇچىلار ياكى زوراۋانلىق ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، يىغىۋېلىشنى، توختىتىپ قويۇشنى، قولغا ئېلىشنى رەت قىلغۇچىلارغا قارىتا، ئۇنىڭغامۇناسىپ ھالدا ئورۇنلۇق قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقىلا بولىدۇ. قاچقان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ئاۋات جايلار ياكى ئادەم كۆپ سورۇنلاردىن باشقا جايلاردا ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇشقا بولىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلىماستىن، كادىر-ساقچىلار ۋە ئاممىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان ياكى ھەقىقەتەن دەلىل-ئىسپاتى بار بولغان ئېغىر جىنايەتچىلەرگە قارىتىپ ئوق چىقىرىشقا بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئىمكان قەدەر ئۇنىڭ جان يېرىگە تەككۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

11-ماددا جىنايەتچىلەر ئېگىزگە چىقىۋېلىپ ياكى ئۆزىنى توكتا سوقتۇرۇپ، ماشىنغا سوقۇلۇپ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، نەق مەيداننى قاتتىق قامال قىلىپ، ئۈنۈملۈك قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سىياسەت جەھەتتىن قەلبىگە ھۇجۇم قىلىش، چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش، زىدىيەتنى كېلىشتۈرۈش، ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئارقىلىق، جىنايەتچىنى ئۆز ھەرىكىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاپ قولغا چۈشۈرۈش لازىم. قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن دەرھال تېزگىنلەش كېرەك. ئۆزھېسياتى بويىچە ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ.

12-ماددا يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، رازۋېدكا قىلىشقا دەخلىسى بولغان ياكى ئۇقتۇرۇشقا چارىسىز قالدىغان ئەھۋاللاردىن تاشقىرى، يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش سەۋەبلىرىنى ۋە سولانغان ئۇرۇننى 24 سائەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياكى تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.

13-ماددا جاۋابكارنىڭ شۇنىڭدەك جىنايەتچىنى ياكى جىنايەت دەللىلىرىنى يوشۇرغانلىقتىن گۇمان بار كىشىلەرنىڭ يېنىنى، بۇيۇملىرىنى، تۇرالغۇ جايىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جايلارنى ئاختۇرغاندا، ئاختۇرۇلغۇچىغا، ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىش كېرەك. لېكىن، جىددىي ئەھۋاللاردا، ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى بولمىسمۇ ئاختۇرۇشقا بولىدۇ.

14-ماددا ئاختۇرغان ۋاقىتدا ئاختۇرۇلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابئاتلىرى، قوشنىلىرى ياكى باشقا گۇۋاھچىلار نەق مەيداندا بولۇشى لازىم. ئاختۇرۇش جەريانىدا، ھەم زاڭ مال، جىنايى پاكىتلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلەپ ئاختۇرۇش، ھەم پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى قوغداش، ئۇنى ئۆز مەيلىچە بۇزۇۋېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

15-ماددا ئاختۇرۇش جەريانىدا، يېڭىدىن جىنايى پاكىتىنى يوشۇرغان جاي سېزىلىپ، ئاختۇرۇشقا توغرا كەلسە، قايتا ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىش كېرەك. ئۆز مەيلىچە ئاختۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

16-ماددا ئاختۇرۇلغان ئەھۋالدىن خاتىرە قالدۇرۇش لازىم. تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك ھەر خىل بۇيۇم ۋە ھۈججەتلەرنى، نەق مەيداندىكى گۇۋاھچىلار ۋە تۇتۇپ قويۇلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىگىسى بىلەن بىرلىكتە ئېنىقلاپ چىقىپ، تۇتۇپ قويۇلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىسمى، تۈرى، سانى، ئۆلچىمى ۋە يېڭى-كونىلىق دەرىجىسى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاپ، ئىككى نۇسخا ئېنىقلاش تالونى كېسىپ، ئۇنىڭغا رازۋېتكا خادىملىرى، گۇۋاھچىلار ۋە شۇ بۇيۇمنىڭ ئىگىدارلىق قىلغۇچىسى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. تۇتۇپ قويۇلغان بۇيۇملار تىزىملىكىنىڭ بىر نۇسخسىسنى شۇ بۇيۇمىنىڭ ئىگىسىگە بېرىش، يەنە بىر نۇسخسىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارخىپتا قالدۇرۇش لازىم. تۇتۇپ قويۇلغان بۇيۇملارنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىش، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. تۇتۇپ قويۇلغان بۇيۇملار يوقىتىپ قويۇلسا ياكى بۇزۇۋېتىلسە، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

