دۇنيا بۆرەك ئاسراش كۈنى

خەلقئارا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا بۆرەك فوندى ئىتتىپاقى بىرلىشىپ، 2006-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئىككىنچى پەيشەنبە كۈنىنى دۇنيا بۆرەك كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا بۆرەك ئاسراش كۈنى
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان
ۋاقتى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئىككىنچى پەيشەنبە كۈنى
تەسىس قىلىش ئاپپاراتى ISN和IFKF
خەنزۇچە ئاتىلىشى 世界肾脏日
باشقا نامى دۇنيا بۆرەك كۈنى
ئېنگىلىزچە نامى World Kidney Day

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرەك ئاسراش كۈنىنۆۋەتتە يەر شارىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن، ئەمما پۇقرالاردا مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل، خەلقئارا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا بۆرەك فوندى ئىتتىپاقى بىرلىشىپ، 2006-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئىككىنچى پەيشەنبە كۈنىنى دۇنيا بۆرەك كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، مەقسەت كىشىلەرنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىگە قارىتا تونۇش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈش ئىنتايىن مۇھىم. بىر قۇرامىغا يەتكەن ساغلام ئادەمنىڭ بۆرىكى ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 لىتىر قان سۈزۈش ۋە تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ. مېتابولىزم ماددىلىرى ئارقىلىق مېنىرال ماددىلارنى سۈزىدۇ ھەمدە سۇ قوشۇپ ئۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۆرەك مىنېرال ماددىلار ۋە قاننىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى بىر مۇقىم ھالەتتە ساقلاپ قېلىشتىن باشقا يەنە بۆرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى قان بېسىمىنى كونترول قىلىش، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىش، سۆڭەك ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. خەلقئارا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا بۆرەك فوندى بىرلەشمىسى ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش، بۆرەك كېسىلنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش، بۆرەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇراجەت قىلغان.

بۆرەك ئاسراش كۈنىخەلقئارا بۆرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا بۆرەك فوندى بىرلەشمىسى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ تەسىس قىلغان دۇنيا بۆرەك كۈنىنىڭ مەقسىتى : كىشىلەرنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ  پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە  ئۆلۈش نىسبىتىگە قارىتا تونۇش ھاسىل قىلىش. ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى دۇنيا بويىچە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.  دوختۇرلار ۋە كەسپىي پەرۋىش خادىملىرى تېخىمۇ سەگەك بۇلۇپ، بۆرەكنىڭ رولىنى تونۇپ يېتىپ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (مەسىلەن : دىئابېت كېسىلى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك)، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، ھەر قانداق شەكىلدىكى بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق مەسىلەرنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

بۆرەك ئاسراش كۈنىپۈتۈن دۇنيادىكى مېدىتسىنا خادىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلگە بولغان تونۇشى زور دەرىجىدە ئۆسكەن، توغرا بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنى كېچىكتۈرۈش جەھەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان. جۇڭگودىكى كىشىلەر توپى ئىچىدە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىدىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، كۆپلىگەن بىمارلار ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنىڭ تۆتىنچى مەزگىلى، ھەتتا 5-قارارلىق مەزگىلىگە كەلگەندە ئاندىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش ئېلىپ بارغان. شۇڭا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈش ياكى كېسەللىكنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بالدۇر بايقاپ، ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىش، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاساسىي يولى. 

2006-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى : ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى؛ 

2007-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى : بۆرىكىڭىزنى چۈشنىڭ؛

2008-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى : ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۆرەك؛

2009-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى : قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش؛

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى : بۆرەكنى ئاسراش، قەنىت سىيىش كېسىلىنى تىزگىنلەش؛ 

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى : بۆرەك، يۈرەكنى ئاسراش؛

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى : بۆرەك تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش؛

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى : جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى : ساغلام بۆرەك، گۈزەل تۇرمۇش : ياشانغانلار سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلگە ئەھمىيەت بېرىش.[0] 




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#