تېزەكچى قوڭغۇز

تېزەكچى قوڭغۇز

بۇ تېنى قارا، ئۇزۇنلۇقى 3 ~ 4 سانتىمېتىر، باش قىسمى ياپىلاق، دۈمبە قىسمىدا توغرىسىغا كەتكەن قىرلىرى ھەم قاسراقلىق قانىتى بار، كىچىك چىراغ يورۇقىغا ئامراق بىر خىل قوڭغۇز.

ئۇيغۇرچە نامى تېزەكچى قوڭغۇز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蜣螂虫

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ تېنى قارا، ئۇزۇنلۇقى 3 ~ 4 سانتىمېتىر، باش قىسمى ياپىلاق، دۈمبە قىسمىدا توغرىسىغا كەتكەن قىرلىرى ھەم قاسراقلىق قانىتى بار، كىچىك چىراغ يورۇقىغا ئامراق بىر خىل قوڭغۇز بولۇپ، ئەركەك قوڭغۇزنىڭ باش قىسمىنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر تال قىسقا بۇرۇتچىسى ھەم ئالدىنقى كۆكرەكنىڭ ئۇچىدا ۋە ئوڭ - سولدا ئىككى تال بۇرۇتى بولۇپ، چىشىسىدا بۇرۇت بولمايدۇ. بۇ قوڭغۇزنىڭ ئەركىكى «قىغ قوڭغۇزى»، «تېزەك قوڭغۇزى» ياكى «تۇلۇقچى قوڭغۇز» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

بىر خىل زەھەرلىك تەركىب بولۇپ، قىغ قوڭغۇزى زەھەر ماددىسىدىن ئىبارەت. ئۈنۈملۈك تەركىبى سۇدا ئېرىيدۇ. ماي كىسلاتاسى بار.

تىنچلاندۇرۇش، پالەچلەندۈرۈش تەسىرى بار، ئۇندىن باشقا نەپەسنى تېزلىتىدۇ.

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

تىنچلاندۇرۇش، سىپازما بوشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، تارتىشىشنى توختىتىش، تەرەتنى راۋان قىلىش.

چوڭ - كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق، بالىلاردىكى تارتىشىش، بوۋاسىر ئاقمىسى، چاقا ۋە چىيقان قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. قىغ قوڭغۇزنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ سارغايتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا 2 گىرام، كۈنىگە بىر قېتىم قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، چوڭ - كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.

2. قىغ قوڭغۇزىدىن بىر دانە ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بالىلاردىكى تارتىشىشقا شىپا بولىدۇ.

3. قىغ قوڭغۇزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، كاپوردىن ئازراق قوشۇپ كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، بوۋاسىر ئاقمىسى، چاقا ۋە چىقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

1.2 ~ 3.2 گىرام.

زەھەرلىك.

ئېلىمىزنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#