17-ماددا ئەگەر ئاختۇرۇلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ ئاختۇرۇشنى رەت قىلسا ياكى قارشىلىق كۆرسەتسە ئۇلارغا ئاختۇرۇشتىكى قانۇنىي ئاساسنى ۋە ئاختۇرۇشنى رەت قىلغانلار ۋە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ تېگىشلىك قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قانۇنسىز ھەرىكتىنى توختىتىشقا بۇيرۇشى لازىم. ئەگەر يەنىلا نەسىھەتنى ئاڭلىمىسا، ئۇنىڭ قىلمىشىغا قاراپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە جازالاش نىزامى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالاشقا بولىدۇ.

18-ماددا ئاختۇرۇشنى چوقۇم ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئۆز ئارا زىچ ماسلىشىپ، ئاختۇرۇلغۇچىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ھەرىكەت يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. زوراۋان كۈچلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھوجۇمىغا دۇچ كەلگەندە، كەسكىن ھالدا ئۆزىنى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىش لازىم. جىنايەتچى قېچىپ كەتسە، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ئاكتىپ ھالدا قوغلاپ تۇتۇش لازىم. ئېغىر جىنايىتى بارلىقىدا تولۇق دەلىل-ئىسپات بولمىغانلارغا قارىتا قورال ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ يېنىنى چوقۇم ئايال خىزمەتچى خادىملار ئاختۇرۇشى لازىم.

19-ماددا جىنايەتچىلەردىن سوئال سوراشتا، كونكرېت لايىھىنى تۈزۈپ چىقىشى، سوئال سوراش ئۇسۇلىغا، تاكتىكىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. دەلىل-ئىسپاتى تولۇق تۇرۇقلۇق قارشىلىشىپ جىنايىتىنى تونۇمىغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ئەنزە ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، جىنايەتچىنىڭ پىسخىك ئالاھىسدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، مۇۋاپىق پەيىتنى تاللاپ، دەلىل –ئىسپاتنى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىپ، پۈتكۈل ئەنزىنى پاش قىلىش لازىم. ئىدىيىى جاھىل جىنايەتىچىلەرگە قارىتا زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئىدىيىدە بۈلۈنۈش ھاسىل قىلىشقا ياردەملەشتۈرۈش كېرەك. بۇ ئارقىىلىق جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايىتىنى تونوپ قانۇنغا بوي سونۇشقا مەجبۇرلاش لازىم. كۆرسىتىپ بېرىپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى قەتئى مەنئىي قىلىش كېرەك.

20-ماددا جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈش، سوراق قىلىشتا، كادىر-ساقچىلار ئىككىدىن كەم بولماسلىقى، ھەر قېتىملىق سوراقتىن تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇش لازىم. سوراق خاتىرىسىنى جاۋابكارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا بېرىشى ياكى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىشى، جاۋابكارنىڭ ئۇنى تولۇقلىشى ياكى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇشى لازىم. سورالغۇچى خاتىرىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغا باسىدۇ. تەھقىقلىگۈچى خادىملارمۇ خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى لازىم. جاۋابكار ئىقرارنامىنى ئۆزى يېزىشنى تەلەپ قىلسا، رۇخسەت قىلىشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، تەھقىقلىگۈچى خادىملار ئىقرارنامىنى جاۋابكارنىڭ ئۆزىگە يازدۇرسىمۇ بولىدۇ.

