جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنى

قانۇن

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنى» 2010–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2010–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国涉外民事关系法律适用法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó shè wài mín shì guān xì fǎ lǜ shì yòng fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2011–يىلى 4–ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنى» چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ تالاش–تارتىشلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (36–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنى» 2010–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17–يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011–يىلى 4–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2010–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى

1-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

1-ماددا بۇ قانۇن چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇن مۇشۇ قانۇن بويىچە بېكىتىلىدۇ. باشقا قانۇنلاردا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر باشقا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بەلگىلىمە بولمىسا، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ھەممىدىن بەك ئالاقىسى بولغان قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا ئالاقىدارلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا بولىدۇ.

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولسا، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك شۇ بەلگىلىمە بىۋاسىتە تەتبىقلىنىدۇ.

5-ماددا چەت ئەلنىڭ قانۇنىنى تەتبىقلىغاندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

6-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە چەت ئەلنىڭ قانۇنى تەتبىقلانغان، شۇ دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونىدا ئوخشاش بولمىغان قانۇن يولغا قويۇلغان بولسا، چەت ئەلگە چېتىشلىق شۇ ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ھەممىدىن بەك ئالاقىسى بولغان رايوننىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

7-ماددا دەۋا ۋاقىت چېكىدە، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان ئالاقىدار قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

8-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە، سوت مەھكىمىسى بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

9-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان چەت ئەل قانۇنى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

10-ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان چەت ئەل قانۇنىنى خەلق سوت مەھكىمىسى، كېسىم ئاپپاراتى ياكى مەمۇرىي ئورگان ئېنىقلايدۇ. ئالاقىدارلار چەت ئەل قانۇنىنى تەتبىقلاشنى تاللىغان بولسا، شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

چەت ئەل قانۇنى تېپىلمىسا ياكى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلىمە بولمىسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

2-باب ھەق تەلەپ سۇبيېكتى

11-ماددا تەبىئىي ئىگىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارىغا دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

12-ماددا تەبىئىي ئىگىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

ھەق تەلەپ ھەرىكىتىدە بولغان تەبىئىي ئىگىلەردىن دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، دەپ ھېسابلىنىپ، ھەرىكەت قىلغان جاينىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بار، دەپ ھېسابلانغانلىرىغا ھەرىكەت قىلغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن نىكاھ-ئائىلە، ۋارىسلىق بۇنىڭ سىرتىدا.

13-ماددا يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆلگەنلىكى جاكارلانغان تەبىئىي ئىگىلەرگە ئۇ دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

14-ماددا قانۇنىي ئىگە ۋە ئۇنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى، تەشكىلىي ئاپپاراتى، پايچىكلىرىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى قاتارلىق ئىشلاردا، تىزىمغا ئالدۇرغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

قانۇنىي ئىگىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت قىلىدىغان جايى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان جايى بىر جاي بولمىسا، ئاساسلىق تىجارەت قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشقا بولىدۇ. قانۇنىي ئىگىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئاساسلىق تىجارەت قىلىدىغان جايى بولىدۇ.

15-ماددا ئادەملىك ھوقۇقىدا، ھوقۇق ئىگىسى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

16-ماددا ۋاكالەتچىلىكتە، ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتى بولغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتچىنىڭ ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە، ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

ئالاقىدارلار ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىكتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ.

17-ماددا ئالاقىدارلار ئىناۋەتتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاللىمىغان بولسا، ئىناۋەتلىك مال-مۈلۈك بار جاينىڭ قانۇنى ياكى ئىناۋەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

18-ماددا ئالاقىدارلار كېسىم كېلىشىمىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاللىمىغان بولسا، كېسىم ئاپپاراتى بار جاينىڭ قانۇنى ياكى كېسىم قىلىنغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

