چېن يى

چېن يى (1901-1972-يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لېجى دېگەن يېرىدىن. ئۇ ۋەتەننى، مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن، 1919-يىلى فرانسىيە گە بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن يى
باشقا نامى 陈世俊,字仲弘
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىلى
كەسپى پرولتارىيات ئىنقىلابچىسى ، ھەربىي ئالىم
خەنزۇچە ئىسمى 陈毅
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لېجى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1972-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن يىچېن يى (1901-1972-يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لېجى دېگەن يېرىدىن. ئۇ ۋەتەننى، مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن، 1919-يىلى فرانسىيە گە بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. 1927-يىلىدىكى «1-ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن قىزىل ئارمىيە گە قاتنىشىپ، ئىتتىپاق، پارتىيە ۋەكىلى بولغان. 1928-يىلى جۇ دېغا ئەگىشىپ نەنچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ شياڭنەن قوزغىلىڭىنى كۆتۈرگەن ھەمدە جىڭگاڭشەنگە يۆتكىلىپ، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇچراشقان. چېن يى قىزىل ئارمىيە4-جۈن سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئىنقىلابىي بازا قۇرۇش ۋە قىزىل ئارمىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈرەشلىرىگە تۆھپە قوشقان. كېيىن يەنە جياڭشى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان.

چېن يى 1934 -يىلى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغاندا، چېن يى بۇيرۇققا بىنائەن جەنۇبىي جياڭشىدا قېپقېلىپ، ئۈچ يىل ئىنتايىن جاپالىق، ئەمما ناھايىتى نەتىجىلىك پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان. ئۇ شېئىر يېزىپ شۇ چاغدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان. 1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، يېڭى 4-ئارمىيە 1-تارماق قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ماۋشەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان. 1940-يىلى 10-ئايدا ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ جياڭسۇنىڭ شىمالىدىكى خېڭچياۋ كۆۋرۈكىدە گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ 15 مىڭ ئادىمىنى يوقاتقان. 1941-يىلى «جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ مۇۋەققەت جۈنجاڭى ۋە جۈنجاڭى بولۇپ، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىلارنى مۇستەھكەملىگەن ۋە كېڭەيتكەن. 

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چېن يى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەندۇڭ دالا ئۇرۇش ئارمىيەسى، شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيەسى، 3-دالا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ شەندۇڭنىڭ مېڭلياڭگۇ دېگەن يېرىدە گومىنداڭنىڭ داڭدار قوشۇنى − 74-شىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھەمدە كۆلىمى ئىنتايىن زور بولغان خۇەيخەي ئۇرۇشىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان. كېيىن يەنە قوشۇنىنى باشلاپ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەختى نەنجىڭنى ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلغان. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چېن يى شەرقىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان، كېيىن يەنە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشال ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا لىن بياۋ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. ئۇ شۇ چاغدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنىمۇ يارقىن شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. 

چېن يى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شائىر بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەلەمگىمۇ، قەلەمگىمۇ ماھىر» دەپ تەرىپلەنگەن. 1972-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#