21-ماددا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان ھەمدە سوراق خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، قانۇن-تۈزۈم، سىياسەت تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىمزا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.ئىمزا قويماي چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا قارىتا، خاتىرىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزاھلاپ، قوشۇمچە ئارخىپ قالدۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىي ئىمزا قويدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

22-ماددا جىنايەتچىلەرنىڭ ساختا، يالغان ئىمزاسىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ئاشكارىلاپ ئۇلارنىڭ پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتىپ ، ئىقرار قىلدۇرۇپ تاپشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھىيلىگەرلىك قىلىپ جىنايىتىدىن تېنىۋالغان، قارشىلىق كۆرسىتىپ جىنايىتىنى تونۇمىغانلارغا قارىتا، دەلىل-ئىسپاتقا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتەن پاكىت ئوچۇق، دەلىل– ئىسپات تولۇق بولغانلىرىنى قانۇن بويىچە بېكىتىش لازىم.

23-ماددا : سوراق جەريانىدا جىنايەتچىلەر قەستەن چاتاق چىقىرىپ ئۈسۈپ، سەكرەپ، كادىر-ساقچىلارنى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان چاغدىمۇ، كادىر-ساقچىلار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇپ، تېرىكىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇنداق ئەھۋالدا ھەم قاتتىق تەنقىدلەپ رەت قىلىش، ھەم جىنايەتچىنىڭ پىسخولوگىيىسىنى ئىگىلەپ، جىنايىتىنى تونۇشقا مەجبۇر قىلىش كېرەك. ئاز ساندىكى يولسىزلىق قىلىپ، قەستەن غەرەزلىك ھالد جېدەل قىلغۇچىلارنى خاتىرە قالدۇرۇپ ئەنگە ئېلىش، ئۇنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنىڭ ئاساسى قىلش كېرەك. باشقىلارغا ئىشارەت قىلىپ ۋە كۈشكۈرتۈپ ئۇرۇپ-تىللاتقۇزۇش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ.

24-ماددا سوراق جەريانىدا، جىنايەتچى ئىقرارىدىن يېنىۋالسا، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، تەپسىلىي ئاڭلاش ۋە خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك. ئارخىپ ماتېرىيالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، پاكىتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خاتا ئەنزە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تەلەي سىناش يۈزىسىدىن تېنىۋالغۇچىلار بولىدىكەن، ئۇنى مۇۋاپىق پەيىتتە ئاشكارىلاپ، ئۇنى خام-خىيالىنى تاشلاپ، ئەينى ئىقرار قىلىشقا ئۈندەش لازىم.جازانى يېنىكلىتىش ياكى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ جىنايىتىدىن تېنىۋالغۇچىلارغا قارىتا، <<ئىقرار قىلغانلاركەڭچىلىك قىلىش، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قاتتىق جازالاش >> توغرىسىدا سىياسەت تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا پەقەت جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنۇشلا بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تونوتۇش لازىم : دەلىل-ئىسپاتى تولۇق تۇرۇقلۇق، داۋاملىق قارشىلىشىپ ئۆز جىنايىتىدىن تېنىۋالغان، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش لازىم.

25-ماددا ج خ ئورگانلىرىغا چارقىرتىلغان جاۋابكارلار ياكى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنى، قانۇندا بەلگىلىەنگەن سۈرۈك ئىچىدە چىڭ تۇتۇپ سوراق قىلىش، پاكىتنى ئىمكانقەدەر تېز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆز ۋاقتىدا تەستىقلاشقا يوللاش لازىم.ياكى تەكشۈرۈش ۋاقىتىنى ئارقىغا سۈرۈشكە بولمايدۇ. تەكشۈرۈش ۋاقتىنى سەۋەبسىز ئارقىغا سۈرۈپ، قانۇنسىز توختىتىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

26-ماددا ئەنزە ئىشلەش جەريانىدا، ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، گۇۋاھلىق بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار بولسا، ئەھۋالنى بىلگۈچى بىلەن ئەنزىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىي بەلگىلىمىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەققانىيەتچانلىق ۋە مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەنزە پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز ئەينى بايان قىلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىقمۇ، يەنىلا ئەھۋال ئىنكاس قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار بولدىكەن، ئۇلارغا ئىدىيۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش كېرەك. ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلارغا قارىتا، جىنايەتچىنى قەستەن قانات ئاستىغا

ئالغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدىغانلىقى قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم. ھەيۋە قىلپ قورقۇتۇش، تەڭلىككە سېلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ دەلىل-ئىسپاتنى قولغا كەكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

27-ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، كۈتۈپ ساقلاش ئشلىرىدا چوقۇم ئۈچتىن ئارتۇق كىشى بولۇش، مەسئۇل كىشىنى بېكىتىش لازىم. گۇمانلىق كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشى، گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىشى، سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىشى، يۈرۈش-تۇرۇشى رۇس بولۇشى، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىدە گۇمان بارلارغا قارىتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ جىنايەتچىنىڭ قاتىللىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ج خ ئورگىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ياخشى نازارەت قىلىش، كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. گەرچە گۇمانلىق بولسىمۇ ھازىرچە جىنايى پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەس بولغان ياكى جىنايى پاكىتلىرىنى بېكىتىشتە دەلىل-ئىسپات تولۇق بولمىغانلارغا قارىتا سالاھىيىتىنى ئېنىق خاتىرىلەپ تەكشۈرۈشنى كۈتۈش لازىم. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسلىسى يۇقلارغا قارىتا،ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلاردىن ئەپۇ سوراش لازىم. تەكشۈرۈشنى توختىتىپ قويۇشنىڭ ئورنىغا دەسىستىش، تەكشۈرۈشنى جازالاشنىڭ ئورنىغا قويۇش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ.

28-ماددا نەق جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشتا، زورلۇق كۈچ ئىشلتىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق تەھدىت سېلىشقا دۇچ كەلگەن ۋاقىتىدا، ئۆزىنى قوغدىسا بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنى قوغداش ئۇنيڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن قالغان ۋاقىتى بىلەن چەكلىنىشى كېرەك. ئالدانغان ياكى ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان ئاممىغا قارىتا، قانۇنىي تەشۋىق قىلىش، سۈز بىلەن قايىل قىلىش تەربىيسىدە چىڭ تۇرۇش لازىم، قورال ئىشلىتىش، ساقچى قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ قورقىتىش قاتارلىقلارنى قەتئى مەنئى قىلىش لازىم. پۇقراچە كىيىنىپ نەق جىنايەتچىلەرنى تۇتقاندا، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىشى، ئىسپاتلىقلىرىنى كۆرسىتىش لازىم.

29-ماددا 18 ياشقا توشمىغانلارنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، تەكشۈرۈش سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئائىلە باشلىقىغا ياكى نازارەت قىلغۇچىغا قىسقىچە ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئائىلە باشلىقى ياكى نازارەت قىلغۇچىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىشىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم. سوراق قىلغاندا، ئاساسىي پاكىتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سوراق ۋاقىتىنى قىسقارتىش لازىم. تەكشۈرۈش، سوراق قىلىش ۋاقىتى بەك كېچىكىپ كەتسە، ساقچىلار ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشى ياكى ئائىلە باشلىقى كېلىپ كېتىشى لازىم. كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. داۋاملىق تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەنلەرنى، ئائىلە باشلىقى ياكى ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئاپىرىپ بېرىشىنى تاپىلاش لازىم. تەكشۈرۈش داۋامىدا، ھەيۋە قىلىپ قورقىتىش تەھدىت سېلىپ قىستاش شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ساقچى قوراللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

30-ماددا جىنايى ئىشلار ئەنزىسىنى بېجىرىش داۋامىدا، ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي چاقىرىقنى قوبۇل قىلمىغان ياكى قارشىلىشىپ يېتىپ كەلمىگەن جاۋابكارلارنى مەجبۇرىي چاقىرىتىپ ئېلىپ كىلىشكە بولىدۇ. مەجبۇرىي چاقىرىقنى ئىجرا قىلىش ۋاقتىدا، قەتئى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، پوزىتىسىيىسىدە قوپال بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

