رۇدولف دېسېل

رۇدولف دېسېل

رۇدولف دېسېل 1858-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى فرانسىيە پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئەنگلىيىگە كېتىۋاتقاندا، پاراخوت ھادىسىگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى قازا قىلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى رۇدولف دېسېل
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1858-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەسپى كەشپىياتچى، فىزىكا ئالىمى، كارخانا باشقۇرغۇچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鲁道夫·狄赛尔
يۇرتى فرانسىيە پارىژ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
چەتئەلچە نامى Rudolf Christian Karl Diesel

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇدولف دېسېلرۇدولف دېسېل 1858-يىلى فرانسىيە پارىژدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەسلىدە تېرە بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بىر ئۇششاق سودىگەر ئىدى. 1870-يىلى بولغان پرۇسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى سېدان جېڭىدىن كېيىن، پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە پارىژدىن قوغلىنىپ، لوندونغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ چاغدا رۇدولف دېسېل ئاران 12 ياشقا كىرگەن. لوندوندىكى چاغدا، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇزاققىچە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، كېيىن ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىينىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئاران 3 يىل كەسپىي مەكتەپتە ۋە 2 يىل سانائەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. رۇدولف دېسېل ئوقۇشتا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتىنى كۆرسەتكەن. دەرۋەقە ئۆزىمۇ تىرىشىپ ئوقۇغان. شۇڭا ھەر قېتىمقى ئىمتىھاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن. ئۇ 1880-يىلى ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن.

ئۇ 1913-يىلى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئەنگلىيىگە كېتىۋاتقاندا، پاراخوت ھادىسىگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى قازا قىلغان.

رۇدولف دېسېلرۇدولف دېسېل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر پروفېسسورغا ياردەمچى بولىدۇ. كېيىن يەنە شىۋېتسارىيەگە بېرىپ بىر زاۋۇتتا پراكتىكا قىلىدۇ. ئاخىرىدا لىندىدىكى مۇزلىتىش ماشىنلىرى شىركىتىنىڭ پارىژ مۇزلىتىش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىنژېنېرلىق ئىشىنى ئىشلىگەن. 

رۇدولف دېسېل پارىژدا تۇرغان ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى «ئاممىياك گازى دىۋىگاتېلى» ئۈستىتىدىكى تەتقىقاتقا سەرپ قىلىدۇ. بىراق، تۈرلۈك تەجرىبىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئارقىسىدا، ئۇ ئاممىياك گازى دىۋىگاتېلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى «ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل» ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا قارىتىدۇ. دەسلەپتە ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل كۆمۈر گازى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلەتتى. ئۇ تەخمىنەن 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىلا بارلىققا كەلگەن ئىدى. 1887-يىلى، گېرمانىيەلىك داملېر گازلاندۇرۇش ئەسۋابىنى كەشپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېنزىن بىلەن ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل دۇنياغا كەلدى. رۇدولف دېسېل مۇشۇ ئاساستا بىر قەدەر ئېغىر، بىر قەدەر ئەرزان باھالىق يېقىلغۇ ماي بىلەن ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى ئىشلەپچىقىرىشقا بەل باغلىدى. 1890-يىلى ئۇ گېرمانىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ قۇۋەت ماشىنىسىنى ئىشلەش نەزىرىيىسى پىشىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۇنىڭ ئىسخېمىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى ياساشنىڭ مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ مەزگىلىدە ئۇ «پار ماشىنىسىنىڭ ۋە ھازىرقى ۋاقىتتا ئىشلىتىۋاتقان ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئىسسىقلىق ماشىنلىرى نەزىرىيىسى ۋە تۈزۈلۈشى» دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرغاندا بۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكىلەر ۋە بەزى مەشھۇر پروفېسسورلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. رۇدولف دېسېل ئۆز نەزىرىيسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى ئىشلەش ئىشىغا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىرىشىپ كېتىدۇ.

1892-يىلى، دېزىلنى يېقىلغۇ قىلغان ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىقىدۇ. 1893-يىلى، ئىككىنچى دېزىل ماشىنسىنى ياساشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. كرۇپ قورال-ياراق زاۋۇتى بىلەن ئاۋگىبۇرگ ماشىنسازلىق زاۋۇتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، بۇ ماشىنا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقىدۇ. ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل 18 ئات كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئىسىقلىق بېرىش ئۈنۈمى 38 پىرسەنت بولىدۇ، ئۇ 1898-يىلى ميۇنخېندا ئاشكارا كۆرگەزمىگە قويۇلغاندا، قاتتىق ئالقىشقا ئىگە بولىدۇ. رۇدولف دېسېل 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە دېزىل ماشىنسىنى ياخشىلاش ئىشى بىلەن بەنت بولغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3790342.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#