19-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە تەۋەلىكىدىكى دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشتا، تەبىئىي ئىگىلەردىن ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدە بولغانلىرىغا ئۆزى دائىم تۇرۇشلۇق تەۋەلىك دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، ئۆزى تەۋە دۆلەتتە دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىغانلىرىغا ئۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن بەك ئالاقىسى بولغان ئۆزى تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. تەبىئىي ئىگىلەردىن دۆلەت تەۋەلىكى يوقلىرى ياكى دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغانلىرىغا دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

20-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشتا، تەبىئىي ئىگىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئېنىق بولمىسا، ھازىر تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

3-باب نىكاھ-ئائىلە

21-ماددا نىكاھ شەرتىدە، ئالاقىدارلار ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، نىكاھلانغۇچىلارنىڭ ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىسا، ئورتاق تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئورتاق دۆلەت تەۋەلىكى بولمىسا، نىكاھلانغۇچىنىڭ بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جايدا نىكاھلانغان ياكى تەۋە دۆلەتتە نىكاھلانغان بولسا، نىكاھلانغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

22-ماددا نىكاھ رەسمىيىتى نىكاھلانغان جاينىڭ قانۇنى، نىكاھلانغۇچىنىڭ بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلسە، كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

23-ماددا ئەر-خوتۇننىڭ جىسمانىي مۇناسىۋىتىدە، ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىسا، ئورتاق تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

24-ماددا ئەر– خوتۇننىڭ مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە، نىكاھلانغۇچىلار بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى، تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى ياكى ئاساسلىق مال-مۈلكى بار جاينىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشنى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. نىكاھلانغۇچىلار تاللىمىغان بولسا، ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىسا، ئورتاق تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

25-ماددا ئاتا-ئانا، پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە، ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىسا، ئالاقىدارلارنىڭ بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىدىكى ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

26-ماددا كېلىشىپ ئاجرىشىشتا، نىكاھلانغۇچىلاردىن بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىنى ياكى تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشنى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. نىكاھلانغۇچىلار تاللىمىغان بولسا، ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىسا، ئورتاق تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئورتاق دۆلەت تەۋەلىكى بولمىسا، ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەن ئاپپارات بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

27-ماددا دەۋالىشىپ ئاجرىشىشتا، سوت مەھكىمىسى بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

28-ماددا بېقىۋېلىش شەرتى ۋە رەسمىيىتىدە، بېقىۋالغۇچى ۋە بېقىۋېلىنغۇچى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. بېقىۋېلىشنى كۈچكە ئىگە قىلىشتا، بېقىۋالغۇچى بېقىۋالغان چاغدا دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشتا، بېقىۋېلىنغۇچى بېقىۋېلىنغان چاغدا دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى سوت مەھكىمىسى بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

29-ماددا كۈتۈشتە، ئالاقىدارلارنىڭ بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى، تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى ياكى ئاساسلىق مال–مۈلكى بار جاينىڭ قانۇنلىرىدىكى كۈتۈلگۈچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

30-ماددا ۋەسىيلىكتە، ئالاقىدارلارنىڭ بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىدىكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

4-باب ۋارىسلىق

31-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىقتا، ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلگەن چاغدىكى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن كۆچمەس مۈلۈككە قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە ۋارىسلىق قىلىشتا، كۆچمەس مۈلۈك بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

32-ماددا ۋەسىيەت ئۇسۇلى ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ۋەسىيەت قالدۇرغان ياكى ئۆلگەن چاغدىكى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى، تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى ياكى ۋەسىيەت قالدۇرغان جاينىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولسا، ۋەسىيەت ۋۇجۇدقا چىققان بولىدۇ.