31-ماددا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، توپلىشىپ مالىمانچىلىق قىلىش ۋە شايكا توپلاپ ئۇرۇش-جېدەل قىلىش قاتارلىق ئامانلىق ئەنزىلىرى يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدىىكى دوكلاتنى قوبۇل قىلغاندىن كېين، تېزلىكتە مۇناسىپ ساقچى كۈچى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەينى مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ۋەقەنى پەسەيتىش لازىم. نەسىھەتنى ئاڭلىمىغۇچىلارغا قارىتا، ئاممىنى ياردەملىشىشكە قوزغاپ ياكى ساقچى كالتىكىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق چەكلەش لازىم. ئېغىر زەخمىلەندۈرگەنلەرنى دەرھال كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ تېزدىن قۇتقۇزۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن سالاھيتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم.قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى شۇ مەيداندىن چاقىرتىشقا بولىدۇ. چاقىرىقنى قوبۇل قىلمىغۇچىلارنى مەجبۇرىي چاقىرىش لازىم.

32-ماددا ئامانلىق مەسلىلىرىنىڭ ئەينى مەيدانىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، دەۋاگەرلەر بىلەن گۇۋاھىچىلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.گۇۋاھچىلارنى چاقىرتىشقا بولمايدۇ، دەۋاگەر بىلەن گۇۋاھچىلارنى پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، بىرلىكتە ج خ ئورگىنىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تېزلىكتە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئاندىن سوراق قىلش كېرەك.

33-ماددا ئامانلىق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئەگەر دەۋاگەر ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى قۇترىتىپ، غوۋغا كۆتۈرسە، پاكىت ۋە قانۇنغا ئاساسەن يوللۇق بولغان، پايدىلىق بولغان چەكلىك بولغان ئاساستا رەت قىلىش، پاش قىلىش، ھىيلە-مىكرىنى ئېچىپ تاشلاش ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيلەپ، غوۋغانى پەسەيتىش لازىم. ئاممىغا قارىتا پوزىتسىيە ئۆزگەرتىشكە ۋە تەنبىھ قىلىشقا بولمايدۇ. گەپ-سۆزلەرگە دىققەت قىلىش ھەمدە پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋاگەرنى ئەينى مەيداندىن ئېلىپ كېتىش كېرەك.

34-ماددا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئېغىر بېسىق، تەمكىن بولۇش تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئەھۋالغا ئاساسەن ساقچى كۈچى ئۇيۇشتۇرۇش لازىم. پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ سىياسىي جەھەتتىكى ھۇجۇمىنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستىنى ئېچىپ تاشلاش، دۈشمەنلەرنى بۆلۈپ پارچىلاش ۋە يېتىم قالدۇرۇش لازىم.ئاممىنىڭ ئالدىنىپ كېتىشدىن ساقلىنش كېرەك ھەمدە ئۇمۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىن ئېلىپ، ئەڭ تېزلىكتە ۋەقەنى پەسەيتىپ، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تارايتىش كېرەك.

35-ماددا ئامانلىق مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئەگەر دەۋاگەر ئىككى تەرەپ تىغ ئۇچىنى ساقچى تەرەپكە بۇرىسا، زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبنى چىڭ تۇتۇپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ساقچىلارنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكىدىن بولغان بولسا، ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىش، ياخشى چۈشەندۈرۈش لازىم. دەۋاگەرنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تىغ ئۇچىنى قەستەن ساقچىلارغا قاراتقان بولسا، تەمكىن پوزىتسىيدە بولۇپ، ئوڭايلىقچە ئىپادە بىلدۈرمەسلىك لازىم. مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەيپىياتنى پەسەيتىش لازىم. مەيلى قايسى خىل ئەھۋالدا بولمىسۇن، ھەممىسىدە ئامال قىلىپ، ئۇلارنى ج خ ئورگىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قىلىمىشى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن، پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

36-ماددا خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا ئۇرۇلسا ياكى تارتىپ چىقىرىلسا، ئۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇش لازىم. ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلىمىغۇچىلارغا قارىتا ئۆزىنى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۇنى توسۇپ قېلىش، ئۇلارنىڭ خالىغانچە ئۇرۇپ، دۈشكەللىشىگە يول قويماسلىق لازىم. ئادەمنى ج خ ئورگىنىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئەنزىنى ئەينى مەيدانغا بارمىغان ساقچىلار قوبۇل قىلىپ ئىشلىشى لازىم. تاياق يېگۈچى ساقچىلارنىڭ ھېسياتقا بېرىلپ ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئەنزىدىن خۇلاسە چىقارغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى جايدا بىر تەرەپ قىلىش نەتىىجىسىنى ئېلان قىلىش، ئاممىنى تەربىيلەپ، تەسىرىنى تۈگىتىش كېرەك.

