مونترېئال

مونترېئال

مونترېئال __ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.

نامى مونترېئال
دۆلىتى كانادا
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 365.13 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇلۇق خاراكتېرىدىكى نەم كىلىماتقا تەۋە
خەنزۇچە نامى 蒙特利尔
ئۆلكىسى كۇيبىك ئۆلكىسى
تەۋە رايون كانادا كۇيبىك ئۆلكىسىنىڭ مونترېئال رايونى
نوپۇسى 1 مىليون 669 مىڭ 237 (2013-يىلى)
چەتئەلچە نامى Montreal

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مونترېئالكانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 365.13 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىسىنىڭ %60 نى فرانسۇز، %12 نى ئىنگلىزلارنىڭ ئەۋلادلىرى، %7 نى ئىتالىيە قان سىستېمىسىدىكىلەر، %4 نى يەھۇدىلار، قالغىنىنى نېمىسلار، گرېكلار ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %40 ى فرانسۇز تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇلار مونترېئال ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتەۇراقلاشقان. ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئاھالىنىڭ % 18نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئارالنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپلىرى بار. ئاھالىنىڭ كۆپى رىم كاتولىك دىنىغا، قالغىنى يەھۇدى دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.

مونترېئال پورتى، لاۋرېنتسىيە دەرياسى، بۈۋى مەريەم چېركاۋى، خان جەمەتى تېغى قاتارلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار.

مونترېئال بۇ جايدا ئەسلى ئىندىئانلىقلار ئولتۇراقلاشقان.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، سودا-سانائەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. شەھەردە ئەنئەنىۋى سانائەت تارماقلىرىدىن ياغاچچىلىق، تېرە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، بۇلاردىن باشقا يېڭى سانائەت تارماقلىرىدىن پاراۋوز، پولات-تۆمۈر، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، ئايروپىلان ياساش، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.

ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى

مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. 

مونترېئال شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1966-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.2 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. 

 1642-يىلى فرانسىيىلىكلەر كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان. 1760-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇ شەھەردە 1962-يىلى قۇرۇلغان 45 قەۋەتلىك +(پىلوس) شەكىللىك چوڭ بىنالار، نۇرغۇن يەر ئاستى ماگىزىنلىرى، مېھمانخانىلار، تىياتىرخانىلار، بانكىلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#