ﺩﯨﭙﯩﻜﺎ ﭘﺎﺩﻛﻮﻧﻰ
ﺩﯨﭙﯩﻜﺎ ﭘﺎﺩﻛﻮﻧﻰ 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېن دا تۇغۇلغان، ھىندىستان كىنو چولپىنى، ئارتىس، مودېل، ھىندىستان بوللىۋودتىكى ھازىرقى داڭلىق ئايال چولپان، بېلەت كىرىمى خانىشى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھىندىستان كىنو چولپىنى دېپىكا پادۇكون 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى دانىيە پايتەختى كوپېنھاگىندا تۇغۇلغان، بىر ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى بىلەن ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى دۇنيا پەي توپ چىمپىيونى پراكاش پادۇكون. دېپىكا پادۇكوننىڭ ئانا تىلى كونكانى تىلى. ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دېپىكانىڭ پەي توپ ئويناش سەۋىيىسى دۆلەتلىك دەرىجىگە يېتىدىغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تەنھەرىكەتچى بولۇشتىن ۋاز كېچىپ مودېل ساھەسىگە كىرگەن ۋە ناھايىتى تېزلا بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىققان.
دېپىكا پادۇكون ھىندىستان بوللىۋودتىكى ھازىرقى داڭلىق ئايال چولپان. تاتلىققىنە چىراي، مۇكەممەل بەدەن قۇرۇلۇشى، كامالەتكە يەتكەن سەنئەت ماھارىتى بىلەن ھىندىستاندا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ھەمدە ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا كىنو ئىشلەش ھـەقـقى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسنىڭ بىرى. ئۇ زور بېلەت كىرىمىگە ئىگە بولۇپ، بېلەت كىرىمى خانىشىغا ئايلانغان.
2007-يىلى ئۇ مىسىلسىز ھالدا تۇنجى فىلىمىدىلا بوللىۋود خانى شاھرۇھخان بىلەن ھەمكارلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇدا «ئاج كالنى ياخشى كۆرۈش» قاتارلىق بىرقانچە چوڭ فىلىملەردە رول ئېلىپ چولپانلىق ئاساسىنى تىكلىگەن. لېكىن 2010-يىلى 2011-يىلىغىچە ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ ئىشلىگەن فىلىملەر ئۇدا مەغلۇب بولۇپ كەسپىدە كىرىزىس پەيدا بولغان، بەختكە يارىشا دېپىكا 2012-يىلى «كوكتىل ھارىقى» بىلەن كۈچلۈك ھالدا قايتىپ كەلگەن. 2013-يىلى بولسا پۈتۈنلەي دېپكا يىلى بولۇپ قالغان.
بۇ يىلى ئۇ ئەڭ بازارلىق ئون فىلىمنىڭ تۆتىدە رول ئالغان، «مۇسابىقە 2»، « تەلۋە ياشلىق»، «جېننەي تېز پويىزى»، «رام لېلا» قاتارلىق. ئۇ شاھرۇھ خان بىلەن قايتا ھەمكارلاشقان فىلىم «جېننەي تېز پويىزى» شۇ ۋاقىتتا ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور بېلەت كىرىمى ياراتقان فىلىم بولۇپ قالغان.
2014-يىلى ئۇ يەنە شاھرۇھ خان بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ بېلەت كىرىمى رېكورتلىرىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن 2015-يىلى تارىخىي فىلىم «باجىراۋ مەستانى»دە خانىش مەستانىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك رول ئېلىش ماھارىتىنى قايتا نامايان قىلغان.
بوللىۋودتا ئاللىقاچان ئايال ئارتىسلارنىڭ كەسپىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ياراتقان دېپىكا ھازىر نەزىرىنى خەلقئاراغا يۆتكىگەن، ئۇ خەلقئارالىق چولپان ۋىن دېسل، لى ليەنجيې بىلەن ئىشلەيدىغان كىنو ئىشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، كەسپىدىكى بۇ يېڭى يارقىن نۇقتا بىلەن دېپىكا پات ئارىدا ھەقىقىي دۇنياۋى چولپان بولۇپ قالغۇسى.
ئائىلە
دېپىكانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز بومباي دا تۇرىدۇ، بىراق قەرەللىك ھالدا يۇرتى بانگالور غا بېرىپ ئۆيدىكىلىرىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى دادىسى Prakash Padukone(دۇنيا پەي توپ چېمپىيونى)، ئانىسى Ujjala Padukone ۋە سىڭلىسى ئاننا (گولف توپ تەنھەرىكەتچىسى).
شەخسىي تۇرمۇش
دېپىكا پادۇكون 2008-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئارتىس رانبىر كاپور بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققان، 2009-يىلى 11-ئايدا رانبىر كاپور بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇش قارارىغا كەلگەن. 2010-يىلى ئۇ Kingfisher ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئوغلى بىلەن يۈرگەن، ئۇلار 2012-يىلى ئايرىلىپ كەتكەن.
ﺩﯨﭙﯩﻜﺎ ﭘﺎﺩﻛﻮﻧﻰدېپىكا پادۇكون 2009-يىلى «دۇنيا 10 k بانگالور قۇياش نۇرى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغان. خەير-ساخاۋەت مەبلىغى ئاجىرتىپ 81 غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ياردەم قىلغان.
2010–يىلى «يېشىل ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش سايلام رىقابىتى»نىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر كىچىك كەنتنى «بېقىۋالغان»، ئۇلارنى نورمال توك بىلەن تەمىنلىگەن.
ﺩﯨﭙﯩﻜﺎ ﭘﺎﺩﻛﻮﻧﻰدېپىكا پادۇكون كۆپ قېتىم ئەڭ ياخشى ئايال تەنھەركەتچى مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى، يىللىق يېڭى چىرايلار مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى، ئېكراندا قەھرىمان مۇكاپاتى، ئەڭ قىزىقارلىق ئايال ئارتىس، ئەڭ رومانتىك ھەمراھ، ھىندىستان بېلەت كىرىمى خانىشى، Zee Astitva مۇكاپاتى، Times ئەڭ مودا مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.