37-ماددا ھەربىي، ساقچى خادىملار «ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە جازالاش نىزامى»غا خىلاپلىق قىلغاندا، ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا توسۇپ قېلىش، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىسا، ۋاقتىنچە قوغداش تەدبىرىنى قولىنىپ ئاندىن تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە ئۇقتۇرۇش لازىم. جازالاشقا تېگىشلىك بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ماتېرىيالىنى شۇ كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش لازىم.

38-ماددا ئامانلىق مەسلىلىرىنىڭ ئەينى مەيدانىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئورىۋالغان، ئەگەشكەن ئاممىغا قارىتا، سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. يولسىزلارچە ئەيىبلەش، ھەيۋە قىلىپ قورقۇتۇش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ، قورال ئىشلىتىش، ساقىچ قوراللىرىنى ئىشقا سېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

39-ماددا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ۋەقە تۇغدۇرۇپ، جەمئيەت ئامانلىق تەرتىپى، ئىدارە، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزگۈچىلەرگە قارىتا، چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك. سالاھىيتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلرىنى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ياكى ئۆز ئورنىنىڭ قايتۇرۇپ كېتىشىگە ئۇقتۇرۇپ، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ۋاقتىنچە ئائىلە-تاۋابىئاتى ياكى تۇرۇشلۇق ئورنىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمىغانلىرىنى، رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ھوشىغا كەلتۈرۈش، ئۆيىگە ئەكىرىپ، مەخسۇس كىشى نازارەت قىلىشى، مەستلىكى يېشىلگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ج خ ئورگىنىنىڭ ئىچىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

40-ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا، تەربىيە بېرىش بىلەن جازالاشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نىزامنىڭ يېنىكلىتىش، ئېغىرلىتىش، جازانى كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت كونكرېت بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كېسىم چىقىرىش كېرەك.

41-ماددا ئامانلىق مەسلىلىرىگە كېسىم چىقارغاندا، پاكىتنى ئاساس، «نىزام»نى ئۆلچەم قىلىش، پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. قەتئىي «نىزام»دا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈپ-تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش كۈرۈش لازىم، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىغان ھالدا ئۆزى خالىغانچە جازالاش مەنئى قلىنىدۇ.

42-ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا كېسىم چىقىرىشتا، كېسىم نامىنى تولدۇرۇپ، دەرھال ئۆزىگە ئېلان قىلىش ھەمدە كېسىم قىلىنغۇچىنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. كىسىمنامىگە قايىل بولماي ئەرز سۇنغانلارغا قارىتا، بىر دەرىجە يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئەرز قىلىش سەۋەبى، بېكىتىلگەن پاكىت،«تەتبىقلىغان نىزام» قاتارلىقلار ئۈستىدە ئەستايىدىل قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 35 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىش لازىم. چىقىرىلغان كېسىم مۇۋاپىق بولمىغان بولسا تۈزىتىش كېرەك : كېسىمنامە مۇۋاپىق بولغان بولسا، ئەسلى كېسىمنامىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك ھەمدە ئەرز قىلىغۇچىغا قانۇن-تۈزۈم تەربىيسىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى كېسىمنامىگە توغرا مۇئامىلە قىلدۇرۇش كېرەك،جەرىمانە قويۇلغان ياكى مال  مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان بولسا، ئىسپاتلىق چىقىرىپ بېرىش كېرەك.