33-ماددا ۋەسىيەتنى كۈچكە ئىگە قىلىشتا، مىراس قالدۇرغۇچى مىراس قالدۇرغان ياكى ئۆلگەن چاغدىكى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى تەۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

34-ماددا مىراس باشقۇرۇش ئىشلىرىدا، مىراس بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

35-ماددا ۋارىسلىق قىلغۇچىسى يوق مىراسنىڭ تەۋەلىكىدە، ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلگەن چاغدىكى مىراس بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

5-باب نەرسە ھوقۇقى

36-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا كۆچمەس مۈلۈك بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

37-ماددا ئالاقىدارلار كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاللىمىغان بولسا، قانۇن پاكىتى يۈز بەرگەن چاغدا كۆچمە مۈلۈك بار جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

38-ماددا ئالاقىدارلار توشۇلۇۋاتقان كۆچمە مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاللىمىغان بولسا، توشۇپ بېرىلغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

39-ماددا باھالىق ئاكسىيەدە، باھالىق ئاكسىيە ھوقۇقى ئەمەلگە ئاشقان جاينىڭ قانۇنى ياكى شۇ باھالىق ئاكسىيە بىلەن ھەممىدىن بەك ئالاقىسى بولغان باشقا قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

40-ماددا ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقىدا، گۆرۈ ھوقۇقى بېكىتىلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

6-باب ھەقدارلىق

41-ماددا ئالاقىدارلار توختامغا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاللىمىغان بولسا، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا شۇ توختامنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھەممىدىن بەك گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان، ئالاقىدارلارنىڭ بىرى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى ياكى شۇ توختام بىلەن ھەممىدىن بەك ئالاقىسى بولغان باشقا قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

42-ماددا ئىستېمالچىلار توختامىغا ئىستېمالچى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئىستېمالچىلار تاۋار، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن جاينىڭ قانۇنىنى تاللىغان بولسا ياكى ئىستېمالچى دائىم تۇرۇشلۇق جايدا تىجارەتچى ئالاقىدار تىجارەت پائالىيىتى قىلمىسا، تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

43-ماددا ئەمگەك توختامىغا ئەمگەكچى ئىشلىگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، ئەمگەكچىنىڭ ئىشلىگەن جايىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئاساسلىق تىجارەت قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. ئەمگەكچى ئەۋەتىشتە، ئەمگەكچى ئەۋەتكەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلانسا بولىدۇ.

44-ماددا ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىدا، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر بولغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلارنىڭ ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جايى بار بولسا، ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىغان بولسا، شۇ كېلىشىم بويىچە بولىدۇ.

45-ماددا مەھسۇلات جاۋابكارلىقىدا، ھوقۇقىغا چېقىلىنغۇچى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ھوقۇقىغا چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت قىلىدىغان جايىنىڭ قانۇنى، زىيان پەيدا بولغان جاينىڭ قانۇنىنى تاللىغان بولسا ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇقىغا چېقىلىنغۇچىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايىدا ئالاقىدار تىجارەت پائالىيىتى قىلمىغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئاساسلىق تىجارەت قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنى ياكى زىيان پەيدا بولغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

46-ماددا تور ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن ئىسىم– فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام-ئابرۇي ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى قاتارلىق ئادەملىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە ھوقۇقىغا چېقىلىنغۇچى دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

47-ماددا نامۇۋاپىق نەپكە ئېرىشىۋېلىش، سەۋەبسىز باشقۇرۇشتا، ئالاقىدارلار تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاللىمىغان بولسا، ئالاقىدارلار ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئورتاق دائىم تۇرۇشلۇق جايى بولمىسا، نامۇۋاپىق نەپكە ئېرىشىۋېلىش، سەۋەبسىز باشقۇرۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

7– باب بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى

48-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ۋە مەزمۇنىغا قوغداش تەلەپ قىلىنغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

49-ماددا ئالاقىدارلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىجازەت بىلەن ئىشلىتىشتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار تاللىمىغان بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى توختامغا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

50-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جاۋابكارلىقىدا، قوغداش تەلەپ قىلىنغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، ئالاقىدارلار ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر بولغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى بار جاينىڭ قانۇنىنى تەتبىقلاشنى كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

51-ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 146-ماددىسى، 147-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

52-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4289520.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#