43-ماددا بىرلەشمە مۇداپىئەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلدىغان خادىملارغا قارىتا، دائىمىلىق خاراكتىردىىكى سىياسەت، قانۇن-تۈزۈم تەربىيسى ئېلىپ بېرىش كېرەك.بىرلەشمە مۇداپىئە خادىملىرى خەلق ساقچىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئامانلىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنىى ئىجرا قىلغاندا، ساقىچ قوراللىرىنى ئېلىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزى يالغۇز چاقىرىقنى ئىجرا قىلىش، سوراق قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجراقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ھەرخىل ئەنزىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىشىقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

44-ماددا خەلق ساقچلىىرى قورال ئىشلەتكەندە «خەلق ساقچىلىرىنىڭ قورال ۋە ساقچى قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ئالاھىدە جىددى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندىن سىرت، ئالدى بىلەن ئېغىز ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش ياكى ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش، جىنايەتچى قۇرقۇپ بويسۇنۇش ئىپادىسى كۆرۈنسىلا، قارىغا ئېلىپ ئاتقاندىن كېيىن، ئەينى مەيداننى ياخشى ساقلاپ ھەمدە يۇقىرىغا دەرھال مەلۇم قىلىش لازىم.

45-ماددا قوراللىق جىنايەتچىنى تۇتۇشتا، قوراللىق ئېلىشىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئاممىنى تارقىتىۋېتىپ، نەق مەيدان شارائىتىنى ياخشى تاللاپ، سىياسىي ھۇجۇمنى قانات يايدۇرۇش لازىم. قارشىلىشىپ قورال تاپشۇرمىغانلارنى ئېتىشقا بولىدۇ. لېكىن ئېتىش جەريانىدا، ئاممىنى ئۇقۇشماسلىقتىن زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

46-ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلىغاندا قورال ئىلىتىشكە مۇمكىن بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ۋەقە ئاۋات كوچىلاردا، ئامما توپلاشقان سورۇنلاردا ياكى ئوڭاي ئوت ئالىدىغان، ئوڭاي پارتىلاپ كېتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، جايلاردا يۈز بەرگەن بولسا، ئىمكان قەدەر قورالدىن ئوق چىقىرىپ ئاتماسلىق كېرەك، بۇنداق ئەھۋالدا ساقچى كالتىكى ياكى باشقا ساقچى قوراللىرىنى ئىشقا سېىلپ ياكى ئاممىنى قوزغاپ، جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسۇشقا بولىدۇ.

47-ماددا قورال، ساقچى قوراللىىرىنى ساقلاش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش لازىم. ئېلىپ يۈرۈش، ئىشلىتىش زۆرۈر بولغان ۋاقتىدا، رەھبەرلىكنىڭ ياكى نۆۋەتچىلىككە مەسئۇل كىشىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش لازىم.

48-ماددا كويزا سېلىپ قويغان، باغلاپ قويغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، قارايدىغان ئادەم بولماسلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك؛ ئۆينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مۇقىم بېكىتىلگەن نەرسىلەرگە قوشۇپ كويزا سېلىپ قويۇش، باغلاپ قويۇش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. سوراق قىلىش جەريانىدا ساقچى كالتىكىنى ئىشلىتىش ۋە كۆز-كۆز قىلىپ ئالدىدا قويۇپ قويۇش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

49-ماددا يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش قاماقخانا ئورۇنلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار، جىنايەتچىلەرگە، يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈلگۈچى خادىملارغا جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئەنزە ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا پائال ماسلىشىپ، قالدۇق جىنايەتلىرىنى چوڭقۇر قېزىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. تۈرمە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىش كېرەك :تۈرمە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلغان، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەر ھەمدە تۈرمە، يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر ھالدا تەسىر يەتكۈزگۈچىلەرگە قارىتا، يوليۇرۇق سوراپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، جازالاش قوراللىرىنى قوشۇپ سېلىشقا بولىدۇ، تۈرمە ئىچىدە، جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ئۆز ۋاقىتىدا تەكشۈرۈپ پاكىتلاش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش لازىم. قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە قارىتا ساقچى كالتىكى ئىشلىتىپ تەن جازاسى بېرىشكە ۋە ئۇلارنى ئۇرۇپ تىللاشقا بولمايدۇ.

50-ماددا سودا-سانائەت، باج، ئەمگەك مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ماجىرالار : ج خ ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئەنزە بولمىسا، ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، ئۇنىڭغا قول سېلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا، پۇل قاتارلىق نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۆزى خالىغانچە تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#